قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى

ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى- قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە مەلۇم دەرىجىدە چوڭ-چوڭ توپلارنى ھاسىل قىلغان ئاساستا ياشايدۇ.

0:00 / 0:00

ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلار كۆپرەك ياشايدىغان دۆلەتلەردىن بىرى قىرغىزىستان بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، قىرغىزىستان دۆلەتلىك رەسمىي نوپۇس ستاتىستىكىدا قىرغىزىستاندا 2010‏-يىلى 50 مىڭ ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما قىرغىزىستان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قىرغىزىستاندا 300 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بارلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار ۋە شىمالدىكى ئۇيغۇرلار دەپ ئىككى بۆلەككە ئايرىشقا بولىدۇ، جەنۇبتىكىلىرى ئاساسلىقى ئوش شەھىرى، قاراسۇ، قەشقەر قاتارلىق يېزا مەھەللىلەردە كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقان. بۇ ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇلار بىر نەچچە مەھەللىلەرنى تەشكىل قىلىدۇ. شىمالدىكىلىرى بولسا قىرغىزىستاننىڭ شىمالىدىكى بېشكەك، قارابالتا، سۇقۇلۇق، قارا قۇل شەھەرلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى قاراقۇل، ئېردېق ۋە تېپلوكليوچكا قاتارلىق يېزىلاردا ياشايدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى قازاقىستاندىن كۈچۈپ ئولتۇراقلىىشپ قالغان ئۇيغۇرلار ئىكەن.

2010-يىلى 6-ئايدا قىرغىزىستاندا قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئارىسىدا ئېتنىك توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، نەچچە يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە ئون مىڭلىغان ئۆزبېك خەلقىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ سەرسان بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ ۋەقەدىن كېيىن قانداق ۋەزىيەتتە ياشاۋاتىدۇ؟ بۇ سوئالنى چۆرىدىگەن ئاساستا بىز قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىنىڭ پىكىر- قاراشلىرىنى ئالدۇق، ئارتىق ھاجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستاندا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كەڭچىلىك ۋە ئەركىنلىك شۇنداقلا ئۆز مىللىي ئۆرپ ‏- ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرى بىلەن ياشىيالايدىغان، خالىغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇيالايدىغان شارائىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.