«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ قۇرۇلۇش ھارپىسىدىكى ئىچكى تالاش-تارتىشلار
2012.10.24
شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى خىتاي كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، گومىنداڭ دەۋرىدە رەئىسلىككە تەيىنلەنگەن بۇرھان شەھىدى يەنە رەئىس بولدى. سەيپىدىن ئەزىزى مۇئاۋىن رەئىسلىككە تەيىنلەندى.
1950-يىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش مەسىلىسى بويىچە يەرلىك خەلقلەرنىڭ پىكرىنى بىلىپ باقماقچى بولىدۇ. بىر مەزگىللىك ئىچكى تەييارلىقلاردىن كېيىن 1951-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ غەربىي شىمال مەھكىمىسى ئالدى بىلەن غۇلجىدا مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاپتونومىيىنى قانداق يولغا قويۇش مەسىلىسى بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ. يىغىندا ئىلى ئىنقىلابى ۋە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» مەزگىلىدە مۇھىم روللارنى ئوينىغان بىر قىسىم كىشىلەر دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەركىبىدە «ئۇيغۇرىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ھەمدە يىغىندىن كېيىن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ئىمزالىق خەت سۇنۇپ ئۆز تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋاڭ جىن ماۋ زېدۇڭغا بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، «شىنجاڭ مەسىلىسى» دە قاتتىق قول بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇ يەنە خىتاي كومپارتىيىسى غەربىي شىمال مەھكىمىسىنىڭ سېكرېتارى، ھازىرقى شى جىنپىڭنىڭ دادىسى شى جۇڭشۈنگە تەكلىپ بېرىپ، ئۈرۈمچىدە جىددىي ھالدا كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرىپ، ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، 1951-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە خىتاي كومپارتىيىسى ئۈرۈمچىدە 225 كىشىلىك جىددىي يىغىن چاقىرىپ، غۇلجا يىغىنىدا «ئۇيغۇرىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر كادىرلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدە پەقەتلا ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونوم رايون قۇرۇشنىڭ بىردىن-بىر يول ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئەسكەرتىدۇ. غۇلجىدا دادىللىق بىلەن پىكىر بەرگەن مىللىي كادىرلار «51-چىلەر» دېگەن نام بىلەن قارىلىنىپ، ئېغىر سىياسىي بېسىم ئاستىدا قالىدۇ.
1952-يىلى 8-ئايغا كەلگەندە، خىتاي كومپارتىيىسى غەربىي شىمال مەھكىمىسى شى جۇڭشۈن بىلەن ۋاڭ جېنىنىڭ باشچىلىقىدا قارار ماقۇللاپ «شىنجاڭدا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش تەييارلىق كومىتېتى» نى قۇرىدۇ.
تەييارلىق كومىتېتىغا بۇرھان شەھىدى رەئىس، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلار مۇئاۋىن رەئىس بولىدۇ. 1953-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن تاكى 1955-يىلى ئاپرېلغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇلماقچى بولغان ئاتالمىش ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونومىيىنىڭ نامى مەسىلىسىدە ئىچكى جەھەتتە كۆپ قېتىم تالاش-تارتىشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىلگىرىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ھۆكۈمىتى بىلەن مىللىي ئارمىيىدە خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر كادىرلار ھېچ بولمىغاندا «ئۇيغۇرىستان ئاپتونوم رايونى» دېگەن نامنى بولسىمۇ ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىركىشىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ تەلەپمۇ خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. شى جۇڭشۈن، ۋاڭ جىن قاتارلىقلار «ئۇيغۇرىستان» دېگەن نامنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر كادىرلارغا مۇنداق دەيدۇ: «بىرىنچىدىن، ‹ئۇيغۇرىستان› دېگەن نام تارىختىكى ‹شەرقىي تۈركىستان› دېگەن سىياسىي نامغا ئوخشاشلا مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئىككىنچىدىن، ‹سىتان› سۆزى خۇددى ‹پاكىستان› دېگەندەك مۇستەقىل دۆلەتلىك ئۇقۇمىنى بېرىدىغان سۆزدۇر. ئۈچىنچىدىن، ‹ئۇيغۇرىستان› سۆزى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدۇ ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانلىق. تۆتىنچىدىن، ‹ئۇيغۇرىستان› جۇڭگولۇقلارنىڭ تىل ئادىتىگە ماس كەلمەيدۇ».
ئۇلار يەنە خىتايچە «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنىڭ مەنىسىنى يىغىن قاتناشچىلىرىغا مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «‹شىنجاڭ› نامىنى زو زۇڭتاڭ قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ‹يېڭى زېمىن، يېڭى تېررىتورىيە› دېگەن ئۇقۇمنى بەرمەيدۇ. شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى بولغاچقا، ئۇنى بىر مەزگىل يوقىتىپ قويغان بولساقمۇ، لېكىن زو زۇڭتاڭ يەنە قايتۇرۇۋالدى. شۇڭا ئۇنىڭ مەنىسى ‹يوقىتىپ قويغان زېمىننى قايتۇرۇۋېلىش› دېگەنلىك بولىدۇ».
سەيپىدىن ئەزىزى ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ئەسلىمىسىدە «ئاپتونومىيە تاغ-دەرياغا ئەمەس، بەلكى مۇئەييەن بىر مىللەتكە بېرىلىدۇ. شۇڭا ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق بولىدۇ» دېگەن تەكلىپنى مەركەزگە بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ھالبۇكى، 2009-يىلى بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق خىتايچە كىتابتا مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ: «1955-يىلىنى بېشىدا شىنجاڭدا قۇرۇلماقچى بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونومىيىنىڭ نامىنى ‹شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى› ياكى ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دەپ ئاتاش مەسىلىسىدە كۆپ تالاش-تارتىشلار بولدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىدىن سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن بۇرھان شەھىدى ‹مەركەز قانداق بېكىتسە شۇنداق بېكىتسۇن، بىزنىڭ پىكرىمىز يوق› دەپ ئىپادە بىلدۈردى. باشقا كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار بىردەك ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دەپ ئاتاشنى تەلەپ قىلدى».
يۇقىرىقىدەك بىر قاتار تالاش-تارتىشلار نەتىجىسىدە، 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن نامنى رەسمىي بېكىتىدۇ. 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىدۇ.
خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي 1957-يىلى چىڭداۋدا ئېچىلغان مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا نېمە ئۈچۈن شۇنچە تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن نامنى بېكىتكەنلىكى ھەققىدە مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ: «‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› قۇرۇلغان چاغدا بىز ‹ئۇيغۇرىستان› دېگەن نامنى ئىشلىتىشنى قوبۇل قىلمىدۇق. چۈنكى شىنجاڭدا پەقەت ئۇيغۇرلارلا ياشىمايدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە 12 مىللەت بار. شىنجاڭدىكى 13 مىللەتكە 13 ‹سىتان› قۇرۇپ بەرگىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كۆپ ئويلىشىشلار ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دېگەن نامنى بېكىتتى. نېمىلا بولمىسۇن، قالپاق يەنىلا ئۇيغۇرلارغا كىيدۈرۈلدى. چۈنكى ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مىللەت».
يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەسىس قىلغان ئاتالمىش «ئاپتونومىيە» سىدە «ئۇيغۇر» دېگەن قالپاقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەر تۆلەنگەن. ئەگەردە 1944-يىلى نىلقىدا ئىنقىلاب پارتلاپ، شۇ يىلى 12-نويابىردا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلمىغان بولسا، نەچچە ئون مىڭ كىشىلىك مىللىي ئارمىيە ماناس دەرياسى بويىدا تىركىشىپ تۇرمىغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى 1955-يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە تەسىس قىلغان ئاتالمىش «ئاپتونومىيە» سىگە «ئۇيغۇر» دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈشنىمۇ ھەرگىز ئويلاشمىغان بولاتتى.