تەڭرىتاغ تورىنىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، قەشقەرنى مىللىي زىددىيەتتىن خالى، مۇقىملىق ۋە ئىناقلىق ئىچىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر زامانىۋى شەھەر قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. بۇ ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كۆچمەنلەرنىڭ كېلىشىگە يول ئېچىش، ساراسىمە ئىچىدە ياشاۋاتقان خىتايلارنى خاتىرجەم قىلىش بىلەن، مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يېتىشكە كۈچىمەكتە.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مۇكاپاتلىق ئەسەرنىڭ تېمىسى «شانلىق 60 يىل، جەلپكار يېڭى قەشقەر» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا قويۇلغان شەرتتە ئاسايىشنى، ئىناقلىقنى، تەرەققىياتنى مەدھىيىلەش تەلەپ قىلىنغان. مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە، خىتايچە تىللاردا ئېلان قىلىنىدىغانلىقى، ئۈچ دەرىجە بويىچە باھالىنىپ، مۇكاپات پۇلى تارقىتىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، قەشقەرنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىلدا ناھايىتى ئېغىر پاجىئەلەرگە يولۇققان بىر شەھەرگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. بۇ يەردە يېقىنقى 40 يىل ئىچىدە بىر قاتار ۋەقەلەر توختىماي يۈزبەردى.ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىي مىراسلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئۇيغۇرلاردىن سىرت، ياۋروپا بىرلىكى، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى قەشقەرگە ئېچىنىش، كۆڭۈل بۆلۈشكە مەجبۇرلىدى ھەم بۇ توغرىسىدا قارارلار قوبۇل قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تېخىمۇ دىققەتتە سازاۋەر بولغىنى؛ قەشقەردە 1967-يىللىرى يۈز بەرگەن ئاخۇنوپ ۋە مىجىت ھەرىكىتى، 1981-يىلى يۈز بەرگەن 30-ئۆكتەبىر ۋەقەسى، 1990-يىلى يۈز بەرگەن بارىن ۋەقەسى قاتارلىق مەشھۇر ۋەقەلەردىن باشقا، يېقىنقى بىرقانچە يىلدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنىڭ تەسىرى زور بولغان بىرقاتار قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدۇر.
مەسىلەن: 2008-يىلى 4-ئاۋغۇست كۈنى ئابدۇراخمان ئازاد ۋە قۇربانجان ھېمىتلار سادىر قىلغان سەمەن يولى ۋەقەسىدە 17 نەپەر خىتاي ئەسكىرى ئۆلدى، 15 نەپىرى يارىلاندى. 2008-يىلى 12-ئاۋغۇست كۈنى يامانيار ۋەقەسى يۈز بەردى. ۋەقەدە پىدائىيلار ئۈچ نەپەر ساقچىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈردى. 2008-يىلى 27-ئاۋغۇست كۈنى قىزىلبۇيا ۋەقەسى يۈز بەردى. ۋەقەدە بىر نەپەر ساقچى پونكىتى باشلىقى ۋە بىر ساقچىنى ئۆلتۈردى. 2008-يىلى 29-ئاۋغۇست كۈنى مىشا ۋەقەسى يۈز بەردى.. 2009 -يىلى 6-ئىيۇل كۈنى ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىدا 500 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر شاۋگەن ۋەقەسى سەۋەبلىك نامايىش قىلىپ قولغا ئېلىندى. 2010-يىلى 7-ئاۋغۇست كۈنى مارالبېشى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ۋەقەدە بىر خىتاي ئامانلىق ساقلاش خادىمىنى ئۆلتۈردى، 12-ئۆكتەبىر كۈنى يېڭى ئېرىق ۋەقەسى بولۇپ، ۋەقەدە خىتاي مەكتەپ مۇدىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. 11-نويابىر كۈنى ئارال ۋەقەسى يۈز بەردى. ۋەقەدە ياڭ فامىلىلىك خىتايلارنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ، جەمئىي ئالتە خىتاينى پىچاقلاپ ئۆلتۈردى. 2011-يىلى 18-ئاپرېل ۋە 22-ئاپرېل كۈنلىرى شەھەر كوچىسىدىلا خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. ۋەقەدە جەمئىي يەتتە خىتاي يارىلاندى. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 30 ۋە 31-كۈنلىرى يېڭىبازار ۋەقەسى يۈز بەردى. ۋەقەدە 22 خىتاي ئۆلدى ۋە 40 تىن ئارتۇق خىتاي يارىلاندى. 2012-يىلى 28-فېۋرال كۈنى يەنە پىچاق بىلەن خىتايلارنى بوغۇزلاپ تاشلىغان قاغىلىق ۋەقەسى يۈز بەردى. ئالتە نەپەر خىتاي نەق مەيداندا ئۆلدى.
بۇ بىر قاتار ۋەقەلەردە قانچە ئونلىغان خىتاي پۇقرالىرى ۋە ساقچىلىرى ئۆلۈپ، قەشقەر تەۋەسىدە ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلدى. ۋەقە قەشقەردىكى خىتايلارنى پاراكەندە قىلىپ، ھەتتا بىر قىسمىنى يۇرتلىرىغا قېچىشقا مەجبۇرلىدى. قەشقەرگە مەبلەغ سېلىشقا سەپەرۋەر قىلىنغان خىتايلارنى چۆچۈتتى. خىتاينىڭ قەشقەردىكى ۋالىسى يېلىن قەشقەر يەرمەنكىسى ئاخبارات يىغىنىدا «يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە قەشقەر رايونىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولدى، ئىشلىرىمىزغا مۆلچەرلەپ يەتكۈسىز ئېغىر زىيان كەلتۈردى» دەپ ئېتىراپ قىلدى. قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتى مانا بۇ. ئۇنداقتا، قەشقەرنىڭ مەدھىيىلىگۈدەك تەرەپلىرى زادى قايسى؟ سىياسىي بويۇنتۇرۇق ئاستىدىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى زادى نېمىنى ۋە كىمنى مەدھىيىلەپ ئەسەر يازىدۇ؟
بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئەگەر مەدھىيىلەشكە توغرا كەلسە، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان جەسۇر پىدائىيلارنى مەدھىيىلەش كېرەك دېيىشمەكتە. بەزىلىرى ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسېرى ئۆتكۈرلىشىۋاتقان بىر شەھەردە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىئىنى مەدھىيىنىڭ تېمىسى قىلىش، خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دېمەكتە. خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان بۇ سىياسەتنىڭ يېڭى مال ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.