ئۇ ماقالىسىدە يەنە قەشقەرگە مەبلەغ سالغان تۇرالغۇ ئۆي شىركەتلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى خېرىدار ئوبيېكتى قىلمىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
ماقالىگە «كاشىغەردىن كاشىغىچە: قەشقەرنىڭ قايتا ئىجاد قىلىنىشنى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، ماقالە ئامېرىكىدىن چىقىدىغان «ھوففىڭتون پوچتىسى» گېزىتىگە بېسىلدى.
ماقالە مۇنداق باشلانغان: ئۇيغۇرلار رەڭدار مەركىزىي ئاسىيا سودا مەدەنىيىتىگە ساھىب بولغان قەدىمىي يىپەك يولدىكى بوستانلىق قەشقەر شەھرى قايتا قۇرۇلماقتا. قەشقەرنى ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ روھى ۋە مەدەنىي مەركىزى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى دەپ تونۇيدۇ.
ماقالىدە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەردە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەدىمىي كوچا-رەستىلىرىنى نەچچە ئون يىلدىن بېرى خۇددى تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىنى چاققانغا ئوخشاشلا قەدەممۇ-قەدەم چېقىپ يۆتكىگەنلىكى، ھازىر شەھەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنى چېقىپ بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىڭلىغان، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرالغۇلىرىدىن قەشقەرنىڭ سىرتىغا قوغلاندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىشتىن ئىبارەت دۆلەت سىياسىتى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تېزلىتىلدى. شەھەرنىڭ ئەڭ يېڭى پۇقرالىرى بۇ شەھەرنى ئۇيغۇرلار ئاتىغاندەك «قەشقەر» دەپ ئاتىماستىن خىتايچە «كاشى» دەپ ئاتىشىدىغان بولدى.
ماقالىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئاستىدا 2010- يىلىدىن بۇيان قەشقەرگە مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە يەر-مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭمۇ كۆپلەپ ئېقىپ كىرىشكە باشلىغانلىقى، خىتاينىڭ «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق 19 ئۆلكە-شەھەر قەشقەرگە 1 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلۇش باشلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەرەققىيات قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغانلىقى كۆرسىتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئەنجۈ فۇمىن» يەنى «ئەمىن تۇرالغۇ بەرپا قىلىپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى» ئاھالىلەرنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە كىشىلەردە ئەندىشە پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ بۇ بايلىقلارنىڭ تەڭ تەقسىم قىلىنىشى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش جەھەتتە ئادەمنىڭ ئەندىشىسى كۈچەيتتى. بۇ يەردىكى ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى بولغان ئۇيغۇرلار سىرتقا ھەيدەپ چىقىرىلدى.
ماقالىدە ئىلگىرى ئاخباراتلاردا كۆپ تىلغا ئېلىنمىغان مۇنداق ئىككى نەرسىگە ئورۇن بېرىلگەن. ئۇنىڭ بىرى قەشقەردە يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ خېرىدارلىرى ۋە بۇ ئۆيلەر ھەققىدە ئىشلەنگەن ئېلان فىلىملەر.
ماقالىدە قەشقەردە يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان تۇرالغۇ ئۆي ئېلانلىرىنىڭ قىسقا فىلىملىرىگە ئۇلانمىلار بېرىلگەن. بۇ ئۇلانمىلاردىكى فىلىملەر پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا بولۇپ، قەشقەرگە قۇرۇلۇۋاتقان ئاتالمىش «سەككىز تۈگمەن باغچىسى» ۋە «شادىمان ھويلا تۇرالغۇلىرى» نىڭ ئاھالىسىنىڭمۇ پۈتۈنلەي خىتاي مىللىتىدىن ئىكەنلىكى ئالاھىدە دىققەتنى چېكىدۇ.
ماقالىدە «نيۇ-يورك» ۋاقىت گېزىتىدىن نەقىل ئېلىشىچە، قەشقەردە تۇرالغۇ ئۆي سېلىپ سېتىۋاتقان بىر شىركەت خادىمى نېمە ئۈچۈن بۇ تۇرالغۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەشۋىقات ماتېرىياللىرى يوق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ : ئۇنداق قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى. چۈنكى ئۇلار بۇ يەردىكى ئۆيلەرنى بەرىبىر سېتىۋالالمايدۇ، دېگەن.
ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەردىكى تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغان ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: مەزكۇر رايوندىكى تەرەققىيات يۆلىنىشىنى بەلگىلەۋاتقان خىتاي رەھبەرلىرى يەرلىك ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ خىزمەت ۋە سودا پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھېچ قانداق ھەرىكەت قىلمىدى. شەرقىي خىتايغا جايلاشقان شىركەتلەر شەرقىي تۈركىستانغا سودا سارايلىرىنى ئاچقان بولسىمۇ، ئۇلار كۆپىنچە ھاللاردا خىزمەتچىلىرىنىمۇ ئۆز ئۆلكىلىرىدىن بىرگە ئەگەشتۈرۈپ كېلىشتى، ياكى ئىشچىلارنى شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان خىتاي خەلقى ئىچىدىن قوبۇل قىلىشتى.
ماقالىدە نەقىل قىلىشىچە يېقىندا قەشقەرگە «شەرقىي شەھەر باغچىسى» ناملىق تۇرالغۇ ئۆي ئېلىۋاتقان بىر خىتاي شىركىتى ئۆز تور بېتىگە چىقارغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدا خىزمەتچىلەرنىڭ پەقەت خىتايلاردىنلا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتكەن.
ماقالىدە يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇنداق دېيىلگەن: شەرقىي تۈركىستاندىكى قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار جەمئىيەتتىكى رولى ۋە ياشاش بوشلۇقى قاتارلىق تەرەپلەر دە بارغانچە چەتكە قېقىلىۋاتىدۇ. بۇ رايوندا مىللەتلەر ئارىسىدىكى ياتلىشىشىنى تېخىمۇ چوڭايتىپ، شەرقىي تۈركىستاندا تەرەققىياتنى مۇقىم قەدەمدە ئېلىپ بېرىشقا تەھدىت پەيدا قىلىدۇ.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا يۇقىرىقىدەك چېقىپ-يۆتكەش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەممە يېرىدە ئورتاق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى قايتا تەكرارلانغان.
ئەيمي رېگېر ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى. ئۇلار يېقىندا «چەتكە قېقىلىپ ياشاش: خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىشى» ناملىق بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىرىنى چېقىش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.