تىبەتلەرنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى بولۇپ، نارازىلىقى تېخى بېسىقمىغان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە خەلقنىڭ رايىغىمۇ ئېتىبار بىلەن قارىغاندەك سۆز - ئىبارىلەرنى قوللىنىشى، ئۇيغۇر مائارىپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان چەتئەللەردىكى بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا گۇمان ۋە مۇلاھىزىلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى.
بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەرنىڭ يۈرگۈزگەن مۇلاھىزىلىرىنى سىلەرگە سۇندۇق.
"خەلق رازى بولغان قوش تىل مائارىپىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش كېرەك" دېگەن سۆزلەرنى قەشقەر ۋالىيسى ۋە پارتكوم مۇئاۋىن سېكرېتارى ئەكبەر غوپۇر ۋىلايەتلىك مائارىپ خىزمەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ تور بېتىدە 3 - نويابىر بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەر ۋالىيسىنىڭ بۇ سۆزنى قانداقتۇر ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى خەلقنىڭ رايىغا بېقىپ ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىش نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى خەلق ئىچىدە قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە قارشى ئىدىيىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئېيتىلغانلىقى ئاشكارىلىنىدۇ.
خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 1 - نويابىر كۈنى قەشقەر پارتكوم ۋە ۋالىي مەھكىمىسى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا يىغىن چاقىرىپ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى تۇراقلىق ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرگە قويغان ۋالىيسى ئەكبەر غوپۇر،مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە قىلغان سۆزىدە يەنە، "قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان مۇھىم سىياسىي ئىسىتراتېگىيىسى، مۇقىملىقنىڭ ئاساسى، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ئورۇنلىرى ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قوش تىللىق مائارىپ خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ساغلام يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، قارشى ئىختىلاپ ۋە ئىدىيىلەرنى يۇيۇپ تازىلاپ، بىر تەرەپتىن مەملىكەت بويىچە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان تىل ۋە يېزىق (خىتاي تىلى ۋە يېزىق)نى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە يەنە بىر تەرەپتىن ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك پرىنسىپتا تۇرۇپ، خەلق رازى بولغان، ئوقۇتقۇچى - مائارىپچىلار ئەندىشىدىن خالى قوش تىل مائارىپىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش كېرەك،" دېگەن.
ئۇ يەنە يىغىندا مائارىپچىلارغا، "قوش تىللىق مائارىپ تەربىيىسى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىنى ھەممە مىللەتنى ئوخشاش سۆيىدىغان، ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان، چىن قەلبىدىن خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان يېڭى ئەۋلات قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش سىلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچۇڭلار،" دەپ تەكىتلىگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى رەسمىي يۈرگۈزگەن بۇ ئون يىلدىن بۇيان خەلق رازى بولغان قوش تىل مائارىپىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش دېگەن سۆز نى تۇنجى قېتىم ئىشلىتىشى بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ مەيدانغا چىقىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا قىزىقىش ھەم گۇمانلار قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى ئالەم تېخنىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈنمۇ ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئالىم ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشتۇق. ئەركىن سىدىق ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈزگۈزۈۋاتقان مائارىپ سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغىچە خەلقنىڭ رازى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بولسا، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۆزىلا خەلقنىڭ رايى - ئارزۇسى بىلەن قارشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، "ئۇيغۇر خەلقى رازى بولغىدەك مائارىپ سىياسىتى پەقەت مىللىي مائارىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش،" دېدى.
رادىئومىزغا يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلاردىن كېلىۋاتقان ئىنكاس ھەم ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تىبەت خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇشىغا قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدىن، بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىنىڭ مۇقىملىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، جايلاردىكى مائارىپ ۋە مەكتەپ ئورۇنلىرىدا باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.