ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى پسىخىك ساغلاملىق مەسىلىلىرى ھەققىدە (1)

ساغلام جەمئىيەت ساغلام كىشىلەردىن بەرپا بولىدۇ. ياشاش مۇھىتنىڭ ساغلاملىقى، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى بولغان ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.07.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Urumqi-dong-kowruk-ishsiz-Uyghurlar-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﺘﺎ ﺑﯩﺮﻛﺎﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA File

ئىنسانلار ياشاش جەريانىدا دۇچ كېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك ئاپەت، زەربە ۋە ئوڭۇشسىزلىق، ھىجران، جۇدالىق، خورلۇق، روھىي بېسىملار، ئىنسانلار ئورگانىزمىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بىۋاسىتە ھالدا پسىخىكىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. ھەتتا بېزىلەر نورمال فۇنكسىيىسىنى يوقىتىپ روھىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر سىياسىي، دىنىي ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي بېسىملار، تەڭسىز رىقابەت، مىللىي كەمسىتىشكە ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ پسىخىك ساغلاملىقىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتىگە سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. دەرۋەقە، ئۇيغۇرلار مەيلى ئۆز ۋەتىنىدە ۋە ياكى چەتئەللەردە ياشىمىسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ناھەق سىياسىتىنىڭ ۋاسىتىلىك ۋە بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلمەكتە، ئۇنداقتا خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ پسىخىك ساغلاملىقىغا قانداق تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر؟

روھىي ھالەتنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تامامەن ئوخشىمايدىغان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا كۆز يۇمالمايمىز. بۇ يەردە مۇۋەپپەقىيەت ئىلمىنىڭ پېشۋاسى سانالغان ناپولېئون خېئولنىڭ سۆزىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ‏ياكى قازىنالماسلىقىدىكى ئاچقۇچ ئۇنىڭ روھىي ھالىتىدە.»

ئىنسانلارنىڭ پسىخىك ھالىتىنىڭ نورمال ياكى بىنورماللىقىنى پەرقلەندۈرۈشتە، ئومۇمىي ساۋات خاراكتېرلىك يەنى يۈزەكى پەرقلەندۈرۈش ئۆلچىمى مۇنداق:

  • ئىستاتستىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، پسىخىك نورمالسىزلىق مەلۇم خىل پسىخىكىنىڭ ستاتىستىكىلىق قېلىپتىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
  • مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، پسىخىك نورمالسىزلىق مەلۇم خىل مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادىتىدىن چەتنەپ كەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ.
  • جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، پسىخىك نورمالسىزلىق جەمئىيەتنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت.
  • روھىي كېسەل ئىلمىي نۇقتىسىدىن قارىغاندا، پسىخىك نورمالسىزلىق غەيرىي ۋە ئۈمىدسىز قاراش ۋە قىلمىشتىن ئىبارەت.
  • بىلىش پسىخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، پسىخىك نورمالسىزلىق شەخسنىڭ سۇبيېكتىپ جەھەتتىكى بىنورمال تۇيغۇسىدىن ئىبارەت.

 

ئۇنداقتا، ئۇزۇن يىللاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي، دىنىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي بېسىملىرى ئاستىدا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردا قانداق روھىي ھالەت ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەكتە؟ بۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ پسىخىك ساغلاملىقىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە؟ بۇ ھەقتە كۆزەتكۈچىلەردىن كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئورگىنىنىڭ پسىخىك ساغلاملىقى خادىمى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان رۇقىيە تۇردۇش خانىم بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پسىخىك ساغلاملىق مەسىلىلىرى، نورمال پسىخىكا بىلەن بىنورمال پسىخىكىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ پسىخىكا ئىلمى كەسپىي تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىنىڭ پسىخىك ساغلاملىقىغا ئېتىبار بېرىشكە باشلىغان، ئۇيغۇرلاردىمۇ پسىخىكا ساغلاملىق مەسىلىلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشنىڭ ئېھتىياجىغا ماس ھالدا، جايلاردا بەزى پسىخىكا مەسلىھەت سوراش ئورۇنلىرى، پسىخىكا ساغلاملىق ئامبۇلاتورىيىلىرى قۇرۇلماقتا، ئۇيغۇر پسىخىكا مۇتەخەسسىس ھەمدە روھىي كېسەللىك دوختۇرلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم پسىخىكىلىق مەسلىھەت سوراش مەركىزىنىڭ روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە، بولۇپمۇ ياشلاردا روھىي كېسەللىك ھەمدە پسىخىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا تۈرلۈك ئىجتىمائىي بېسىملار سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇقىيە تۇردۇش خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پسىخىك ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەندىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتى پەيدا قىلغان شۇ سىياسىي بېسىم مۇھىتىدىن ۋە ياكى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ چەتئەللەرگە چىققان ئۇيغۇرلارغىمۇ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك تەسىرلىرى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇرلار مەيلى قەيەردە ياشىمىسۇن، خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان پەيتتە، بۇنىڭ ئۆزىنىڭ پسىخىك ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئېلىپ كېلىدىغان يامان تەسىرلىرىدىن قانداق ساقلىنالايدۇ؟ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ بۇ ھەقتە رۇقىيە خانىم ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋە تەتقىقات جەريانىدا ئىگە بولغان تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن تەۋسىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يەنە شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەتراپتىكى مۇھىت بەلگىلىگەن ئەمەس، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، تۇرمۇشقا، رېئاللىققا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆزىمىز بەلگىلەيمىز. ناتسىستلار گېرمانىيسىنىڭ مەلۇم بىر ھەربىي لاگېرىدىن سالامەت قۇتۇلۇپ چىققان ۋېكتور فرانكىل «كىشىلەرنىڭ ھەر قانداق ئالاھىدە مۇھىتتا، ئۆز پوزىتسىيىسىنى تاللاشتىن ئىبارەت ئاخىرقى ئەركىنلىكى بولىدۇ» دېگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.