شى جىنپىڭ ئۆزى ئالدى بىلەن راست تارىخ ئۆگىنىشى كېرەك

ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى خەن سەن، خىتاينىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبىرى بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ تارىخ ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىگە باھا بەردى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى خەن سەن 9‏-ئاينىڭ 16‏-كۈنى، پات يېقىندا خىتاينىڭ يېڭى رەھبىرى بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ، خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىغا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇلاردىن تارىخ ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلغان سۆزىگە قارىتا باھا ئېلان قىلدى. ئاپتور شى جىنپىڭنىڭ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەت ئالمىشىش ئالدىدا تۇرغاندا، شۇنداقلا خەلقئارادا ھازىر كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدېئولوگىيە يۆنىلىشى ھەققىدە ئوخشىمىغان تەسەۋۋۇر ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاي رەھبەرلىرىگە تارىخ ئۆگىنىش ھەققىدە قىلغان سۆزى، دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا ياخشى تەسىر پەيدا قىلمىدى دەپ قارىغان ۋە شى جىنپىڭنى تارىخنى بورمىلىماسلىققا ئۈندىگەن.

ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى خەن سەننىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبىرى بولۇشقا تەييارلىنىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا تارىخ ئۆگىنىش ھەققىدە قىلغان سۆزىنىڭ بىرىنچى نۇقتىسى تامامەن قۇرۇق گەپ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، شى جىنپىڭ رەھبىرى كادىرلارغا تارىخ ئۆگىنىش ھەققىدە قىلغان ئۈچ نۇقتىلىق سۆزىدە، ئالدى بىلەن ماۋ زېدۇڭدىن خۇ جىنتاۋغىچە بولغان خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تارىخ ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىنى ئۆگىنىش، بۇ ئارقىلىق مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ۋە رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما شى جىنپىڭ سۆزىنىڭ بۇ بىرىنچى نۇقتىسىدا، ئۇلارنىڭ قايسىنىڭ تارىخ ھەققىدە قىلغان سۆزى راست ئىكەنلىكىنى نەزەرىيە جەھەتتىن ياكى ئەمەلىي پاكىت بىلەن شەرھىلەپ-دەلىللەپ كۆرسىتەلمىگەن.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى خەن سەننىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ سۆزىنىڭ ئىككىنچى نۇقتىسىدا، خىتاي، مىسىر، بابىل، ھىندى مەدەنىيەتلىرىدىن ئىبارەت 4 چوڭ مەدەنىيەتنىڭ ئىچىدە، خىتاي مەدەنىيىتىلا بەش مىڭ يىلدىن بۇيان تا ھازىرغا قەدەر بىرلا مىللەت داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان، ئەنئەنىسى پەقەت ئۈزۈلۈپ قالمىغان مەدەنىيەت، دەپ كۆرسەتكەن. ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ ئېيتقان بۇ گەپ، ئەڭ نادان، ساۋاتسىز كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشى. ئېھتىمال شى جىنپىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تارىخ ئۆگىنىش ھەققىدە سۆز قىلىدىغان يىغىندا، يامان غەرەزلىك ئەدىبلەر يېزىپ بەرگەن تېكىستنى ئوقۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان بولۇشى مۇمكىن.

شى جىنپىڭ شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئەمەلىيەتتە ھازىر خىتاي دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ زېمىندا خىتاي دېگەن بىرلا مىللەت ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇرغان خىتاي مەدەنىيىتى دەيدىغان بىر ئورتاق مەدەنىيەت بولغان ئەمەس. تارىختا «كۇڭزىنىڭ ئېيتقانلىرى» دېگەن گەپلەرنىمۇ، ھېچقاچان «خىتاي» دەپ ئاتالغان بىر مىللەت ھازىرقى خىتاي دېيىلگەن مۇشۇ دۆلەت دائىرىسىدە بىر ئورتاق دىنغا ياكى مەدەنىيەتكە ئايلاندۇرۇپ باققان ئەمەس. بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي تارىخىدا، خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەر خىتايغا دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەردىن كىرگۈزۈلگەن مەدەنىيەتلەر داۋاملاشقان زامانلار ئەڭ ئۇزۇن. مەسىلەن، خىتاي دېگەن ھازىرقى مۇشۇ زېمىن دائىرىسىدە، خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ھىندىستاننىڭ بۇددىزمىنى بىر نەچچە ئەسىرگىچە بىر ئورتاق دىنغا (مەدەنىيەتكە) ئايلاندۇرغان. خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا كوممۇنىست پارتىيە قوللانغان كوممۇنىزم ئىدىيىسىمۇ، چەتئەلدىن، باشقا مىللەتتىن ئىمپورت قىلىنغان پەلسەپە. شۇڭلاشقا، شى جىنپىڭ خىتاي رەھبەرلىرىگە تارىخ سۆزلەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن خىتاي تارىخىدىكى بۇ پاكىتلارنى ياخشى بىلىۋېلىشى كېرەك.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى خەن سەننىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ خىتاي رەھبەرلىرىگە تارىخ ئۆگىنىش ھەققىدە قىلغان سۆزىنىڭ ئۈچىنچى نۇقتىسىدا، خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن «ئەپيۈن ئۇرۇشى» دىن كوممۇنىست پارتىيىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخنى ياخشى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىپ، خىتاينىڭ 1949‏-يىلىغىچە بولغان تارىخى تامامەن جاھانگىرلار تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان ئېچىنىشلىق تارىخ، دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما شى جىنپىڭ مۇشۇ دەۋردە خىتايدا، تارىخىدىكى بىر چوڭ سۇلالىنى ئاغدۇرغان ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدەك بىر كۈچلۈك دۆلەتنى ئۆزى بىلەن دوستلۇق كېلىشىمى ئىمزالاشقا مەجبۇرلىيالىغان جۇڭخۇا مىنگو دېگەن بىر دۆلەت بولۇپ ئۆتكەن، 1945‏-يىلىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى كېلىشىمگە ئەمەل قىلماي خىتاينى پارچىلىغان بىر پۈتۈن تارىخنى بىلمىگەنلىكى بىر كۈلكىلىك ئىش.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى خەن سەننىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ تارىخ توغرىسىدا بۇنداق خاتا كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن نومۇس قىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇنداق خاتا گەپلەرنى خەلقئاراغا ئاڭلىنىدىغان سورۇنلاردا قىلىۋەرسە، بۇ، خىتايلارنى خاتالىققا ئۈندەش، باشقا دۆلەتلەردە خىتايغا نىسبەتەن ئاداۋەت پەيدا قىلىش رولىنى ئوينايدۇ، خالاس. خەلقئارا جەمئىيەت تارىخنى بۇرمىلايدىغان رەھبەردىن ئۈمىد كۈتمەيدۇ.