مېھرىبانلىق ئىنسان تەبىئىتىنىڭ مۇكەممەللىكىدۇر

مېھرىبانلىق ئىنسان تەبىئىتىنىڭ مۇكەممەللەشكەنلىكى بولۇپ، مېھرىبانلىق دېگەن ئىنساننى باشقىلارنىڭ ئازابلىنىشلىرىغا، قىيىنچىلىقلىرىغا ئىچ ئاغرىتىدىغان، ئۇنى خالاس قىلىشقا تىرىشىدىغان، باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىغا ئەپسۇسلىنىپ، ئۇلارنىڭ توغرا يول تېپىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ھالغا كەلتۈرىدىغان بىر ئەخلاقىي مۇكەممەللىكتۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلكېرىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇلكېرىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلكېرىم ھاجىم مېھرىبانلىقنىڭ ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئېسىل ئەخلاقلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى: " ئىنسان ئىنسانىيەتكىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن جانلىقلارغا مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان بولۇشقا تېگىشلىك. شۇڭا ئىنسان دۇنيادا ئەقىللىق ۋە ئەڭ ئېتىبارلىق مەۋجۇدات. جانلىقلار ئىچىدە مۇكەممەللىك ئىنسانغا خاس ئالاھىدىلىكتۇر. ئىنسانلار بىر - بىرىگە كۆيۈنۈش ۋە مېھرىبانلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىقلا بۇ ھاياتلىقتا ئۆزىنىمۇ ۋە باشقىلارنىمۇ بەختلىك ياشىتالايدۇ. چۈنكى مېھرىبانلىق تۇيغۇسى بولمىغان قەلبتىن ياخشىلىق كۈتكىلى بولمايدۇ. ناۋادا، ئىنساننىڭ تۇيغۇسى خۇنۇكلەشسە ئۇ ئۆزىنى باشقا جانلىقلاردىنمۇ ئىنتايىن تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان ۋە جانسىز مېتاللارغا ئوخشاش ھېچ نەرسە تەسىر قىلمايدىغان ۋە ھېچ نەرسىنى ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئىنساندىن باشقا جانلىقلاردىمۇ مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش بار بولغان يەردە، ئىنسان شۇ جانلىقلارچىلىكمۇ بولالمىسا، ئۇنىڭ ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتى ۋە ئېتىبارى قالمىغان ۋە باشقا جانلىقلاردىمۇ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان بولىدۇ. كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ئەڭ مېھرىباندۇر. مېھرىبانلىق ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى ئۇ مېھرىبانلىقنى ياراتقان ۋە قەلىبلەرگە ئۇنى بەخش ئەتكەن زاتتۇر. كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۆز ئارا كۆيۈنۈش ۋە مېھرىبانلىق ئەشۇ مېھرىبانلىقنىڭ ئىزناسىدۇر."

مېھرىبانلىق قىلمايدىغانلار مېھرىبانلىق كۆرەلمەيدۇ

ئابدۇلكېرىم ھاجىم مېھرىبانلىقنىڭ ئىنسانىي زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" ئادەم بەزىدە ئۆز دوستلىرىغا ئۇچراشقاندا خۇش چىراي ئاچىدۇ، ئۆز پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنىدۇ، ئۆز ئەھلىگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەممە كىشىدە ئورتاق تېپىلىدىغان ئەقەللى ئىش. بۇنى ھەركىم قىلالايدۇ. ئەمما پۈتۈن ئىنسانلارغا كۆيۈنۈش، تونۇمايدىغان بىرى بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ياردەم سورىسا، ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش، باشقىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە، خۇسۇسەن يېتىملار ئۆز پەرزەنتىم ئەمەسقۇ دېمەستىن مېھرىبانلىق ۋە غەمخورلۇق قىلىش، خوشنىلىرىغا، خىزمەتداشلىرىغا ۋە ئۇچراشقان ھەر قانداق كىشىگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىش گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىدە ئىش ئېلىپ بارىدىغان پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ خىسلىتىدۇر. مۇنداق كىشىلەر ئاللاھنىڭ ۋە خەلقنىڭ سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولىدىغان كىشىلەردۇر. بىر ھەدىستە:" كىشىلەرگە مېھرىبانلىق قىلمىغان ئادەمگە ئاللاھ مېھرىبانلىق قىلمايدۇ"دەپ كەلگەن. بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىگە سوۋغا قىلىنغان بۇ مېھرىبانلىقتىن ئىبارەت ئېسىل خىسلەتنى قوبۇل قىلماستىن، ئۇنىڭ يولىغا تاش توسۇقلارنى قويۇپ ئۇنىڭ ئېقىنىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. ھەتتا كىشىلەرنىڭ چىرايىغا تەبەسسۇم بىلەن قاراشتىن ئىبارەت ھېچقانداق كۈچ ياكى بەدەل تەلەب قىلمايدىغان، ئاددىغىنە مېھرىبانلىق ئىشارىسىنى كۆرسىتىشكىمۇ بېخىللىق قىلىدۇ. ئەتراپىدىكىلىرىگە ئوچۇق چىراي ئاچمايدۇ، پەرزەنتلىرىگە قوپال مۇئامىلىدە بولىدۇ. دوستلىرىنى رەنجىتىدۇ. خوشنىلىرىنى بىزار قىلىدۇ، خىزمەتداشلىرىنى راھەتسىز قىلىدۇ. ئاخىرىدا مۇنداق ئىنسانلار ئۆزلىرىنىمۇ ۋە باشقىلارنىمۇ بەختسىز قىلغاندىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ ۋە خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىدۇ."

مېھرىبانلىق پۈتۈن جانلىقلاردا ئورتاق بولغان خىسلەت

ئابدۇلكېرىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، مېھرىبانلىق پۈتۈن جانلىقلاردا بولىدىغان ئورتاق خىسلەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بىر ھەدىستە:" ئاللاھ مېھرىبانلىقنى يۈزگە بۆلۈپ، ئۇنىڭ بىرىنى زېمىنگە ئەۋەتكەن. ئاشۇ بىرى بىلەن مەخلۇقاتلار ئۆز ئارا مېھرىبانلىق قىلىشىدۇ. ھەتتا ھايۋان بالىسىغا دەسسەپ سېلىشتىن ئەنسىرەپ تۇيىقىنى كۆتۈرىدۇ،" دەپ كۆرسەتكەن.

دېمەك، مېھرىبانلىق ئىنسانلارغىلا خاس بىر خىسلەت بولماستىن، ئۇنىڭغا پۈتۈن جانلىقلار ئىشتىراكتۇر. مېھرىبانلىقنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلاش، ئاجىزلارغا ياردەم قىلىش، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش، ھەتتا ھايۋانلارغا شەپقەت قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بىر ئادەمنىڭ بىر قوينى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن پۇتىدىن سۆرەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:" ھەي سېنى! ئۇنى ئۆلۈمگە سىلىق يېتىلەپ بار"دېگەن. چۈنكى ھايۋانمۇ خۇددى ئىنسانغا ئوخشاش ئاغرىق ھېس قىلغان ئىكەن، ئۇنىڭ جېنىنى ئاغرىتماسلىققا تىرىشىشمۇ مېھرىبانلىقنىڭ بىر تۈرىدۇر.