خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى نېمە؟

تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ خەۋىرىدىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

0:00 / 0:00

كۆزەتكۈچىلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارادىكى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە پىسەنت قىلمىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئاز تۇغقانلارنى مۇكاپاتلاش، ئاز پەرزەنت كۆرگەن دېھقانلارنىڭ ھاشار ئەمگىكىنى بىكار قىلىش، يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشىدا ئېتىبار بېرىش دېگەنگە ئوخشاش تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىن ھېسابلانغان پەرزەنت كۆرۈش ئەركىنلىكىنى ئاياق - ئاستى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە. ئۇنداقتا چەتئەللەردە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قانداق باھا بېرىلىۋاتىدۇ؟ بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى سېيتنىسا لوقماننىڭ ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىنى ئاڭلايسىلەر.