ئاخىرقى كۈنلەردە سۈرىيە ئەسكەرلىرى نامايىشنىڭ مەركىزى بولغان ھەمس شەھىرىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا، سۈرىيە ئەسكەرلىرى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە قارىتىپ ھەر بىر مىنۇت ئىچىدە ئىككى زەمبىرەك ئوقى ئاتماقتا ئىكەن.
سۈرىيىدىكى ئىنسانىي كرىزىس دۇنيادىكى ھەر قايسى جەمئىيەت، تەشكىلات ۋە دىن ئادەملىرىنىمۇ قاتتىق بىئارام قىلماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل ۋەتەن» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 15-فېۋرال كۈنىدىكى سانىدا، «مىسىرلىق ئالىملار سۈرىيە كرىزىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«مىسىردىكى ئەزھەر بىلىمگاھىنىڭ يېتەكچىسى دوكتور ئەھمەد تاييىب، سۈرىيىدىكى ئىنسانىي كرىزىسقا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشنىڭ نە ئىنسانلىققا، نە مۇسۇلمانلىققا ياتمايدىغان نومۇسلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى ئوچۇق سۆزلىگەندىن كېيىن، پۈتۈن ئەرەب دۆلەتلىرىنى سۈرىيىدىكى قەتلىئامنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
«سۈرىيىدىكى قەتلىئامغا خۇددى تاماشا كۆرۈۋاتقاندەك سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش ئىنسانىيەت تارىخىغا يېزىلىدىغان بىر جىنايەتتۇر. سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ قانخورلۇقىنى، شەپقەتسىزلىكىنى ۋە زالىملىقىنى بايان قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ھازىر زۆرۈر بولغىنى قەتلىئامنى توختىتىش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشتۇر. ئەزھەر بىلىمگاھىدىكى ئۆلىمالار نامىدىن شۇنى تەكىتلەيمىزكى، سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ ۋەزىپىسى زالىم ھاكىمىيەتنى قوغداش ئۈچۈن خەلقنى قەتلىئام قىلىش ئەمەس، بەلكى خەلقنى ھىمايە قىلىشتۇر. بۇ ئەسكەرلەر خەلقنىڭ ئۇلاردىن پات يېقىندا قانداق ھېساب ئالىدىغانلىقىنى ئۇنتۇمىسۇن. مىسىر، تۇنىس ۋە لىۋىيىدە زالىملارنى پاچاقلاپ تاشلىغانمۇ خەلقنىڭ كۈچى. خەلقنىڭ كۈچى ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئۆرۈپ تاشلاشقىمۇ ئەلۋەتتە يېتىدۇ. ئەمما بۇنىڭغا سەۋرچانلىق ۋە چىدام كېرەك. ئاخىرىدا، سۈرىيىدىكى ھۆرىيەتكە ئىنتىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا چىدام بىلەن سەۋر، سۈرىيە ئارمىيىسىگە ئىنساپ بىلەن ئەقىل-ئىدراك، ئەسەد ھاكىمىيىتىگە خورلۇق بىلەن زاۋاللىق تىلەيمىز.»
مىسىرلىق ئالىملارنىڭ ئەسەدكە ئوچۇق خېتى
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئەزھەر بىلىمگاھىنىڭ ئۆلىمالىرى سۈرىيە رەئىسى بەشار ئەسەدكە ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن سۈرىيىدە قان تۆكۈشنى دەرھال توختىتىشنى، قورالسىز خەلقنى قەتلىئام قىلىشنىڭ ۋابالى ئېغىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئەسەدنىڭ ياكى كازافىيدەك ئۆلۈش ياكى مۇبارەكتەك ئاسان قۇتۇلۇش يولىدىن بىرىنى تاللىشى لازىملىقىنى ئېيتقان. ئۆلىمالار يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيە خەلقىگە خىتاب قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى سەۋر ۋە چىدام بىلەن داۋام قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان.»