خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات قاچان يولغا قويۇلىدۇ؟

مۇتەخەسسىسلەر يىلىغا 200 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قارشىلىق يۈز بېرىۋاتقان خىتايدا مۇقىملىقنى، تەرەققىياتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئاساسىي ئامىل سىياسىي ئىسلاھات، دەپ قارىماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا سىياسىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشقا ئىزچىل پېتىنالماي كەلمەكتە.

فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 28-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، خىتاي مەركىزى كومىتېتىدىكى قارشى كۈچلەرنىڭ توسالغۇسى تۈپەيلى ئەمەلگە ئاشمىغان. خەۋەردە ۋېن جياباۋنىڭ يېقىنلىرىنىڭ مەلۇماتىغا بىنائەن ئاشكارىلىنىشىچە، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئۇزۇن يىللىق غايىسى بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا ئىسلاھات تەلىپىنى تەكرار ئوتتۇرىغا قويغان.

«ۋېن جياباۋ 4-ئىيۇن تيەنئەنمىن ۋەقەسىگە قايتا باھا بېرىشنى تەكىتلىدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن 4-ئىيۇن تيەنئەنمىن ۋەقەسىگە قايتا باھا بېرىش، خىتاينىڭ سابىق رەھبەرلىرىدىن خۇ ياۋباڭ ۋە جاۋ زىياڭلارنى ئاقلاش شەرتكەن. ھالبۇكى، خىتاي مەركىزى كومىتېتىدا بۇ پىكىرگە قارشى چىققۇچى كۈچلەر يەنىلا بەلگىلىك ئىمتىيازغا ئىگە بولۇپ، تيەنئەنمىن ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى كىمگە ئارتىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرۈش ھازىرچە مۇمكىن ئەمەسكەن. گەرچە سىياسىي ئىسلاھات پىكرىگە ئەڭ قاتتىق قارشى تۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان بو شىلەي ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ بىر توسالغۇ سۈپۈرۈپ تاشلانغان ھەمدە جاڭ زېمىن كېسەللىك سەۋەبىدىن سىياسىي ئىمتىيازىدىن مەھرۇم بولغان بولسىمۇ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ زېمىنپەرەستلەردىن بىرى بولغان جۇ يۇڭكاڭنىڭ ھوقۇقى يەنىلا چوڭ ئىكەن.

خەۋەردە 4-ئىيۇن تيەنئەنمىن ۋەقەسىگە قايتا باھا بېرىشنىڭ خەلق ئىچىدە كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكى، بۇ ۋەقەگە قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكى، تۈرمىگە سولانغانلارنىڭمۇ جازا مۇددىتىنى تاماملاپ بولغانلىقى، مەيلى خەلق ئىچىدە بولسۇن ياكى مەركەزدىكى ھوقۇقدارلار ساھەسىدە بولسۇن، 4-ئىيۇن تيەنئەنمىن ۋەقەسىنى ئاقلاش تەرەپدارلىرىنىڭ كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاينىڭ قاچانلا بولمىسۇن بىر كۈنى چوقۇم سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقى، ئەمما ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى 4-ئىيۇن تيەنئەنمىن ۋەقەسىگە قايتا باھا بېرىش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى شەرت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىتھاجى كېرىمى ئەپەندى خىتاي مەركىزى كومىتېتىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىچكى سۈركىلىشلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاپتونومىيىلىك ھەق-ھوقۇقلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

خوڭكوڭدا نەشردىن چىقىدىغان «ئالما» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، 4-ئىيۇن تيەنئەنمىن ۋەقەسى بىر كوزىر بولۇپ، خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ياپونىيە ئەندىزىسىنى قوللىنىپ كۆپ پارتىيىلىك بىر تۈزۈلمە بەرپا قىلىش لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇ لايىھىدە بىر پارتىيە ئالاھىدە ھوقۇق تۇتىدىغان، باشقا پارتىيىلەر ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىدىغان ۋە نازارەت قىلىدىغان سىستېما ئورۇن ئالغان. ھالبۇكى، مۇلاھىزىچىلەر بۇ خىل ئەندىزىنى تەنقىد قىلىپ «ئۆلۈكنى ئالماشتۇرۇپ، دورىنى ئالماشتۇرمىغان بىلەن ئوخشاش»، بۇنىڭ بىلەن كومپارتىيىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاجىزلىتىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارىغان.

خەۋەردە يەنە بەزى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەيلى بو شىلەي ۋەقەسى بولسۇن ياكى 4-ئىيۇن تيەنئەنمىن ۋەقەسىگە قايتا باھا بېرىش مەسىلىسى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ كاللىسىنى مەشغۇل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان ئويۇنلار بولۇپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ئوينايدىغان كوزىرىمۇ قالمىغان. خەلقنىڭ ئىدىيىسىنى چوقۇم بىر ئىش بىلەن مەشغۇل قىلىش ئارقىلىق ئومۇمى تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىش زۆرۈرىيىتى خىتاي مەركىزى كومىتېتىدىكىلەرنى قىستاپ قويغان. بولۇپمۇ مۇقىملىقنى ساقلاش ئاساسى ۋەزىپە قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەسكەن. سىياسىي ئىسلاھات يولغا قويۇلغان تەقدىردىمۇ، خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋلار ھوقۇقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن يولغا قويۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.