پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مەخسۇس خەلقنىڭ رايىنى سىناش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان GloballScan دېگەن شىركەت، يېقىندا «ئەركىن بازار ئىگىلىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ غايىۋى مودېلىمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟» دېگەن تېمىدا راي سىناش ئېلىپ بارغان. بۇ راي سىناشتا 25 دۆلەتتىن 12 مىڭ ئادەم راي ئىپادىلىگەن. بۈگۈن «خىتايغا نەزەر» تور گېزىتى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى توپلاپ ئېلان قىلدى.
راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ماركسىزم پەيدا بولغان گېرمانىيىدە كاپىتالىزمنى قوللايدىغان خەلق ئەڭ كۆپ، قوللاش نىسبىتى 68%. خىتايدا ھۆكۈمەت گەرچە ئۆزىنى «خىتايچە سوتسىيالىزم» دە جاكارلاپ كېلىۋاتسىمۇ، ئەمما يەنىلا خەلقنىڭ 67% كاپىتالىزمنى قوللايدۇ. بەلكى بۇ نىسبەت بەش يىلدىن بۇيان تېز ئۆرلەۋاتىدۇ.
يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە، خەلقنىڭ كاپىتالىزمغا بولغان ئىشەنچى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ. مەسىلەن، برازىلىيىدە 67%, كېنىيىدە 61%, فىلىپپىندا 65% خەلق كاپىتالىزمنى قوللايدۇ.
ئەنگلىيىدە كاپىتالىزمنى قوللايدىغان خەلق 55%, ئىسپانىيىدە 52%. ئامېرىكىدا كاپىتالىزمنى قوللايدىغان خەلق 2009-يىلى 74% ئىدى، 2010-يىلى 59% گە چۈشۈپ قالدى. كاپىتالىزمغا قارشى كەيپىيات ئەڭ كۈچلۈك بولغان فرانسىيىدە ھازىر كاپىتالىزمنى قوللايدىغان خەلقنىڭ نىسبىتى 31%.
بۇ قېتىمقى راي سىناش جەريانىدا، مۇتەخەسسىسلەر يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ سەۋەبلىرىنى كۆرسەتكەن. ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىسنى، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر كاپىتالىزمنىڭ ئەركىن بازار ئىگىلىكى پرىنسىپلىرىدىن چەتنەپ، ئالىدىغان باجنىڭ نىسبىتىنى ئۆرلىتىپ، پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ قىزىل رەقەملىرىنى كۆپەيتىۋەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان دەپ كۆرسەتكەن. ھازىر خەلقئارادا پەيدا بولغان ھۆكۈمەتنىڭ قەرزى كۆپىيىش، مەھسۇلات ئازلاش ھادىسىلىرىنى، دەل كاپىتالىزمنىڭ پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىستىن قالغان ئاسارەت، كاپىتالىزمغا بولغان ئىشەنچىنىڭ تۆۋەنلىشى، بۇنىڭدىنمۇ يامان ئاسارەت، دەپ كۆرسەتكەن.
كاپىتالىزمچە ئەركىن بازار ئىگىلىكى نەزەرىيىسى، ئەنگلىيىدە 18-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر پەيلاسوپ ئادەم سىمىس «دۆلەتنى باي قىلىش» دېگەن كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيە ئىدى. ئۇ ئارزۇ قىلغان خۇسۇسىي مەنپەئەت، ئادەم تەبىئىتىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق نەرسە، يەنى ئۆزى شەخسىي باي بولۇش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتنى پاراۋان ۋە ئىلغار قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ يەنە، دۆلەتنى باي خەلقنى كۈچلۈك قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى، دۆلەتنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىككە بولغان مۇداخىلىسىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت، چۈنكى ئەڭ ياخشى ئىقتىسادىي پائالىيەت---ئەڭ ئەركىن بازاردا ئورۇنلىنىپ، تەڭشىلىپ تۇرىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
بۇ نەزەرىيىنىڭ توغرىلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقى، شەرقىي ياۋروپا ۋە خىتايدا يولغا قويۇلۇپ مەغلۇپ بولغان سوتسىيالىزم ئارقىلىق ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولدى. ھازىر خەلقئارادا ھېچقانداق بىر دۆلەت خىتايدىكى ھازىرقى كوممۇنىست بايلىرىنىڭ كاپىتالىزمىنى، ئەركىن بازار ئىگىلىكى دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ.
بۇ قېتىمقى راي سىناشتا، خىتايدىكى ھازىرقى ھالەت ھەققىدىمۇ، تەھلىل ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن ۋېي جىنشېڭنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات دېگەن نەرسە، پەقەت نامراتلارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇل بىلەن بىر قىسىم كىشىلەرنى باي قىلىپ، ئۇنى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ قىلىۋېلىشتىن ئىبارەت.
خىتايدىكى كوممۇنىست ھاكىمىيىتى، پەقەت خەلقنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىنى ئومۇمنىڭ قىلىۋېلىشنىلا كۆزلەيدىغان، ئەمما ھەر قانداق نەسىھەتنى، ئادالەتنى قوبۇل قىلمايدىغان زالىم ھاكىمىيەت.
بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇپىڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى گەرچە ھازىر ناھايىتى كۈچلۈكتەك كۆرۈنسىمۇ، ۋۇ باڭگو ئىككى چوڭ يىغىندا ھەتتا، خىتاي ھەرگىزمۇ غەربچە دېموكراتىيىنى، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى قوبۇل قىلمايدۇ، دەپ چوڭ گەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، تېشى پال-پال ئىچى غال-غال، بوراندا قىلغان پانۇسقا ئوخشاپ قالغان كۈچ، ئۇ، خەلق ئىچىدىكى ئەركىنلىك ھەرىكەتلىرىدىن ئەڭ قورقىدۇ. بۇ قېتىمقى راي سىناشتا خىتايدا 67% خەلقنىڭ كاپىتالىزمنى قوللايدىغانلىقى ئاشكارىلاندى، بۇ بىر چوڭ ئويغىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى دەل مۇشۇ ئويغانغان كۈچ ئالدىدا گۇمران بولىدۇ.