5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە بىر قاتار پىلانلارنى يولغا قويۇپ، بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇلار ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەسلى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇئەننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولغان جاڭ چۈنشيەننى تەيىنلىدى. سىلىق-سىپايە كۆرۈنۈشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىللىي سىياسىتى ھەققىدە قىلغان مۆتىدىل سۆزلىرى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە يۇمشاش بولۇشى مۇمكىن، دەيدىغان چۈشەنچىنى پەيدا قىلدى. ئۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا ئىشىنىش ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى كۆپەيتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئارقىدىنلا 2010-يىلى 5-ئايغا كەلگەندە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنى چاقىردى. يىغىندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك بەرپا قىلىش دەيدىغان سىياسەتنى بەلگىلەپ چىقتى. يىغىندا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىلغان بىر قاتار ئىقتىسادىي پىلانلار بەلگىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت-شەھەرلىرى ئىچكىرىدىكى 19 ئۆلكىگە ھۆددىگە بېرىلدى. بۇ ئۆلكىلەردىكى نۇرغۇن خۇسۇسىي كارخانىلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئىش پىلانلىرىنى سېتىۋالدى. زور بىر قۇرۇلۇش مەيدانىغا ئوخشاپ قالغان ئۇيغۇر رايونىدا ئارقا-ئارقىدىن، زاۋۇت-كارخانىلار قۇرۇلۇشقا باشلىدى.
ئىككى يىل مابەينىدە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر رايونىنى ئارقا-ئارقىدىن زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ھەتتا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يولغا قويغان بۇ يېڭى تەدبىرلەر ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە بىر ئىجابىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدىمۇ؟ 5-ئىيۇل ۋەقەسى بولغان ئىككى يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدە نېمىلەر ئۆزگەردى؟
يۇقىرىدا ئاڭلىغىنىڭلار تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرى. ئۇ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى يىل مابەينىدە، پوزىتسىيىدە يۇمشاق بولۇش ۋاسىتىسى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان ئومۇمىي سىياسىتىدە بىر ئۆزگىرىش بولمىغاننىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
مەتبۇئات ئۇچۇرلىرى ۋە ئىنكاسلار كۆرسەتتىكى، شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ياردەم بېرىشى نامى بىلەن ھۆددىگە ئېلىۋالغان 19 ئۆلكە-شەھەردىكى خۇسۇسىي كارخانىلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئىش پىلانلىرىنى سېتىۋالدى. زور بىر قۇرۇلۇش مەيدانىغا ئوخشاپ قالغان ئۇيغۇر رايونىدىكى چوڭ شەھەرلەردىن كىچىك يېزىلارغىچە ئارقا-ئارقىدىن، زاۋۇت-كارخانىلار قۇرۇلۇشقا باشلىدى. ئەمما بۇ كارخانىلار ئۇيغۇرلارغا ئىش ئىمكانى يارىتىپ بەردىمۇ؟ بىزنىڭ يەرلىكلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن بۇ زاۋۇت-كارخانىلار ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەردىن ئىشچىلىرىنى بىللە ئېلىپ چىققانلىقتىن، ئۇيغۇرلارغا ئىش ئىمكانى يارىتىپ بېرىش ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپەيتىۋەتكەنلىكى، ھەتتا بۇ زاۋۇتلارنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولغان ئىدى. دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇلۇۋاتقان بۇ زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ ۋە سېلىنىۋاتقان ئېگىز ئىمارەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمىنىنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈشكە جەلپ قىلىش ئۈچۈن سېلىنغانلىقى، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاش، ئۇلارغا ئىش ئىمكانى يارىتىشتىن ئىبارەت ياخشى نىيەتنى چىقىش قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەم ئىقتىسادنى ياخشىلاش بىلەنلا بىر جەمئىيەتتە مۇقىملىقنى بەرپا قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكىگە ئىككى يىل توشۇپ قالغان بۇ كۈنلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇ 2 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھاياتىدا زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقى ۋە زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقتا. ئەمما، بۇ نەتىجىلەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ھەم نارازىلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە داۋاملىشىشىنى تۈگىتەلىگىنى يوق.