يازغۇچى ئەھمەت ئەمىن داغ ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسى مۇنداق باشلانغان: تارىخنىڭ ئاجايىپ نەقىشلىرىدىن بىرى بولسا كېرەك، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ غەربىي ۋە ئەڭ شەرقىي ئۇچىدىكى تۈركىيە بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئارىسىدا جۇغراپىيىلىك مۇساپە توسالغۇ بولالمىغان يېقىنلىق تۇيغۇسى ۋە روھىي بىرلىك بار. ئەمما مەنىۋى جەھەتتە كۆپرەك ھېس قىلىنغان بۇ يېقىنلىقنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەكس ئېتىشىگە كۆپىنچە ھاللاردا بىر قاتار مەسىلىلەر توسالغۇلۇق قىلماقتا.
ئوسمانىيلار ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە مەيدانغا كەلگەن سىياسىي يېقىنلىشىش پائالىيەتلىرى ئۇزۇن مەزگىللىك ھەمكارلىققا ئايلىنالمىدى. 19 - ئەسىردە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك ھۆكۈمدارلىرى ئوسمانىيلار ئىمپېراتورلۇقىغا بەيئەت قىلىپ، سۇلتان نامىغا خۇتبە ئوقۇتتى ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتنىڭ كۈچلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. سۇلتان ئابدۇلئەزىزخان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمىرى ياقۇب بەگكە ھەربىي ھەيئەت ئەۋەتىپ، رەقىب دۆلەتلەرگە قارشى يار يۆلەك بولدى.
ئابدۇلھەمىدخان مەزگىلىدە بولسا، شەرقىي تۈركىستاندا بىر ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەمما ئوسمانىيلار ئىمپېراتورلۇقىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان زەئىپ كۈچى يىراق جۇغراپىيىلىك رايونلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە يار بەرمىگەننىڭ ئۈستىگە يەنە ئاسىيادا يۈكسىلىشكە باشلىغان خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيىتى بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشىگە تامامەن توسالغۇلۇق قىلدى.
ئەھمەت ئەمىن داغ ئەپەندى ماقالىسىدە خىتاي - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازغان:
20 - ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن تەڭ پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ ياتلار ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىشى بەكمۇ ناچار ۋەزىيەت بەرپا قىلدى. ئەنە شۇ دەۋردىن باشلاپ تۈركىيە بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تامامەن ئۈزۈلۈپ قالدى. تۈركىيە ھەر جەھەتتىن پۈتۈنلەي غەربكە يۈزلەنگەچكە، ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زەئىپلىشىپ كەتتى. سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىلا ئەمەس، مەدەنىي جەھەتتىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىنغان بۇ بۇرۇلۇش سەۋەبىدىن ئاسىيادىكى تۈركلەر بىلەن پەقەت رومانتىك مۇناسىۋەت بېغىلا قېلىپ قالدى. ئۇ مەزگىللەردە، تۈركىيىمۇ ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىش كرىزىسىغا دۇچ كېلىۋاتقاچقا، رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان كۈچىگە قارشى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە پۇت تىرەپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا تاشقى دۇنيا تۈركلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە بېرىپ يەتتى، شەرقىي تۈركىستانمۇ بۇ ئەھۋالدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە. مانا بۇ مەزگىلدە، تۈركىيە ئۆزىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بىر مۇنچىلىغان ۋەقە ھادىسىلەرگىمۇ پەرۋاسىزلىق قىلدى.
تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسەت ئەھدىنامىلىرى خىتاي بىلەن كۈنسېرى يۈكسىلىۋاتقان تىجارىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە سەلبىي رول ئوينىدى. شۇڭا، 2000 - يىللاردىن ئېتىبارەن يۈكسىلىشكە باشلىغان تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبىدىن تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ئىجابىي پائالىيەتلىرى نىسبىي سەۋىيىگە چۈشۈپ قالدى. 2003 - يىلى تۈركىيىدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ ئالمىشىشى، تۈركىيە ئىچىدىلا ئەمەس، سىرتىدىمۇ ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلغاچقا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى ئۈمىدلەر قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى. يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ بۇرۇنقىسىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ پەرق شۇكى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركىيىدە بۇرۇنقىدىن ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغان بولدى. يېڭى ھۆكۈمەت بۇرۇنقى چەكلىمىلەرنى سەل - پەل ئەركىن قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، مەسىلىنىڭ تۈپتىن ھەل بولۇشى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئالغا ئىلگىرىلىيەلمىدى. تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئوينىيالايدىغان رولىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمىغاچقا، ئاۋۋال ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردىن پايدىلىنىش مايىللىقى شەكىللەندى. خىتاينى ئەڭ بولمىغاندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بولسىمۇ بەزى قەدەملەرنى ئېلىشقا زورلاش ئەڭ مۇۋاپىق سىياسەت دەپ قارالدى. بۇ سىياسەتنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئەنقەرەنىڭ يېڭى سىياسىتىدىكى ئاساسىي نىشان ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئارزۇ ئۈمىدلىرىنى مۇۋاپىق شەكىلدە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا 40 قا يېقىن كېلىشىم ۋە 20 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت بار. بۇ كېلىشىمنامىلەر تۈركىيىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى تارلاشتۇرۇۋەتسىمۇ، ئەڭ بولمىغاندا، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق پروگراممىسىدا مەسىلىنىڭ ئىنسانىي تەرەپلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا توسالغۇ بولمايدۇ.
ئەھمەد ئەمىن داغ ئەپەندى ماقالىسىدە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قارىتا كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق يازغان:
ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەر مەسىلىگە ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىمۇ پۈتۈن سۈرۈك مۇئامىلىسى ياكى سىياسىتى يوق. شۇڭا ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىغا ئەزا 57 دۆلەتنىڭ ئورتاق پىكرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان پوزىتسىيىنى ئىپادىلەشنىڭ ئورنىغا، ھەرقايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇتقان پوزىتسىيىلىرىنى مۇنداق ئۈچ تۈرگە ئايرىپ خۇلاسىلاشقا بولىدۇ.
1) پراگماتىك (سۈيىئىستېمالچى) پوزىتسىيە: بۇ كاتېگورىيىگە تەۋە دۆلەتلەر خىتاينىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە نوپۇزى ئاستىدا قالغانلىقى ياكى خىتايدىن كېلىدىغان ماددىي مەنپەئەت تۈپەيلىدىن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى دۆلەت سۈپىتىدە قوللىمايدۇ، ئەمما خەلقى قىزغىن ھېسداشلىق قىلىدۇ. بۇ كاتېگورىيە ئىچىدىكى ئەڭ يېقىن چەمبەرنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى شەكىللەندۈرىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن كېيىن پەيدا بولغان ئىستراتېگىيىلىك بوشلۇق ئوتتۇرا ئاسىياغا قوشنا بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېيجىڭ ھاكىمىيىتى نەزىرىدىكى ئەھمىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشىغا سەۋەب بولدى.
خىتاي ھاكىمىيىتى سوۋېت ئىتتىپاقى چېكىنىپ چىققان بارلىق نوپۇز دائىرىسىنى ئۆز ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىنى بۇ دۆلەتلەرگە مەركەزلەشتۈردى. بۇ جەرياندا، شەرقىي تۈركىستان زېمىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتىشىپ تۇرىدىغان مۇھىم ئۆتكەل بولغاچقا، بۇ رايونغا قاراتقان خىتاي كۆچمەن سىياسىتى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىن پەيدا بولغان ئىستراتېگىيىلىك ھاڭنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق تىندۇرماقچى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇقىملىقىغا يار يۆلەك بولۇش سىياسىتى يولغا قويدى ۋە ئىقتىسادىي نوپۇزىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشتى.
يەنە شۇ مەزگىللەردىكى سىياسىي مۇقىمسىزلىق ۋەزىيىتىدە بۇ دۆلەتلەردە كۈنسېرى كۈچلىنىپ كېتىۋاتقان ئىسلامىي ئېقىملارنىڭ قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشىدىن خەۋپسىرىگەن خىتاي ھاكىمىيىتى بىخەتەرلىك ۋە ئۇچۇر ئاخبارات ساھەلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىندەككە كەلتۈرۈۋالدى. بۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان نۇرغۇنلىغان كۆچمەن ئۇيغۇر زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى.
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى دەسلەپتە شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىگە دۆلەت سۈپىتىدە قۇلاق يوپۇرۇۋېلىپ، خەلق ئارقىلىق ياردەم قولىنى سۇنغان بولسىمۇ، 1990 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن ئېتىبارەن بۇ سىياسەت پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئارزۇسىغا ماس ھالدا يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىدىن بۇنى ئوچۇق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ئۆزلىرىنىڭ لىڭشىپ تۇرغان ھاكىمىيىتىنى ئىسلامىي مۇخالىپەتچىلەردىن قوغداپ قالالماسلىقتىن قاتتىق خەۋپسىرىگەن بۇ دۆلەتلەر ئۇيغۇرلار ئېغىر خىيانەت قىلىش بەدىلىگە خىتاينىڭ ھىمايىسى ئاستىغا كىردى. يەرلىك خەلقنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى داۋاملاشسىمۇ، دۆلەت سىياسىتىنىڭ تېيىلغاق زېمىنى بۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەندۈردى.
2) رېئالىست پوزىتسىيە: ئىسلام دۇنياسىدىكى ئۇيغۇر سىياسەتلىرىدە ئىككىنچى كاتېگورىيىنى تەشكىل قىلىدىغىنى رېئالىست پوزىتسىيە بولۇپ، خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان كۈچىنىڭ باشقىچە سىياسەتكە رۇخسەت بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن ياكى ئۆزلىرىنى بۇنداق بىر مەسىلىگە مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزى بىلەن قارايدىغان دۆلەتلەر تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان مىسىر ھۆكۈمىتى مىڭلارچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، دۇنيادا بۇنداق بىر مەسىلىدىن خەۋىرى يوقتەك پوزىتسىيە تۇتماقتا. ئۇندىن باشقا، ھىندونېزىيە ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ بىۋاسىتە تەسىر دائىرىسى ئىچىدە بولۇشى تۈپەيلىدىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە خىتاينىڭ مۇتلەق كۈچىنى ئەمەلىي چىقىش قىلغان ھالدا ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
3) ئىدېئالىست پوزىتسىيە: ئۈچىنچى كاتېگورىيە بولسا، ئىدېئالىستلارنىڭ سىياسىي بەس مۇنازىرىلىرىدىن ئىبارەت. بولۇپمۇ چەتئەلدىكىلەر ئۈنۈملۈك پائالىيەت يۈرگۈزەلەيدىغان ۋە ئۇيغۇر داۋاسىدا چوڭ قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە ئېرىشەلەيدىغان دۆلەتلەردىكى ئومۇمىي پوزىتسىيىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بۇلاردىن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەر ئۇيغۇر داۋاسىغا ئىسلامىي ياكى تارىخىي سەۋەبلەردىن ئىگە چىقماقتا ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى (مۇستەقىللىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا) ھازىرقى خەلقئارالىق مۇۋازىنەتنىڭمۇ نېرىسىدا ھەل قىلىشقا تەييار تۇرماقتا. بۇ دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ماتېرىيال نەشر قىلىش، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاڭلىتىش قاتارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى بىمالال يۈرگۈزۈلمەكتە.
ئەھمەت ئەمىن داغ ئەپەندى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق يازغان: نەتىجىدە سوراشقا تېگىشلىك سوئال شۇكى، تىلغا ئېلىنغان بۇ پەرقلىق پوزىتسىيە (مۇئامىلە) ۋە سىياسەتلەرنى ئورتاق بىر نىشان ئۈستىدە تېپىشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ يوقمۇ؟ بۇ نۇقتىدا، ياۋرۇپا بىرلىكى ئۆتمۈشتە ئوتتۇرىغا قويغان ئورتاق دوكلاتلارغا ئوخشاش، بىر قۇتۇب شەكلىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلسا، تۇنجى قەدەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەق دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختاتقىلى؛ ئىككىنچى قەدەمدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەققىنىڭ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما بۇ مەسىلىگە ئەڭ مۇھىم سەھنىلەردىن بىرى بولۇشى كېرەك بولغان ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ بۇ تېمىنى قوللىشى يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلار قۇرغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ھېچبىرى ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ ھەرخىل پروگراممىلىرىدا ئەزا ياكى مەسلىھەتچى سۈپىتىدە يەر ئالالمايۋاتىدۇ.
تۇنجى قەدەمنى مۇشۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئىسلامىي مۇنبەرلەرگە ئېلىنىشى بىلەن باشلاشقا بولىدۇ. ئاندىن ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ رەھبەرلىكىدە تەشكىلاتنىڭ (شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك) قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقسا ۋە تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەستىقىغا سۇنسا بولىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.