يەر شارى پوچتىسى گېزىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «خىتايدا رادىكال ئىسلام مەسىلىسى بارمۇ» ماۋزۇلۇق ماقالە مەزكۇر گېزىتنىڭ پېشقەدەم مۇخبىرى كەتلىن مېكلافلىن تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق دەپ باشلايدۇ:
-گەرچە، ئوساما بىن لادېن چىگرىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تۇرۇپلا ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا لىدەرلىك قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىرەر قېتىممۇ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارغا ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەپ باققان ئەمەس. ئۇ نە خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن، نە تەھدىت قىلغان. ئەمما ئامېرىكىنىڭ تېررورغا قارشى ئۇرۇشى خىتايدىكى 10 مىليون ئۇيغۇر مۇسۇلماننى ناھايىتى قېيىن ئەھۋالدا قويدى. خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ دەۋاتقىنى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى نەرسە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىشىش كېلىشىملىرى تۈزدى. 22 ئۇيغۇر گۇەنتانامو تۈرمىسىگە سولاندى. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كېيىن دۈشمەن ئەمەس دەپ ئاقلانغان بولسىمۇ، ئۇلار ئافغانىستاندا تەلىم ئالغان دەپ ئەيىبلەندى.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيىۋى ئورنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلغان:
-ھالا بۈگۈنگە كەلگەندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنغا ئىشىنىش، ئەركىن ساياھەت قىلىش ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ھوقۇقلىرى بارغانسېرى ئېغىر دەپسەندە قىلىنماقتا. ئۇيغۇرلار 2009-يىلى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى بېسىم ۋە چەكلىمىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى. باشقا دۆلەتلەر ئىسلام رادىكاللىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەھدىت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقاندا، خىتاي بولسا ناھايىتى تۈپكى بىر سوئال بىلەن يۈزلەشمەكتە. خىتايدا زادى رادىكال ئىسلام مەسىلىسى بارمۇ؟
ئاپتور بۇ سوئالغا جاۋابەن ئالدى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي سادزىۋىسكىنىڭ: «خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ رادىكاللىقنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەلقئارا جامائەتكە قايىل قىلارلىق بىر ئىسپات بىلەن ئىسپاتلىشى كېرەك. خىتاي كۆرسەتكەن ئىسپاتلار مۇستەقىل بىر ئورگان ياكى شەخس تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ قايىل قىلارلىق ھېسابلانمايدۇ» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەندىن كېيىن بۇ ھەقتە مۇلاھىزىسىنى مۇنداق داۋام قىلىدۇ:
-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى 22 مىليون مۇسۇلمان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە مۈجمەل. خىتاي ھۆكۈمىتى زادى نېمىنىڭ رادىكال ئىسلامنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇلار بىلەن قارمۇ -قارشى پىكىردە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بۆلگۈنچىلەرنى ئىسلام تېررورچىلىرى بىلەن ئوخشاش كاتېگورىيىگە قويىدۇ. ئەمما بۇ بۆلگۈنچىلەر، دېيىلىۋاتقاندەك رادىكال ئەسەبىي دىنچىلاردىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ تىلغا ئېلىۋاتقىنى رادىكاللىقتىن ئۇزاق بولغان ئاساسىي مەسىلىلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار يىللاردىن بېرى دىنى رادىكاللىق بىلەن قارىلىنىپ كەلمەكتە.
ماقالىسىنى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئىختىلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلامغا بولغان كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا دىنغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ خاتالىقىدىن كېلىپ چىققان،-دەپ داۋام قىلغان ئاپتور بۇ ھەقتە كالىفورنىيىدىكى پانوما ئىنستىتۇتىدىكى ئۇيغۇرشۇناس درۇ گلەدنېينىڭ سۆزىگە يەر بەرگەن. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، درۇ گلەدنېي بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مەنچە، بۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي خەلقىنىڭ ئىسلامغا بولغان تونۇشىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان چوڭقۇر بىر ھاڭ بار، مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتى بولسۇن، مەيلى خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ۋە ياكى ئادەتتىكى پۇقرالاردا بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىسلامدىن قورقۇشتەك بىر خاھىش مەۋجۇت» دېگەن. ئاپتور ماقالىسىدە درۇ گلەدنېينىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، 2009-يىلى ئۇيغۇرلار نامايىش قىلغاندا ئۇلارنىڭ ھېچقاچان جىھادنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پەقەت ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ كوچىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا ۋەقەنى چەتئەللەردىكى قۇتراتقۇچىلار ۋە رادىكاللارغا باغلاپ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ رادىكاللىققا بەرگەن تەبىرىنىڭ باشقا تەبىرلەردىن تامامەن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكاللىققا بېرىۋاتقان ئېنىقلىمىسى نېمە؟ يەرشارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى كەتلىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنىقلىمىسىنى خىتاي پروفېسسور لې ۋېينىڭ سۆزلىرى ئارقىلىق مۇنداق بايان قىلغان:
-خىتاي ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى لې ۋېينىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ سىياسەتلىرىگە يەنى ئۇلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە، ئىقتىساد ۋە مائارىپ سىياسەتلىرىگە قارشى چىققانلىقنىڭ ھەممىسى رادىكاللىق ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما لى ۋېي سۆزىدە ئاساسلىق تەھدىتنىڭ بۆلگۈنچىلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
ئۇ ماقالىسىنىڭ داۋامىدا درۇ گلەدنىېينىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «بىن لادېننىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا خىتاينىڭ ياردىمىگە بولغان ئېھتىياجى ئازىيىشى مۇمكىن. خىتاينىڭ ئالدىدىكى يول ئېنىق ئەمەس. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى بېسىمىنى ئازايتمايدۇ» دەپ بايان قىلغان.
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوساما بىن لادېن ئۆلتۈرۈلۈپ، نەچچە كۈن ئۆتمەيلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر بىلەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ئورتاق ھەربىي مانېۋىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى. ئاپتور بۇ ھەقتە توختالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىينىڭ تۆۋەندىكى مۇلاھىزىسى بىلەن ماقالىسىنى ئاياغلاشتۇرىدۇ:
-بۇ شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوسامانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن قايتىدىن ئىسلام رادىكاللىقىغا چېتىلىدىغان بىر قىسىم ھەرىكەتلەرنى قۇترىتىپ، ئاندىن ئۇنى خەلقئارا جامائەتكە «بىز ئىسلام رادىكاللىقىنىڭ تەھدىتى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىمىز» دەپ تەشۋىق قىلىدۇ.
0:00 / 0:00