ئانالىزچىلار قازاقىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسلىكى ھەققىدە توختالدى

قازاقىستاننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2010-يىلقى رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە بەلگىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئانالىزچىلىرى ھەر خىل پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەشكىلاتى جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تامارا مامېتوۋا ھەمدە سىياسىيون قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

0:00 / 0:00

قازاقىستاننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2010-يىلقى رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە بەلگىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئانالىزچىلىرى ھەر خىل پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلار بۇ قىيىن ھەم جاۋابكارلىقى ئېغىر ۋەزىپىنىڭ قازاقىستانغا يۈكلىنىشىنى قازاقىستاننىڭ ھەقىقەتەنمۇ دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن تونۇلغانلىقى دەپ چۈشەندۈرمەكتە. ئۇلار قازاقىستاننىڭ بۇنىڭغا تەسادىپىي ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ساغلام تاشقى ھەم ئىچكى سىياسىتى، تىنچلىقپەرۋەرلىكى، ھەقىقىي دېموكراتىيىگە قاراپ يۈزلەنگەنلىكى بىلەن كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

قازاقىستاننىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىش سەۋەبلىرى ھەمدە كېلىدىغان ئاينىڭ 1-، 2-كۈنلىرى قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تەشكىلاتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەشكىلاتى جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تامارا مامېتوۋا ھەمدە سىياسىيون قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.