شاڭخەي رادىئو ئىستانسىسى ۋە شاڭخەي شەرق ئۇچۇر گۇرۇھىنىڭ SMG دەپ ئاتىلىدىغان تور گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە،
[ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوراللىق كۈچلىرىOpens in new window ]
بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىر 13 - سېنتەبىر كۈنى قازاقىستاندا باشلانغان.
بۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ تۇنجى قېتىم قازاقىستان زېمىنىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭمۇ ئۇزۇن تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم قازاقىستان زېمىنىغا كىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر قازاقىستاننىڭ ماتىبۇلاق ھەربىي مانېۋىر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان "تىنچلىق بۇرچى 2010 " دەپ ئاتالغان بۇ مانېۋىر، "ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك يەنىلا مۇشۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئاساسى خەۋپ. بۇ بىر مەزگىل ئىچىدە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم بۇرچى" دېگەن چۈشەنچىگە ئاساسەن ئۇيۇشتۇرۇلغان.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ "شىنجاڭ خەۋەر تورى" دا بايان قىلىشىچە، بۇ مانېۋىرنىڭ قوماندانلىق شتابى ھازىر قازاقىستان، خىتاي، قىرغىزىستان، رۇسىيە ۋە تاجىكىستاندىن ئىبارەت بەش دۆلەت قىسىملىرىنى "ئۈچ خىل كۈچلەر"گە قارشى تۇرىدىغان 4 خىل تاكتىكا بۇيىچە مەشىق قىلدۇرماقتا ئىكەن. نەق مەيداندىن تارتىلغان فوتو سۈرەتلەرگە "خىتاي كوماندىرلىرى ھازىر قازاقىستاننىڭ يەر - شارائىتى بىلەن تونۇشۇۋاتىدۇ" دەپ ئىزاھات يېزىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھازىر قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي قىسىملىرىنىڭ قازاقىستان زېمىنىغا كىرىپ مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، قازاقىستاندا "خىتايغا ئىشەنمەسلىك، خىتايدىن ئاگاھ بولۇش" دەيدىغان ئاڭ مەۋجۇت ئىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن، خىتاي قازاقىستاندىن يەر ئىجارىگە ئېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، قازاق زىيالىيلىرى قارشىلىق بىلدۈرۈپ كېلىشىم ئىمزالىنىشىنى توسۇپ قالغان ئىدى.
قەھرىمان غوجامبەردى مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ھېيتلىق سالام يوللىدى ۋە ئۇلارنى ئۈمىد بىلەن ياشاشقا چاقىردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.