شياۋگۈەن ۋەقەسى ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنىدە

ئىككى يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن يېقىنقى زاماندا ئۇيغۇرلار يولۇققان ئەڭ ئېغىر ۋە ئوچۇق - ئاشكارە مىللىي كەمسىتىش ھەرىكىتى دەپ قارىلىۋاتقان شياۋگۈئەن ۋەقەسى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغىمۇ سەۋەب بولغان ئىدى.

0:00 / 0:00

2009- يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ شياۋگۈەن شەھىرىدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا خىتاي ئىشچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلارغا كوللېكتىپ ھۇجۇم قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. مەزكۇر ۋەقەدە شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان 800 گە يېقىن ئۇيغۇر ياش خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا ۋە قاتتىق كەمسىتىشىگە ئۇچرىغان. ۋەقەدە ئۆلۈم - يېتىم ئەھۋاللىرىمۇ كېلىپ چىققان ئىدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن يېقىنقى زاماندا ئۇيغۇرلار يولۇققان ئەڭ ئېغىر ۋە ئوچۇق -
ئاشكارە مىللىي كەمسىتىش ھەرىكىتى دەپ قارىلىۋاتقان شياۋگۈەن ۋەقەسى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغىمۇ سەۋەب بولغان ئىدى.

بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى 26- ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ <<ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى>> ئىچكىرىگە يۆتكەش سىياسىتى بويىچە گۇاڭدۇڭنىڭ شياۋگۈەن شەھىرىدىكى <<شۈرى>> ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا ئىشلىگىلى كەلگەن ئۇيغۇر ياشلار كېچىدە بېشىغا كېلىدىغان پالاكەتتىن خەۋەرسىز ياتىقىدا ئۇخلاۋاتقىنىدا تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرگەن نەچچە مىڭ خىتاي ئىشچىنىڭ كوللېكتىپ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېغىر تاياق - توقماق، تىل - ئاھانەت زەربىسىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئەينى چاغدا ۋەقەگە ئائىت تورغا قويۇلغان كۆرۈنۈشلەردە مىڭلىغان خىتاي ئىشچىنىڭ قورشاۋى ئاستىدا قېلىپ تاياق يەۋاتقان، جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قېچىۋاتقان، تاياق زەربىسىدىن يەرگە يىقىلىپ، قانغا مىلىنىپ ياتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چارىسىز كۆرۈنۈشى ئەكس ئەتكەن ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئىشچى ياش شۇ كۈنكى نەق مەيداننى بىزگە سۈرەتلەپ بەرگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدىن كېيىن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىدا، ۋەقەدە ھەر ئىككىلىسى قەشقەرنىڭ توققۇزاق ناھىيىسىدىن بولغان ھاشىمجان ئەمەت، سادىقجان غازى ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 120 كىشىنىڭ يارىلانلانغانلىقى، بۇلارنىڭ 81 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى بىلدۈرگەن.

شياۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزغا بايانات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شياۋگۈەن ۋەقەسى ھەققىدە ھازىرغىچە ئوچۇق ۋە توغرا مەلۇمات بەرمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى ئەينى چاغدا شياۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا جۇ فامىلىلىك بىر خىتاينىڭ شياۋگۈەن شەھىرىدىكى تور بەتلەردە <<6 شىنجاڭلىق ئۇيغۇر ئىككى خىتاي قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلدى>> دېگەن مەزمۇندىكى يالغان خەۋەر تارقىتىشى سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە، بۇنىڭ قانداقتۇ بىر ئۆسەك سۆز بىلەن كېلىپ چىققان ۋەقە ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان كەمسىتىش سىياسىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى، شياۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ناتوغرا سىياسىتىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

شياۋگۈەن ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلمىغاندىن كېيىن، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەردە قاتتىق مۇنازىرە قوزغاپ، نەتىجىدە ياشلار ھۆكۈمەتتىن شياۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، نامايىشقا چىققان ئىدى. ئەمما تىنچىلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنى خىتاي دائىرىلىرى رەھىمسىزلەرچە قوراللىق باستۇردى. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ قوراللىق باستۇرۇشى نەتجىسىدە توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن ۋەقەلەردە 200 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلدى. 1000 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىندى. ئەمما، ئۆلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ھەقىقىي سانى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، بۇ ھەقتە يەنە تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلار مەۋجۇت.

كېيىن ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشقا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىيارىم، سەلكىن، شەبنەم قاتارلىق تور بەتلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋەقەنى كۈشكۈرتكەن دەپ قولغا ئېلىنىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇددەتسسىز، مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشنى چاقماق تېزلىكىدە ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان خىتاي سوتلىرى 2009- يىلى 10- ئۆكتەبىر كۈنىگە كەلگەندە شياۋگۈەن ۋەقەسىگە ئالاقىدار 5 كىشىنىڭ بىرىگە ئۆلۈم جازاسى، بىرىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ،قالغانلىرىغا مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلدى. خىتاي سوتلىرى يەنە شياۋگۈەن ۋەقەسىدە جېدەل - ماجىراغا ئارىلاشقان دېگەن جىنايەت بىلەن يارمەمەت ئىسمائىل، ئوسمانجان ئوبۇل، يۈسۈپجان تۇردىدىن ئىبارەت 3 ئۇيغۇرنى 5- يىللىقتىن 8 يىللىقىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۇچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەمما،ھازىرغىچە تېخى شاۋگۇئان ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا يالغان ئۇچۇر تارقاتتى دەپ تۇتقۇن قىلىنغان خىتايغا قانداق جازا بېرىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ھەتتا شاڭگۇەن ۋەقەسىنىڭ سىن ئالغۇ لېنتىسىنى سۈرەتكە ئېلىپ تارقاتقانلار كىملەر ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگىنى يوق.