ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى پسىخىك ساغلاملىق مەسىلىلىرى ھەققىدە (2)

تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چېكىدىن ئاشقان روھىي بېسىم، تەشۋىش، ناچار پسىخىكا ھالەتلىرى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقاندا، بىزدە ئىچى تىتىلداش، تېرىككەكلىك، بىئاراملىق، چۈشكۈنلۈك، خامۇشلۇقتەك بىر قىسىم ناچار پسىخىك ھالەتلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.07.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
urumchi-5-iyul-herbiy-305.jpg «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئۈرۈمچىگە كىرگەن خىتاي ئەسكەرلىرى. 2009-يىلى 5-ئىيۇل.
RFA

بۇنىڭغا قارىتا ۋاقتىدا زۆرۈر توغرىلاش ئېلىپ بارمىغاندا روھىمىزنى جەمئىيەتنى بىنورماللىققا باشلايدۇ. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەمدە مەدەنىيەت ھۇجۇملىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش جەريانىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ كىشىلەردىكى پسىخىك نورمالسىزلىقتىن كېلىپ چىقىۋاتقان يامان ئاقىۋەتلەر ئۇيغۇرلاردا پسىخىكا ساغلاملىققا قارىتا دىققەت قوزغىماقتا. ئەلۋەتتە پسىخىكا نورمالسىزلىقنى چۈشىنىش، توغرا مۇئامىلە قىلىش ۋە مۇۋاپىق داۋالاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان سەۋەب، ئىدىيىۋى ھەمدە ئىجتىمائىي ئامىللارنى تېپىپ چىقىش زۆرۈر.

«غەمسىزلىكتىن ئارتۇق شادلىق بولماس، قانائەتچانلىقتىن ئارتۇق بايلىق بولماس» دېگەندەك، ئادەملەر غەم قايغۇسىز، قانائەتچان بولسا ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىدۇ، كەيپىياتى ياخشى بولىدۇ بۇنداق كىشىلەر ساغلام كېلىدۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، ئۇيغۇرلاردىن نېمە ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنىڭ ئوخشاش يەكۈنلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئادىتى-ئېتىقاد، ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ-ئادەت، مەدەنىيەت سەنئەتتىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭىمۇ سەھرالاردىن تارتىپ شەھەرلەرگىچە ھەتتا ئۇلار كۆچمەن بولغان جايلارغىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى كۈچلۈك ئۆرۈپ ئادەت، ئەخلاق پۇرىقىغا ئىگە، شۇنداقلا بولار ئۇيغۇرلاردا باشقا مىللەتلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان، مىللىي پسىخىكىنى شەكىللەندۈرگەن. قايغۇسى ھەم شادلىقىنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق ئىپادە قىلىشنى بىلىدۇ، قانائەتچان ئۈمىدۋار. دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ پسىخىكا ساغلاملىقى ئۇلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ ئاساسى.
ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ پسىخىكا ساغلاملىقىغا دائىر مەسىلىلەر كۆپىيىشكە باشلىغان.

پسىخولوگىيە مەسىلىلىرىگە ئائىت «روھى ساغلاملىق ۋە پسىخىكا» دەپ ئاتالغان مەخسۇس بىر تور بەتتە ئېلان قىلىنغان بايانلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادىكى پسىخولوگلارنىڭ «پسىخىكا ساغلاملىقىنى ساقلاشنىڭ شەرتلىرى نېمە؟» دېگەن سوئالغا قارىتا ئورتاق جاۋابى شۇكى:

1. تولۇق بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بۆلىشى كېرەك. يەنى بىخەتەرلىك ئىنسانلارنىڭ ئاساسى ئېھتىياجى، يەنى ئىنسان ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ بىخەتەر، تەبىئىي مۇھىتنىڭ گۈزەل، خىزمەت مۇھىتىنىڭ ئازادە، ئائىلە مۇھىتىنىڭ بەختلىك راھەت بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ بولار بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
2. تۇرمۇش نىشانى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بۆلىشى كېرەك. ناۋادا تۇرمۇش نىشانى كۆتۈرۈش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتسە ئېشىپ كەتكىنى قانچە كۆپ بولسا روھىي بېسىمىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ .
3. ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىش كېرەك. ئىقتىدارىغا توغرا ھۆكۈم قىلالماسلىق كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
4. مۇھىت بىلەن باغلىنىشىنى ساقلاش كېرەك. بۇنداق بولغاندا مەنىۋى تۇرمۇشنى بېيىتقىلى، مۇھىتقا تېخىمۇ ياخشى ماسلاشقىلى بولىدۇ.
5. ئىندىۋىدۇئاللىق يەنى خاسلىقنى ساقلاش كېرەك. ئىنساننىڭ يەككە گەۋدىلىك خاسلىقنى ساقلىشى ئۇنىڭ ھەر قانداق ھەرىكەت ھەم روھىي ھالىتىنىڭ ئاساسى.
6. مەلۇم ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش كېرەك. يېڭى بىلىملەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆگەنمىگەندە يېڭى شەيئىلەرنى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوبۇل قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.
7.ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت ساقلاش كېرەك. كىشىلىك مۇناسىۋەت ھېسسىيات ئامىلىنى ئاساس قىلىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ماسلاشقان بولۇش بولماسلىقى كىشىلەرنىڭ پسىخىكا ساغلاملىقىغا تەسىر  كۆرسىتىدۇ.
8.كەيپىياتنى ئىپادىلەش ۋە تىزگىنلەش لازىم. سىرتقى دۇنيادا يۈز بەرگەن ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە خۇشال بولۇش، قايغۇ ئۇرۇش، غەزەپلىنىش، بىزار بولۇشقا ئوخشاش ئىنكاس پەيدا قىلىشى  كەيپىيات ساغلاملىقىنىڭ بەلگىسى. ئەمما بۇ خىل كەيپىياتلار ھەرىكەت ئامىلىدا ھەددىدىن ئاشقان ھالەتتە ئىپادىلەنگەندە ئۇ يەنە پسىخىكا بىنورماللىقنىڭ بەلگىسىگە ئايلىنىدۇ.
9. قابىلىيىتىنى چەكلىك دائىرىدە جارى قىلدۇرالىشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئادەم ئۆزىنىڭ رولىنى مۇھىملىقىنى ھېس قىلالايدۇ.
10. ئادەمنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجى مەلۇم دەرىجىدە قاندۇرۇلۇشى لازىم. شەخسنىڭ ئېھتىياجى قالدۇرۇلغاندا خۇشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ بۇ روھىي ھەم جىسمانىي ساغلاملىققا ئوخشاشلا پايدىلىق.

ھالبۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا،ئۇلار پسىخىكا ساغلاملىقىنى ساقلاشنىڭ بۇ شەرتلىرىنى تولۇق ھازىرلاش شارائىتىغا ئىگە ئەمەس، بەزىلىرى ھازىرلىغان تەقدىردىمۇ قىسمەن شەرتلىرىنى چەكلىك شارائىتتا ھازىرلاش مۇھىتىغا ئىگە بۆلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كانادادىكى رۇقىيە تۇردۇش خانىم ئۇيغۇرلار كەسكىن پسىخىكا توقۇنۇشى ئىچىدىن ئۆزىنى ۋە ئۆزلۈكىنى ساقلاش رىقابىتىگە دۇچار بولماقتا دەيدۇ.

ئامېرىكىدىكى ئالەم تېخنىكىسى ئىدارىسىنىڭ ئوپتىكا ئىنژېنېرى ئالىم ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇرلىرىنىڭ خىتاينىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلىرىنى كۆزىتىپ يازغان ماقالىلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياش ئەۋلادلىرىنى پسىخولوگىيىلىك ئاڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى باشقىدىن پروگراممىلىماقتا، دەپ يەكۈنلىگەن ئىدى. ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلارنى پسىخىكا بىنورماللىق ھادىسىلىرىگە سەل قارىماسلىققا شۇنداقلا بۇنىڭ تېخىمۇ سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى.

ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ نورمال پسىخىك ھالەت بىلەن بىنورمال پسىخىك ھالەتنى پەرقلەندۈرەلىشى ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدۇ. ئەمما نۆۋەتتە يۈزەكى ھالدا پسىخىك نورماللىق بىلەن بىنورماللىقنىڭ ئۆلچەملىرىدىن ئۆزىنى باھالاش، ئۆلچىمى، پسىخىك سىناق ئۆلچىمى، كېسەللىك سەۋەبى ۋە پاتولوگىيىلىك تۈرگە ئايرىش ئۆلچىمى سىرتتىن باھا بېرىش ئۆلچىمى، جەمئىيەتكە ماسلىشىش سىناق ئۆلچىمى قاتارلىقلار بار.

پسىخىك ساغلاملىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ساغلاملىق ساغلام تەن ساغلام روھتىن پۈتىدۇ. ھەممىمىزگە خۇشال كەيپىيات ۋە ساغلاملىق يار بولسۇن!

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.