گېرمانىيىدە قاچ-قاچ توختىدى، خىتايدا تېخىچە داۋاملاشماقتا

گېرمانىيىدە بېرلىن تېمى يىقىتىلغانلىقىنىڭ 22 يىللىقى خاتىرىلەندى، خىتايدا خەلق ئەركىنلىك بار جايغا تەلپۈنۈپ يۈز بەرگەن بىر نەچچە قېتىملىق چوڭ قاچ-قاچنى ئەسلىدى.

0:00 / 0:00

گېرمانىيىدە 1989‏-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى «بېرلىن تېمى» يىقىتىلغان ئىدى. ئەمدى بۇنىڭدىن 22 يىل ئۆتكەندە، «بېرلىن تېمى» يىقىتىلغان بۇ جايغا يەنە مىڭلىغان خەلق توپلىنىپ قولغا كەلتۈرگەن ئەركىنلىكنى تەنتەنە قىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېرلىندىن بايان قىلىشىچە، شەرقىي گېرمانىيىدىن ئەڭ بۇرۇن «بېرلىن تېمى» نى ئاتلاپ غەربىي گېرمانىيىگە قاچقان ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنىڭ بىرى، ھازىرقى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگىلا مېركېل خانىم، «بېرلىن تېمى» يىقىتىلغانلىقىنى خاتىرىلەپ سۆزلىگەن نۇتقىنى «مانا مەن ئارزۇ قىلغان ئەركىنلىككە ئېرىشەلىگەنلەرنىڭ بىرى...» دەپ باشلاپ، سوتسىالىزمدىن قۇتۇلۇپ ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن «بېرلىن تېمى»دىن ئاتلاش يولىنى تاللاپ، بۇ جەرياندا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلىدى.

ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، 1945‏-يىلى ناسىست گېرمانىيىسى مەغلۇپ قىلىنغاندا، غەلىبە قىلغان ئىتتىپاقداشلاردىن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيىلەر بېرلىننىڭ غەرب تەرىپىنى، سوۋېت ئىتتىپاقى شەرق تەرىپىنى ئىشغال قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن غەربىي گېرمانىيىدە دېموكراتىيە، شەرقىي گېرمانىيىدە سوتسىيالىزم يولغا قويۇلغان. سوتسىيالىستىك شەرقى گېرمانىيە خەلقنىڭ ئەركىنلىككە تەلپۈنۈشىنى توسۇش ئۈچۈن، 1961‏-يىلى 164 كىلومېتىرلىق «بېرلىن تېمى» بىنا قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ، شەرقىي گېرمانىيىدىن غەربىي گېرمانىيىگە قېچىش توختىمىغان، بەلكى تېخىمۇ ئەۋج ئالغان، قاچىدىغانلار تېخىمۇ قەتئىيلەشكەن. تاكى «بېرلىن تېمى» 1989‏-يىلى يىقىتىلغانغا قەدەر، شەرقىي گېرمانىيىدىن ئەركىنلىككە تەلپۈنۈپ، غەربىي گېرمانىيىگە قاچقان كىشىلەردىن 239 ئادەم ئېتىپ تاشلانغان، 3221 ئادەم قولغا ئېلىنغان. ۋېنگرىيىلىك شاندېرنىڭ «ھاياتلىق ھەممىدىن قىممەت، ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت. لېكىن كېچېمەن ھەر ئىككىسىدىن، ئەركىنلىك- ھۈرلۈك ئۈچۈنلا پەقەت» دېگەن مەشھۇر شېىرى، دەل شۇ يىللاردا پۈتۈن خەلقنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئىدى.

سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى كېننىدى 1963‏-يىلى 6‏-ئاينىڭ 25‏-كۈنى غەربىي بېرلىندا نۇتۇق سۆزلىگەندە، «بېرلىن تېمى» ھەققىدىكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ « ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئاسان ئەمەسكەن، گەرچە ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنى ناھايىتى مۇكەممەل تۈزۈم دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بىز بىر مىللەتنى ئۆز-ئارا باردى-كەلدى قىلغۇزماسلىق ئۈچۈن تام سالىدىغان ئىشنى قىلمىدۇق» دېگەن. 87‏-يىلى سابىق ئامېرىكا پرېزىدىنتى رېگان بېرلىندا نۇتۇق سۆزلەپ «تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتىكى، ئەركىنلىك بىلەن بىخەتەرلىك بىر-بىرىگە تايىنىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى دۇنيانى تىنچلىققا يەتكۈزىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى گورباچېفمۇ «ئەگەر تىنچلىق ئىزدىسەڭ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى گۈللەندۈرمەكچى بولساڭ، ئەركىنلىكنى ئارزۇ قىلساڭ، بېرلىن تېمىنى ئۆرۈۋېتىش كېرەك» دەپ جاكارلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن 22 يىل بۇرۇن، گېرمانىيىدە «بېرلىن تېمى» يېقىتىلغاندا، خىتايدىمۇ كىشىلەر، ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن خىتايدىن خوڭكوڭغا ۋە باشقا جايغا قاچىدىغان بىر نەچچە قېتىم چوڭ قاچ-قاچ يۈز بەرگەنلىكىنى، خىتاي خەلقىمۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن-‏ سوتسىالىزمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، شەرقىي گېرمانىيىلىكلەردىنمۇ كۆپ بەدەل تۆلىگەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدى.

سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1957‏-يىلى خىتايدىن خوڭكوڭغا 5 مىڭ ئادەم قاچقان، 61‏-يىلى 19 مىڭ ئادەم قاچقان، 67‏-يىلى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دىن بىزار بولغان ئوقۇغۇچىلار خىتايدىن بېرمىغا قاچىدىغان چوڭ قاچ-قاچ يۈز بەرگەن. بۇ قاچ-قاچقا ھەتتا سابىق خىتاي رەئىسى ليۇ شاۋچىنىڭ قىزىمۇ قاتناشقان. 72-يىلى خىتايدىن خوڭكوڭغا 20 مىڭ ئادەم قاچقان. 79‏-يىلىغا كەلگەندە، خىتايدا نامراتلىق ئازابىغا چېداشلىق بېرەلمىگەن خەلقتىن يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم دەپ خوڭكوڭغا قېچىشنى تاللىغان ئادەم سانى 100 مىڭدىن ئاشقان. شۇ يىلى گۇاڭدۇڭلۇقلارنىڭ بىر كۈنلۈك كىرىمى 80 سېنىت ئىدى. بۇنى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ھەر كۈنلۈك كىرىمى 70 خوڭكوڭ دوللىرىدىن ئايلىنىۋاتقان ئەھۋالغا سېلىشتۇرغاندا، ئادەم ئەمگىكىنىڭ قەدىر-قىممىتىدە ئاسمان -زېمىن پەرقى بار ئىدى. شۇ يىلى يەنە، ئەنگلىيە پادىشاھى ئېلزابىت خانىم قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى چوڭ كەچۈرۈم قىلىدىكەن دېگەن خەۋەرمۇ تارقالغان ئىدى. نەتىجىدە خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى چوڭ قاچ-قاچنى پېلىمۇتتا ئوققا تۇتقان، شېنجېن قولتۇقى لەيلەپ قالغان جەسەت بىلەن تولغان.

خوڭكوڭدىكى «شەرق يۇلتۇزى» ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ باشلىقى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ليۇ مېڭشۇڭنىڭ ئامېرىكا ئاۋازىغا بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر خەلقتە كىشىلىك ھوقۇق يوق، جەمئىيەتتە دېموكراتىيە يوق، ئەدلى-ئادالەتلىك تېخىمۇ يوق. بۇنداق ئەھۋالدا، خىتايدا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان چوڭ قاچ -قاچ -سوتسيالىزمدىن قېچىشنىڭ نىشانى خوڭكوڭ ئەمەس، بەلكى بىۋاسىتە كاپىتالىزمنىڭ ئەڭ چوڭ قورغىنى بولغان ئامېرىكا بولۇپ قالغان. خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ بالا-چاقىلىرى ھازىر ئاساسەن ئامېرىكىغا كۆچۈپ بولغان.

خۇددى فرانسىيە ئاگېنتلىقى 11‏-ئاينىڭ 1-كۈنى بايان قىلغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزىنى دۇنيادا ئەڭ باي ھەم قۇدرەتلىك دۆلەت قاتارىغا ئۆتتى، يېقىنقى 10 يىلى ئىچىدە يۈز مىليۇنلىغان خەلق ئاللىقاچان نامراتلىقتىن قۇتۇلدى دەپ جاكارلىغانسېرى، خىتايدا قاچ-قاچ شۇنچە ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. خىتايدا ھازىر خەلق مۇستەبىت تۈزۈم ئاستىدا، ئۇلار قارشىلىق كۆرسىتىش، قېچىپ قۇتۇلۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان. ھازىر قاچالايدىغانلار ۋە قېچىۋاتقانلار دەل خىتايدا راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقان چوڭ بايلار. بولۇپمۇ خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ بالا-چاقىلىرى. ئۇلار ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەيدۇ. خىتايدا ھازىر مۈلكى 10 مىليون يۈەندىن ئاشقان بايلارنىڭ ئۈچتىن بېرى ئاللىقاچان چەتئەللەرگە قېچىپ بولدى. قالغانلىرىنىڭ 46% ئى ھازىر قېچىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.