ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ "ئۇيغۇر ئىلىغا دېڭىز سۈيى يۆتكەش پىلانى" ھەققىدە توختالدى

خىتاينىڭ 120 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىسى يېقىندا ئۈرۈمچىدە "شەرقنىڭ سۈيىنى غەربكە يۆتكەش" مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان. مەزكۇر پىلانغا گۇمان بىلەن قارىغۇچى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئامىللار نەزەرگە ئېلىنمىغان.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ"شەرقنىڭ سۈيىنى غەربكە يۆتكەش" نى مەزمۇن قىلغان مەزكۇر پىلانىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك لايىھىسى بويىچە بولغاندا، بوخەي دېڭىزىنىڭ سۈيىنى تۇرۇبا بىلەن ئىچكى موڭغۇلىيە ئارقىلىق يۆتكەپ كېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە 100 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق بىر كۆل شەكىللەندۈرۈشتۇر. ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر پىلان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن خىتاي دۆلەت كابىنتىغا سۇنۇلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن بۇ قۇرۇلۇشقا ئالاقىدار تېخىمۇ تەپسىلىيرەك دوكلات بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان. نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى تەستىقلىغان-تەستىقلىمىغانلىقى ۋە ياكى پىكىر ئېلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن، بۇ قۇرۇلۇش يېقىندىن بېرى مۇناسىۋەتلىك خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن جىددىي تالاش ‏- تارتىش قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭ، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلە بولۇپ قالغانلىقى روشەن. بۇ ئاينىڭ باشلىرى خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 120 دەك مۇتەخەسسىس ئۈرۈمچىگە يىغىلىپ، بۇ قۇرۇلۇش ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ئىدى. ياپونىيە توكاي ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ جۇغراپىيە پەنلىرى بويىچە سابىق دوتسېنتى، ھازىر ئامېرىكىدا خىزمەت قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن مۇختەر چوڭ ئەپەندى، مەزكۇر قۇرۇلۇش پىلانىدا سۇنىڭ شورلىشىش ۋە پارغا ئايلىنىش ئامىلى نەزەرگە ئېلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ رايوندىكى ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەتقىقات ۋە پىلانلاش ئورنىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىگە بەرگەن مەزكۇر قۇرۇلۇش ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىدا "شەرقنىڭ سۈيىنى غەربكە يۆتكەش" قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىچىملىك سۇ قىس بولۇشتەك ئەھۋالنى ھەل قىلىپلا قالماي، يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەتكە كېرەكلىك سۇنى ھەل قىلىش، چۆللۈكنى كۆكەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن نۇرغۇن مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەزكۇر قۇرۇلۇشنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ ھېسابى بويىچە قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈپ چىقىشىغا 62 مىليارد يۈئەن مەبلەغ كېتىدۇ. لېكىن، مەزكۇر پىلانغا گۇمانى نۇقتىدىن قارايدىغان بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇشنى پىلانلىغۇچىلار بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە ئىقتىسادى يۈكىنى سەل چاغلىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ قاراشتىكى خىتاي مۇتەخەسسىسىلىرىنىڭ بىرى پروفېسسور خۇ يۇگۇئاڭ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بوخەي دېڭىزىدىن ئۇيغۇر ئىلىغا سۇ يۆتكەپ كېلىش دېگەنلىك 1280 مېتىر ئىگىزلىككە سۇ ئېلىپ چىقىش دېگەنلىكتۇر. لېكىن، بوخەيدىن بىر توننا سۇنى ئۇيغۇر ئىلىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن يولدا 7.2 توننا سۇ پارغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا بىر توننا سۇنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن 7.3 توننا سۇ يوللاش كېرەك. 10 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى 100 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بىر كۆلنى تولدۇرۇشقا بىر ترىليون توننا سۇ لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن بوخەيدىن 7.3 ترىليون توننا سۇ توشۇشقا توغرا كېلىدۇ.

پروفېسسور خۇ يۇگۇئاڭ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈپ چىقىشىغا 62 مىليارد يۈئەن سەرپ قىلىنىشتىن سىرت، قۇرۇلۇش پۈتۈپ چىققاندىن كېيىن يەنە، ھەر بىر توننا سۇنى يوللاشقا 4.6 كىلوۋات توك كېتىدىغانلىقىنى، 7.3 ترىليون توننا سۇغا 2 تېرليون 400 مىليارد كىلوۋات توك سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇنىڭ بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەر بىر توننا سۇنىڭ بوخەيدىن ئۇيغۇر ئىلىغا يېتىپ بېرىشى 8 يۈئەنگە توغرا كېلىدىكەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇنچىلىك زور كۆلەمدىكى كۆلنىڭ شەكىللىنىشى رايوننىڭ ھاۋا رايىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھۆل-يېغىننى كۆپەيتىدىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن رايوننىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتى ئادەم ياشاشقا ھازىرقىدىن كۆپ قولايلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن مۇختەر ئەپەندى بۇنىڭ تەسىرىنىڭ چەكلىك بولىدىغانلىقىنى، رايوننىڭ ھۆل -يېغىن مىقدارىغا كۆپ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانى 2009‏- يىلى ئۈرۈمچى 5"‏- ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5‏- ئايدا "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئىلىنى ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىشنى قارار قىلغان ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە شەھەرلىشىش قەدىمى تېزلىشىپ، كۆچمەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكىلىشى جىددىيلەشكەن بىر مەزگىلدە كۈنتەرتىپكە قويۇلغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ قۇرۇلۇش چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىدە خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مۇددىئاسىغا نىسبەتەن بەزى گۇمانلارنى قوزغىغان. مۇختەر ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوقۇل سىياسى مۇددىئانى كۆزلەپ،ئېكىلوگىيىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئامىللارنى كۆرمەسكە سېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مۇھىت ۋە جۇغراپىيىلىك شەرت شارائىتىنى ياخشىلاشنىڭ يولى رايوننىڭ جۇغراپىيىلىك ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئەمەس، بەلكى تارىم ئويمانلىقىدىكى تەبئىي توغراقلىقلارنى قوغداش ۋە تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى سۇ ئامبارلىرىنى كونترول قىلىشتۇر.

خىتاينىڭ "بوخەينىڭ سۈيىنى ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكەش پىلانى" دىكى يېڭى كۆلنىڭ قايسى رايونغا ياسىلىدىغانلىقى، كۆل ياسىلىدىغان رايوندىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ پىكىرى، ئەگەر بۇ كۆل ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا تەسىر قىلسا، ئۇلارنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلار مەلۇم ئەمەس. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە بۇنىڭغا دائىر مەلۇماتلار تىلغا ئېلىنمىغان.