قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چېقىلىشى ھەم ئۇنىڭ 'غەربتىكى شېنجېن' قىلىنىشى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر

خىتاي ھۆكۈمىتى2 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم دۇنيا ئەللىرىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن، قەشقەر قەدىمى شەھىرىنى چېقىپ، قەشقەرنى خىتاينىڭ غەربىدىكى سودا شەھىرى قىلىپ قۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بۇ قۇرۇلۇش" قەشقەرنى خىتاينىڭ غەربىدىكى شېنجېن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانى" دەپ ئاتالغان ئىدى.

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە خىتاي مەتبۇئاتلىرى ھەم خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا قەشقەر شەھىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ھەم بۇ قەدىمىي شەھەردىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر ھەققىدە ئوخشىمىغان ئىنكاسلار بېرىلمەكتە.

ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ "مالىيە ژۇرنىلى"دا، "قەشقەر: غەربتىكى ئالاھىدە رايون ھەققىدىكى شادلىق ھەم قايغۇ" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە، خىتاينىڭ قەشقەرنى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ئېچىۋېتىلىدىغان سودا شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانى ۋە قەشقەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رېئال مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر شەھىرىگە قاراتقان ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، قەشقەردە يېڭىدىن ئېچىلىدىغان شىركەتلەردىن ئالدىنقى 5 يىلنىڭ دەسلەپكى 2 يىلىدا باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى، كېيىنكى 3 يىلىدا بۇ شىركەتلەردىن پەقەت 50% ئەتراپىدا يەرلىك تاپاۋەت بېجى ئېلىنىدىغانلىقى، قەشقەردە توقۇمىچىلىق سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، رەخت فابرىكىلىرى ھەم كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى كۆپلەپ قۇرۇلىدىغانلىقى ھەم دۆلەتنىڭ بۇ خىل قۇرۇلۇشلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى يىلىدىن باشلاپ قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىدىكى نەچچە يۈز يىللىق بۇ قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنى چېقىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا ئەرزان باھادا سېتىشقا مەجبۇرلىغىنىدا، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 5 - ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلغان "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى"دا قەشقەر شەھىرىنىڭ خىتاينىڭ غەربىي دەرۋازىسىدىكى ئالاھىدە رايون "غەربتىكى شېنجېن" قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، قەشقەر تەۋەسىدىكى يەر باھاسى ھەسسىلەپ ئۆسۈپ كەتكەن.

ماقالىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ، نۆۋەتتە رايوندىكى ئۆي - زېمىن باھاسىنىڭ 30% ئەتراپىدا ئۆسكەنلىكىنى، ھازىر ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭمۇ بەس - بەستە ئۆي - زېمىن سودىسىغا مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقى، ئەسلىدىنلا ئادەم زىچ، يەر قىس بۇ قەدىمىي شەھەردە ئۆي باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بېرىلگەن.

ماقالىدە يەنە، قەشقەرنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر قىلىۋاتقان ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئادەم زىچ، يەر ئاز، سۇ قىش، شۇنداقلا يەرلىك ئۇيغۇرلار 90% نى تەشكىل قىلىدىغان بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ مەملىكەت بويىچە نامرات رايونلارغا كىرىدىغانلىقى، رايونغا يەرلىشىدىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا يەر مەسىلىسى، سۇ مەسىلىسى، يەرلىكلەرنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى، قەدىمىي بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى بىلەن مۇھىم ساياھەت شەھىرى بولغان بۇ شەھەرلەردىكى قەدىمى ئىمارەتلەرنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، يەرلىك ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا توسالغۇ بولىدىغان تىل ئۆتكىلى، تېخنىكا ئۆتكىلى، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بۇ زېمىندا يېڭى شىركەتلەر ھەم شىركەت خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئۇچرايدىغان بىر قاتار مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان "ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى" دا 4- ئۆكتەبىر كۈنى، "غەربتىكى يېڭى شېنجېن: بېيجىڭ قەشقەر شەھىرىنى زامانىۋى چوڭ شەھەرگە ئايلاندۇرماقچى" دېگەن ماقالە بېسىلدى. ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان، 1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەشقەردىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي تارىخى شەھەرنى خىتاينىڭ غەربىي دەرۋازىسىدىكى ئەڭ چوڭ سودا شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانىدىكى ئىستراتېگىيىسى ھەم خىتاينىڭ بۇ پىلانىغا توسالغۇ بولىدىغان بىر قىسىم رېئال مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن قەشقەر شەھىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم غەربىي ئاسىياغا چېگرىلىنىدىغان مۇھىم چېگرا ئېغىزى بولغان قەشقەر شەھىرىگە بۇ قەدەر زور مەبلەغ سېلىشىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن غەربىي ئاسىيا ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئىگىلەشكە قۇلاي شارائىت يارىتىش، بۇ ئارقىلىق، ھىندىستاننىڭ غەربىي ئاسىيا بازىرىنى ئىگىلىشىگە ھەم رايوندىكى باشقا تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش، رۇسىيە، ئەنگلىيە ھەم ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ غەربىي ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر شەھىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇش ئۈچۈن زور مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ شەھەرنى قۇرۇش، خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى زامانىۋى شەھەر شېنجېننى قۇرۇپ چىققىنىدەك ئۇنداق قۇلاي ئەمەسلىكى ھەققىدىكى ئامىللار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇنداق دېيىلگەن: "شېنجېن شەھىرى قۇرۇلغان چېغىدا قەشقەردىكىدەك سىياسىي ھەم مىللىي مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئەمما، قەشقەر شەھىرىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر مەسىلە بۇ شەھەرنى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ 3000 يىللىق تارىخىدىكى مۇقەددەس شەھەر دەپ بىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇقەددەس بولغان بۇ تارىخى شەھەرنى زامانىۋى سودا شەھىرىگە ئايلاندۇرۇشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا بۇ شەھەر چېقىلىشتىن باشلاپ نارازىلىقلار توختىمىدى. بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگىنىدە، يەرلىك ھۆكۈمەت رايوننىڭ سىرت بىلەن بولغان ئىنتېرنېت ھەم تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، رايون ۋەزىيىتىنى كونترول قىلغان ئىدى. ئەينى چاغدا ئۇلار قەشقەرنى قاتتىق قامال قىلغىنى ئۈچۈنلا قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىنى توسۇپ قالالىدى. ئەمما، بۇ شەھەردە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر پەقەت قورال كۈچىگە تايىنىپلا بۇ شەھەرنىڭ تىنچلىقىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ."

"ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى"دا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر شەھىرىنىڭ زامانىۋى سودا شەھىرىگە ئايلاندۇرۇلۇشى، رايونغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆچۈپ كېلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈدىغانلىقى، بۇنىڭ ئەسلىدىنلا سۇ مەنبەسى قىس، يەر ئاز، ئاھالە زىچ بولغان بۇ رايوندا يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەر خىل زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنى بارغانچە ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "قەشقەرنى خىتاينىڭ غەربىدىكى شېنجېن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانى" ھەم بۇ پىلاننى ئىجرا قىلىش ئەمەلىيىتى غەرب دۆلەتلىرىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، بىز بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە ماقالىلىرىنى بۇندىن كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا داۋاملىق تونۇشتۇرىمىز.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.