ئەدەپ - ئەخلاق ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت

ئەخلاق ئىدىيە قۇرۇلۇشى ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم، شەخس بىلەن جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققى قىلىشىنىڭ ئەڭ تۈپ ئىچكى ئامىلى، يۈكسەك مەدەنىي جەمئىيەت تەرتىپى ئورنىتىشنىڭ تۈۋرۈكىدۇر.

ھەر قانداق بىر خىل ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم كىشىلەرنىڭ ئېسىل ئەخلاقى ۋە يۈكسەك ئىش - ھەرىكىتى بىلەن مۇكەممەللىشىدۇ. ئەدەپ - ئەخلاق قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ھەر قانداق بىر دىن ۋە ھەر قانداق بىر قانۇننىڭ مۇھىم تەركىبىدۇر. خۇسۇسەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئەخلاقى قۇرۇلۇشى بولمىسا، ئۇلار ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان دىننىڭ تۈپ ئىدىيىسى ئۆزىنىڭ مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئەقلىي ياردىمى ۋە ئېتىقاد كاپالىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ.

روھىي تەربىيىلىنىش بىلەن جەمئىيەتنىڭ بىرلىكى

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم روھىي تەربىيە ھەققىدە مۇنداق دېدى:" جەمئىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا، ماددىي مەدەنىيلىكنىڭ ئۇلغىيىشى بىلەن بىرگە كىشىلەر مەنىۋى مەدەنىيەتنىمۇ ئەركىن تاللاپ، ئۆزىنىڭ خىلمۇ- خىل رىقابەت ئېڭىنى مۇناسىپ ئاشۇرىدۇ، بۇ ئوبيېكتىپ جەھەتتە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى مول، كۆپ خىل بولغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەر ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردە تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسىلە روھىي تەربىيىلىنىش بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئىنساننىڭ روھى ئۆز ۋاقتىدا يېتەكچىلىككە ئېرىشەلىسە، مۆلچەرلەپ بولغۇسىز ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ. روھ پاك ھەم توغرا بولىدىكەن، تەبىئىي ھالدا، جەمئىيەت تىنچ - ئامانلىققا ئىگە قىلىنىپ، ئىجتىمائىي ئىش - ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ياخشىلىنىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە:' ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ،' دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شەخسلەرنىڭ روھىي تەربىيىلىنىشى ئىجتىمائىي ئەخلاققا ماس كېلىدىغان شەخسىي مەنىۋى مەدەنىيلىك بولۇپ، ئۇلار ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت داۋامىدا، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىش - ھەرىكىتىنىڭ ئۆلچىمى ۋە قىممەت نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزلىرىگە خاس شەخسىي ئەخلاق قىلىپ شەكىللەندۈرىدۇ. مانا بۇ روھىي تەربىيىلىنىش بىلەن ئىجتىمائىيلىقنىڭ بىرلىكىدۇر."

ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ئۈلگىلىك رولنىڭ بىرلىكى

مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن دىنلار ۋە ئىجتىمائىي قانۇنلار جەمئىيەتنى ياخشىلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇلارنى جارى قىلدۇرۇشىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلاردىن كەمبەغەللەرنى يۆلەپ، خېيىمخەتەرگە ئۇچرىغانلارنى قۇتفۇزۇشنى، زوراۋانلارغا قارشى چىقىپ، ئاجىزلارنى يۆلەشنى، كەڭ قورساق، مەردانە بولۇش، كىشىلەرگە خوشاللىق كەلتۈرۈش، ھېسداشلىق روھىغا باي بولۇشتەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقلارغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشنى، ئۆزىنى قۇربان قىلالايدىغان پىداكارلىق روھقا، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان پەزىلەتكە ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرلەيدىغان ئىدىيىگە ئىگە بولۇشنى تەلەب قىلىدۇ.

شۇڭا قۇرئان كەرىمدە:" سىلەر ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار"دەپ كۆرسىتىلگەن.

مەۋجۇد نۇقسانلارنى بىلىش بىلەن ئەمەلىيەتچىلىكنىڭ بىرلىكى

تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەر قانداق ئىجتىمائىي فورماتسىيىدە ئەڭ ئاچقۇچلۇق نۇقسان ئەخلاق - ئېتىقاد بۇھرانىدۇر. تەربىيە ئاۋۋال شەخس ئاساسىي بىرلىك قىلىنغان ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىجتىمائىي مەدەنىيلىككە ماسلىشىش جەھەتتە كۈچلۈك ئۇيغۇنلىشىش ئىقتىدارى باردۇر.

شۇڭا ھەر قانداق تەربىيەدە مەنىۋى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى شەخسنى ئاساس قىلىپ قانات يايدۇرۇپ، شەخسنىڭ ئىچكى تەربىيىلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش ھەر قانداق تەربىيىنىڭ ئۈنۈم بېرىشىنىڭ ئاساسىدۇر.