سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى ئىككى دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نارازىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.
سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ تارىخى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن تەبىئىي ھالدا ئۆز زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ياپونىيە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا. ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى تىنچلىق يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە. ئەمما ياپونىيە باش مىنىستىرى يوشىھىكو نودا مۇخبىرلارغا ئارالنى سېتىۋالىدىغانلىقى ھەققىدە بايان بەرگەندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى ليۇ ۋېيمىن، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلماسلىققا چاقىرىش بىلەن بىرگە «خىتاينىڭ مۇقەددەس زېمىنلىرى سېتىلمايدۇ» دېگەن ئىدى.
ئۇنداقتا سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تارىخىي ۋە خەلقئارا قانۇن جەھەتتىن كىمگە تەۋە؟ 1982-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان دېڭىزچىلىق قانۇنى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالامدۇ؟ سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ياپون-خىتاي ئۇرۇشى پارتلامدۇ؟ شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۇ مەسىلىگە قانداق قارىشى كېرەك؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.