مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ قەشقەر ئالاھىدە رايون قۇرۇش پىلانىدىن ۋاز كېچىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرگە مەبلەغ سېلىپ، ئۇنى شېنجېنغا ئوخشاش غەربتىكى ئالاھىدە رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

شۇنىڭدىن كېيىن بۇ قەشقەر قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، خىتاي كارخانىچىلىرىنى ۋە سودىگەرلىرىنى شەھەرگە جەلپ قىلغان. قەشقەر قىزغىنلىقى يەنە قەشقەر شەھىرىدە ئۆي مۈلك تىجارىتىنى جانلاندۇرۇپ، ئۆي باھاسىنىڭ شىددەتلىك ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بىراق، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرى قارار چىقىرىپ، قەشقەرنى ئالاھىدە رايون ئەمەس، ئىقتىسادى ئېچىۋېتىش رايونى دەپ ئېلان قىلىشى بىلەن قەشقەر قىزغىنلىقى سۇغا چىلاشقان. ئۆي مۈلك باھاسى تېز چۈشۈپ، سېتىلمىغان تاۋار ئۆيلەر 50 % كە يەتكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ستەيت سترېت بانكىسىنىڭ سابىق بازار ئانالىزچىسى، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىنىنى زىيارەت قىلدۇق.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل قەشقەردە ئۆي باھاسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن 30% چۈشۈپ، «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن قوزغالغان قەشقەر ئالاھىدە رايون قىزغىنلىقى «كەلمەسكە كەتكەن». ئانالىزچىلار قەشقەر قىزغىنلىقىنىڭ سوۋۇپ كېتىشى، ھۆكۈمەتنىڭ قەشقەرنى ئالاھىدە رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانىدىن يېنىۋېلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا كونكرېت سەۋەبلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. پەرھات بىلگىن ئەپەندى بۈگۈنكى زىيارىتىمىزدە قەشقەرنىڭ ئۆي مۈلك بازىرى ۋە خىتاينىڭ قەشقەر ئالاھىدە رايون قۇرۇش پىلانىدىن ۋاز كېچىش سەۋەبى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.