خىتاينىڭ 18‏-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى ھەققىدىكى پاكىتسىز يەكۈنىگە خەلقئارا جەمئىيەت ئىشەنمەيدۇ

خوتەندە يۈز بەرگەن 18‏-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە مەخسۇس «شىنجاڭدىكى تېررورلۇق مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ كۆز قارىشىنى رەت قىلماقتا.

0:00 / 0:00

خوتەندە 18‏-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ساقچى ئورگىنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. خىتاي ئالدى بىلەن بۇ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشكە ئالدىرىدى، ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى تېخىچە ئېلان قىلمايۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشى مۇنداق:

ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيە چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خوتەندە يۈز بەرگەن خىتاينىڭ ساقچى ئورگىنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە، خىتاي ھازىر يەنىلا سەۋەب كۆرسىتىۋاتىدۇ، خىتاي 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلەرنىڭ خاتا بولغانلىقىنى تېخىچە ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ، خىتاينىڭ ھازىر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزى داۋاملىق جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلى.

رادىئويىمىزنىڭ خىتايچە بۆلۈملىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ قانۇنشۇناسى ۋاڭ جىنيۈ، ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، خوتەندە يۈز بەرگەن ساقچى ئورگانلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى تېررورلۇق ھەرىكەت بولۇشى مۇمكىن. ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ساقچىغا ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ قولىدا پىچاق بار. نامايىش قىلىدىغان كىشىلەر ئادەتتە نامايىشقا پىچاق كۆتۈرۈپ بارمايدۇ. ئەمدى ھۆكۈمەت بۇ ۋەقەنى، ئادەتتە شىنجاڭدا ياكى تىبەتتە يۈزبەرگەن ۋەقەلەرنىڭ خاراكتېرىنى تېررورلۇق دەپلا بېكىتىپ سوت ئېچىپ، جازا ھۆكۈم قىلىشنى ناھايىتى تېز بېجىرىپ كېلىۋاتقان چارىسى بويىچە، يەنىلا تېز بىرتەرەپ قىلىشى مۇمكىن، دېگەن.

خىتاينىڭ ماكاۋ ئالاھىدە رايونىدىكى ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى خۇاڭدوڭ، ھەر قانداق ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىش ئۇنىڭ تەپسىلىي پاكىتلىرىغا ئاساسەن بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ساقچى ئورگانلارغا ھۇجۇم قىلدى دېگەن ئۇيغۇرلارنى پالتا، پىچاق، كۆيدۈرگۈچ بوتۇلكا ئىشلەتتى دەپ ئېلان قىلدى، ئەمما خىتاينىڭ ساقچى ئورگىنىغا ھۇجۇم قىلغان ئادەملەر كىم، ئۇلاردىن كىم كىمنى ئۆلتۈردى، كىمنى كىم گۆرۈگە ئېلىۋالدى، كىم نېمىنى كۆيدۈردى، بۇنىڭ نەق دەلىل-ئىسپاتى قېنى؟ پىلانلىق، مەقسەتلىك، تەشكىللەنگەن تېررورلۇق ھەرىكەت دېگەننىڭ پاكىتىچۇ؟ دەپ سوئال قويغان ۋە ئەگەر ھۆكۈمەت دەلىل -پاكىتلارنى كۆرسىتەلمىسە، خىتاينىڭ يەكۈنىنى ئىنكار قىلىش پىكرىمنى ساقلاپ قالىمەن دېگەن.

مەخسۇس «شىنجاڭدىكى تېررورلۇق مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسرائىلىيە ھىبراي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى يىتزاك شىخور، خوتەندە 18‏-ئىيۇل كۈنى ساقچى ئورگانغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ، خەلقئارادىكى تېررورچى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بولۇش ئېھتىمالى يوق دەپ كېسىپ ئېيتقان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي شىنجاڭ دېگەن بۇ جاينىڭ چېگراسىنى ئىنتايىن قاتتىق كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي بۇنىڭغا ساقچى ۋە مۇنتىزىم ھەربىي كۈچلىرىنى يېتەرلىك قويغان. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، شىنجاڭدا تەشكىللىك ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھەركىم ھېس قىلالايدۇ. دەل مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خوتەندە ساقچى ئورگانغا قىلىنغان ھۇجۇمنى، خىتاينىڭ تەشكىللىك ھەرىكەت دېگىنى پاكىتسىز گەپ.

پروفېسسورى شىخورنىڭ قارىشىچە، خىتاي 90‏-يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ كېلىۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت گەرچە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى قوللىسىمۇ، ئەمما بۇنداق تەبىرى مۈجمەل، پاكىتى يوق قۇرۇق گەپكە ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ.