1789-يىلىدىكى فرانسىيە ئىنقىلابى بىلەن باشلانغان سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكى-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «پۇقرالارنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە سىياسىي ھوقۇقلار خەلقئارالىق ئەھدىنامىسى» بىلەن «كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال خىتابنامىسى» قاتارلىق ھۆججەت-قانۇنلار ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىندى ۋە بۇلار كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئايلاندى.
ئالايلۇق، «ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»نىڭ 19-ماددىسىدا، ھەرقانداق ئىنسان ئوي-پىكىر ئەركىنلىكىگە ۋە ئۇنى ئىپادىلەش ھوقۇقىغا ئىگە،دېيىلگەن بولسا، «پۇقرالارنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە سىياسىي ھوقۇقلار خەلقئارالىق ئەھدىنامىسى» دىمۇ «ھەرقانداق ئىنسان ئوي-پىكرلىرىنى دەخلى-تەرۇزسىز ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە» دېيىلىدۇ. يەنى بۇ ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ئوي-پىكىرلىرى،چۈشەنچە-قاراشلىرىنى توسالغۇ،چەكلىمە ۋە ئارىلىشىش بولمىغان شارائىتتا ئەركىن-ئازادە ئوتتۇرىغا قويۇش،ئۇنى تۈرلۈك يوللار بىلەن باشقىلارغا يەتكۈزۈش شۇنداقلا بۇ ئوي-پىكىرلىرى ئاساسىدا تەتقىقات،ئىجادىيەت ۋە باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا ئوي-پىكىر ۋە چۈشەنچە ئەركىنلىكى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى دەپمۇ قارىلىدۇ.
ئوي-پىكىر ئەركىنلىكى يەنە مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇچۇر-مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئەركىنلىكى بولۇپ، ئۇ نەشر ھوقۇقى ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئوي-پىكىر ۋە چۈشەنچە ئەركىنلىكى-تۈرلۈك تېمىلاردا ئەسەر-ماقالا يېزىش، ئۇنى نەشر قىلدۇرۇشتىن تارتىپ،ھەرخىل سىياسىي مۇنازىرىلەر ۋە نارازىلىق نامايىشلىرىغا قاتنىشىشقىچە ناھايىتى كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېموكراتىك جەمئىيەتلەردە نارازىلىق نامايىشلىرى پۇقرالارنىڭ ئاساسىي دېموكراتىك ھوقۇقىدۇر. ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ بۇ نارازىلىق نامايىشلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ دېموكرات ياكى دىكتاتور ئىكەنلىكىنى ئايرىۋالغىلى بولىدۇ. دىكتاتورىلىق ھۆكۈم سۈرگەن دۆلەتلەردە،ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر (دائىرىلەر) نارازىلىق نامايىشلىرىنى قوراللىق كۈچ ياكى باشقا يوللار بىلەن باستۇرىدۇ. ئەمما دېموكراتىيە تارىخىغا قارايدىغان بولساق، دېموكراتىيىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا، نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ مۇھىم بىر رول ئوينىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
دېموكراتىك دۆلەتلەر ئىنسانلار ئۈچۈن خۇددى ھاۋا بىلەن سۇغا ئوخشاش زۆرۈر بولغان سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلىشنى ئاساسىي قانۇنلىرىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق،پۇقرالارنىڭ بۇ مۇقەددەس ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولسا، لېكىن يەنە بەزى دىكتاتور دۆلەتلەر ئىنسانلارنىڭ بۇ ھوقۇقلىرىنى قوپاللىق بىلەن دەپسەندە قىلىپ كەلمەكتە.
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا، پۇقرالارنىڭ پىكىر-چۈشەنچە ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، جەمئىيەت-تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ۋە نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئېنىق يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۇنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
بۇنىڭ ئۆرنەكلىرىدىن بىرى، تارىخچى ۋە شائىر تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» قاتارلىق ئۈچ كىتابىنىڭ چەكلىنىپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىشى، نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان باشقا كىتابلىرىنىڭ نەشرىيات ئورگانلىرىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىتا ئالاھىدە تەنقىد قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى قاتارلىقلار سۆز-پىكىر ئەركىنلىكى شۇنداقلا نەشر ھوقۇقى ئەركىنلىكلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەدەبىيات-سەنئەت بىلەن ئەركىنلىك بىر -بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىدۇ. ھالبۇكى ئەركىنلىك بولماي تۇرۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغىلى ۋە ئۇنىڭدىن زوقلانغىلى بولمايدۇ. ئەدەبىيات-سەنئەت يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىنسانلارغا ۋە جەمئىيەتكە ئەركىنلىك روھى ئاتا قىلىدۇ. فرانسىيىلىك مۇتەپەككۇر ئاندرە مالرائۇخنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، سەنئەتكار ئۆزى ياشىغان ۋە ئىنساننىڭ ھېچبىر قىممىتى بولمىغان دۇنيادا، ئەسەرلىرىدە تېخىمۇ غايىۋى،تېخىمۇ ئىنسانىي بىر دۇنيا يارىتىشقا ئۇرۇنىدۇ. يەنى ئىنسانغا تېخىمۇ يېقىن،ئىنساننىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ ئاسان تاپالايدىغان بىر دۇنيانى ئىزدەيدۇ.
لېكىن ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمۇھەممەت ياسىن، «ياۋا كەپتەر» ناملىق ئەسىرىدە بۇ غايىۋى دۇنيانى ياراتقانلىقى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، تۈرمىدە جازالانماقتا. شۇڭا يازغۇچى، سەنئەتكارنىڭ بۇ غايىۋى دۇنيانى يارىتىشى ئۈچۈن ئەركىن مۇھىت بولۇشى، سەنئەتكار ئەركىن بولۇپلا قالماي جەمئىيەتمۇ ئەركىن بولۇشى كېرەك. سەنئەتكارنىڭ ئەركىنلىكى، ئۇنىڭ ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل بولۇشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. دېموكراتىك بىر جەمئىيەتتە، ھۆكۈمەت سەنئەتكارغا ئۆلچەم بېكىتىپ بېرەلمىگىنىدەك، ئۇنىڭ قانداق يېزىشى ۋە نېمىلەرنى يېزىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەلىمات بېرەلمەيدۇ ياكى سەنئەتكارنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرالمايدۇ شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ دىتىغا ياقمىغانلارنى چەكلىيەلمەيدۇ.
19-ئەسىردىكى ئەنگلىيىلىك پەيلاسوپ جوھن ستۇئارت مىلل (1806-1873) «ئەركىنلىك ھەققىدە» ناملىق كىتابىدا، سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ ۋە ئوي-پىكىر ئەركىنلىكى بولمىغان، تەنقىدىي پىكىرلەر ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار چەتكە قېقىلغان، چەكلەنگەن بىر جەمئىيەتتە نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىش ئىمكانىيىتىنىڭ ئىنتايىن چەكلىك بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق جەمئىيەتنىڭ ئارقىدا قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ، بىر پىكىرنىڭ ئاز بىر قىسىم ئىنسانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ئۇنىڭ خاتالىقىنى كۆرسەتمىگىنىدەك، بىر پىكىرنىڭ كۆپ سانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ئۇ پىكىرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى،يەنى كۆپ سانلىقلارنىڭ ئازسانلىقلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇش ھوقۇقى بارلىقىنى چۈشەندۇرمەيدىغانلىقىنى، ئادەتتە توغرا بىر پىكىرنىمۇ تەنقىد قىلىشقا ئېھتىياج تۇيۇلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
فرانسىيىلىك مۇتەپەككۇر مونتېسكيۇ (1689-1755) نىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا،ئەركىنلىك، ھۆرلۈك بولمىغان بىر جەمئىيەتتە دەككە-دۈككە، قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە ھۆكۈم سۈرىدۇ ۋە بۇنداق دۆلەت مەڭگۈگە مۇقىمسىزلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. بۈگۈن تۇنىستا، مىسىردا، يەمەندە ۋە لىۋىيىدە پارتلىغان ئىنقىلابلارمۇ ئەمەلىيەتتە سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قارشى خەلقنىڭ ئىسيانلىرىدۇر.