خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىدىكى قازاقىستان پرېزىدېنت سايلىمى

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنى 20 يىلدىن بۇيان ئىدارە قىلىۋاتقان نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ سايلامدا يەنە غەلىبە قىلىشى توغرىسىدا تۈرلۈك باھالار ۋە پىكىرلەر مەۋجۇت.

0:00 / 0:00

لىۋىيىدىكى قوزغىلاڭچىلار بىلەن كازافىي كۈچلىرى ئارىسىدا جەڭلەر داۋاملىشىۋاتقان، يەمەندىكى نامايىشچىلار ساقچىلار تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان، سۈرىيىدىكى نامايىشچىلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن يېڭى ھۆكۈمەت تەسىس قىلىنىپ، ئىسلاھات قىلىش ۋەدىسى بېرىلگەن بىر پەيتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە مۇددەتتىن بۇرۇن پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ ئۆتۈپ، مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنى 20 يىلدىن بۇيان ئىدارە قىلىۋاتقان نۇرسۇلتان نازاربايېف سايلامدا غەلىبە قىلىپ، تۆتىنچى قېتىملىق پرېزىدېنتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

غەربنىڭ تەنقىدى، شەرقنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن سايلام

قازاقىستاندا ئېلىپ بېرىلغان 3-ئاپىرىلدىكى سايلامنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى 4-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلىنىپ، نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ 95% بېلەتكە ئېرىشىپ، سايلامدا دەرىجىدىن تاشقىرى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئۆكتىچى پارتىيىلەر ئاۋاز بېرىشنى رەت قىلغان مەزكۇر پرېزىدېنت سايلىمى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولسىمۇ، بىراق ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەسكىن تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىدى.

ئامېرىكىدىكى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى دان ئېۋېرتس «بۇ سايلامنىڭ بىز كۈتكەندەك ياخشى ئۆتمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىش بىلەن خۇلاسە چىقىرىمىز» دېگەن. ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەزكۇر سايلامنىڭ دېموكراتىك ئۆلچەملەرگە لايىق بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما، قازاقىستان 2010-يىلى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلىتى سۈپىتىدە، بىر يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، قازاقىستاننىڭ مۇنداق يۇقىرى سالاھىيەتكە ئېرىشىشىغا قارىماي، غەرب كۆزەتكۈچىلىرى قازاقىستاندا تېخى ھازىرغىچە دېموكراتىك سايلاملارنى ئۆتكۈزۈش ئىسلاھاتىنىڭ ئەمەلىيلىشەلمەيۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەكسىچە مۇستەقىل، دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ سايلامنى كۆزىتىش گۇرۇپپىسى مەزكۇر سايلامنىڭ ناھايىتى دېموكراتىك بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەنقىدىگە قارشى پوزىتسىيە تۇتقان.

نۇرسۇلتان نازاربايېفمۇ ئۆزىنىڭ غەلىبىسىنى جاكارلاپ، «بىز غەلىبە قىلدۇق، بۇ بىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ غەلىبىسى» دېيىش ئارقىلىق ئۆز قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان.

نازاربايېفنىڭ غەلىبىسى دىكتاتورلارنى شادلاندۇردى

نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى غەلىبىسىنى ئالدى بىلەن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ تەبرىكلىدى. چۈنكى، بۇ ئىككى دۆلەت قازاقىستاننىڭ تاشقى سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىسىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇلار شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى.

سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدا رۇسىيە بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ، مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە قازاقىستان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇش سەۋىيىسى بىر قەدەر تېز ئۆسۈۋاتقان مەملىكەتكە ئايلاندى.

خىتاي بىلەن رۇسىيە نۆۋەتتە غەرب دۆلەتلىرى ھەم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە ھاكىممۇتلەقلىق بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەملىكەتلەر بولۇپ، دېموكراتىيە رۇسىيىدە خىتايغا قارىغاندا بىر قەدەر جارى قىلدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا خەلقئارالىق ئۆلچەملەردىن يىراق تۇرۇۋاتقانلىقى ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنماقتا.

ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى نازاربايېف

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستانغا قوشنا مەملىكەتلەرنىڭ كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا نازاربايېفنىڭ ئۆز دۆلىتىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىش خاھىشلىرى مەۋجۇت. چۈنكى، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت بولسا باشقىچە ھالدا بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردىكى مىليونلىغان كىشىلەر رۇسىيە ۋە قازاقىستانغا بېرىپ تىرىكچىلىك يولىنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان.

بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا كۆزەتكۈچىلىرى نازاربايېفنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئاساسىنىڭ ئۇنىڭ غەرب ۋە شەرق بىلەن پۇختا سىياسەت ئېلىپ بارغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان مۇتەخەسسىسلىرى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ نۆۋەتتە مەركىزىي ئاسىيا رايونىنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولۇپ، تاجىكىستانلىق تەھلىلچىلەر نازاربايېفنى «بەك ئاقىلانە سىياسەت يۈرگۈزمەكتە» دەپ باھالىغان.

تۈركىيە بولسا، نۇرسۇلتان نازاربايېفنى ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئەنقەرە نازاربايېفنىڭ تۈرك دۇنياسىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەيكەل ئورناتقان. يېقىندا بولسا، تۈركىيىنىڭ نەۋشەھەر رايونىدىكى بىر ئۇزۇن كوچىغا نازاربايېفنىڭ نامىنى قويغان. نازاربايېف تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكىلا ئەھمىيەت بەرمەستىن، بەلكى بۇ مۇناسىۋەتنى قېرىنداشلىق نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈشتىن باش تارتمىغان. ئۇ، يەنە مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى دەيدىغان بىر رايون خاراكتېرلىك سىياسىي، ئىقتىسادىي گەۋدە قۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ باراۋەر گۈللىنىشىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر تەشەببۇسنى قىرغىزىستاندىن باشقا ھېچقايسى ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكىتى قوللىمىغان ئىدى.

قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشى، خەلق تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق ياخشى تەرەپلەر ئەھۋالى بىر قەدەر ناچار قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنى قايىل قىلغانلىقىدا شەك يوق.

نازاربايېف رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تەڭپۇڭ تۇرماقتا

نازاربايېف رۇسىيە بىلەنمۇ ئىزچىل قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى، تاموژنا ئىتتىپاقى، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى قاتارلىق ھەر خىل رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتلار ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ھەم بىرلىكنى ساقلىماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، ئۆزبېكىستانلىق تەھلىلچى ئابدۇجاپپار يولداشېف قازاقىستاندا رۇسلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولۇشى ھەمدە ئۇنىڭ شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايىتىدە رۇسلارنىڭ كۆپ سانلىقنى ئىگىلىشى بىلەن نازاربايېفنىڭ رۇسىيە بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى، دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلەشتە رۇسىيىنى نەزەرگە ئالماي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. نۇرسۇلتان نازاربايېف رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەزەلدىنلا زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن.

شىنخۇانىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، نازاربايېفنىڭ قايتا پرېزىدېنت بولۇشى خىتاينىمۇ ئالاھىدە خۇشال قىلغان بولۇپ، رەئىس خۇ جىنتاۋ ئۇنى تەبرىكلىگەن ھەمدە تەبرىكنامىسىدە ئىككى دۆلەت دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا بولغان تىلەكداشلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرسۇلتان نازاربايېف تېخى بۇنىڭدىن ئىككى ئاي بۇرۇن خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي تەرەپ بىلەن بىر قاتار سودا-ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى تۈزگەن ھەمدە ئۆتكەن يىلى قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا مىقدارىنى 20 مىليارد دوللارغا يەتكۈزگەن ئىدى. بىراق، يېقىندا رۇسىيىنىڭ رېگنۇم ئۇچۇر تورىدا نازاربايېفنىڭ سابىق كۈيئوغلى راھەت ئېلىيېفنىڭ نازاربايېفنىڭ خىتايغا يەر ئىجارىگە بەرگەنلىكى ۋە خەينەن ھەم خوڭكوڭدا شەخسىي تۇرالغۇ جايلارغا ئىگە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاينىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى سۆككەنلىكىگە ئائىت خەۋەر ئېلان قىلىنغان ئىدى. خىتاي بىلەن بولغان چوڭقۇر ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە يەر ئىجارە بېرىش مەسىلىسىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ نازاربايېفغا ھۇجۇم قىلىشىدىكى ئامىللارغا ئايلانغانلىقى مەلۇم.

ئۆزبېكىستانلىق تەھلىلچى، ئابلاقۇل مۇسايېۋ قازاقىستان ئۈچۈن بىر نازۇك مەسىلىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىكەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ خىتاي بىلەن يېقىن ھەمكارلىشىش يولىنى تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، مۇسايېف ئەپەندى «قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن چېگرىداش يەرلىرىدە ئۇيغۇرلار ياشايدۇ، بۈگۈنكى كۈندە خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئالاھىدە بىر جۇمھۇرىيەت بولۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلماقتا، بۇ ھەم نازاربايېفنىڭ ئالدىدىكى يەنە بىر مۇرەككەپ سىناق دەپ ھېسابلايمەن، نازاربايېف ئۈچۈن ئۆز سىياسىتى ۋە دۆلىتىنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى ساقلاپ تۇرۇش قىيىن ۋە مۇرەككەپ مەسىلە» دەپ تەكىتلىگەن.

ھەقىقەتەن نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ خىتاي بىلەن تېررورىزمغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا رازىلىق بىلدۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە يول قويماسلىق شەرتىگە ماقۇل كەلگەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى سىر ئەمەس.

ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىنقىلاب ئوتتۇرا ئاسىياغا يېتىپ كېلەرمۇ؟

نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ قايتا سايلىنىشى غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ قىزىق تېمىسىغا ئايلانغان بولۇپ، نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ مەزكۇر يېڭى غەلىبىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىدىن ئورۇن ئالدى.

غەرب كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ نازاربايېفنىڭ ئۆز مۇددىتىنى داۋاملىق ئۇزارتىشىغا نىسبەتەن كۆز قاراشلىرى باشقىچىرەك. غەرب دۆلەتلىرى ئىلگىرى نازاربايېفنىڭ ئۆز مۇددىتىنى يەنە ئۇزارتىشى ۋە ياكى مەڭگۈلۈك پرېزىدېنت بولۇشقا ئىنتىلىشىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. بۇ مەسىلىدە دېموكراتىك غەربنىڭ قارىشى بىلەن دىكتاتورىلىق تۈزۈمىدىكى شەرق دۆلەتلىرىنىڭ قارىشى باشقىچە بولۇپ، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە بىر ئادەمنىڭ مۇنداق تۆت قېتىم پرېزىدېنت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ھەم تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ.

ئاۋسترىيىدە چىقىدىغان كۈندىلىك گېزىت «دىئە پرەسس» تا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر سايلام ھەققىدىكى باھادا نازاربايېف ۋە ئىسلام كەرىموفنىڭ 1991-يىلىدىن بۇيان ئۆز دۆلەتلىرىنى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىپ، «بۇ ئىككىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭلا ئوغۇللىرى يوق، ئاتىلىق ئۇرۇق مەدەنىيىتىگە قارىماستىن ئۇلارنىڭ مىراسخورلۇقىغا قىزلىرى تەييارلانماقتا، بۇ قىزلار ئاللىقاچان كۆپلىگەن ئىقتىسادىي تارماقلارنى كونترول قىلىپ بولغان» دەپ يېزىلغان.

ئىسپانىيىنىڭ «ۋەتەن» ناملىق كۈندىلىك گېزىتى نازاربايېفنىڭ غەلىبىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىنقىلابلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا يېتىپ كېلىدىغانلىقى، ئوتتۇرا شەرق بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارىسىدا كۆپ پەرقلەر بولسىمۇ، بىراق بىر ھۆكۈمراننىڭ ئۇزۇن مۇددەت ھاكىمىيەتنى ئىگىلىۋېلىشى ۋە چىرىكلىكى جەھەتتە ئورتاقلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھەقىقەتەن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىنقىلابلار ئەنە شۇنداق بىر ھۆكۈمراننىڭ ئۇزۇن مۇددەت ھاكىمىيەتنى ئىگىلىۋېلىشنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

ئامېرىكىدىكى «نىيورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىلىرىدە بولسا، نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ غەلىبىسىنىڭ گۇمان ئاستىدا ئىكەنلىكى ھەمدە غەرب كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ كەسكىن تەنقىدلىرىگە دۇچ كەلگەنلىكى، نازاربايېفنىڭ ئىلگىرىدىنلا سايلاملاردا ناھايىتى يۇقىرى بېلەتكە ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

قازاقىستاندا ئەسلىدە 2012-يىلى پرېزىدېنت سايلىمى بولۇشى كېرەك ئىدى. بىراق ئارىلىقتا پارلامېنت نازاربايېفنى سايلامسىز ھالدا يەنە بەش يىللىق مۆھلەت بىلەن پرېزىدېتلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇشقا قارار ئالغان. بىراق، بۇ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلام ئۆتكۈزۈلدى. نەتىجىدە نازاربايېف ئۆز دۆلىتىنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈچىنچى ئون يىللىق باسقۇچىغا كىردى.

مەيلى، قانداق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر زور ساندىكى نازاربايېفنى سۆيگەن ۋە ئۇنىڭ سىياسىتىدىن رازى بولغان قازاقلارنىڭ ئۇنى ھۆرمەتلەپ «ئەلباشى» دەپ ئاتاۋاتقانلىقى روشەن!