تارىخنى ئۆزگەرتكەن مەكتۇپلار ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

يېقىندا تارىخنى ئۆزگەرتكەن مەكتۇپلار ناملىق كىتاب يەدىۋەرەن نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنى تۈركىيىلىك يازغۇچى خاقان بوز ئەپەندى تۈرك تىلىدا يازغان.

0:00 / 0:00

يازغۇچى خاقان بوز تارىخنى ئۆزگەرتكەن مەكتۇپلار ناملىق كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق يازغان: تارىخ پەقەت ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى قۇدرەت ۋە كۈچ ئېلىنىدىغان بىر مەكتەپ. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئەسلىنى بىلمىگەن بىر نەسىلنىڭ تارىختىن كۈچ ۋە ئىبرەت ئېلىشى مۇمكىن بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا مىللىي كىملىك تۇيغۇسى ھېس قىلدۇرۇشنىڭ بىردىن-بىر يولى ئۆز تارىخىمىزدىن سەھىپىلەر تەقدىم قىلىش. تارىخنىڭ ئالتۇن سەھىپىلىرىدە يەر ئالغان تارىخنىڭ ئېقىشىنى شەكىللەندۈرگەن تۈرك تارىخىدا ئەھمىيەتلىك، ئەمما ئۇنتۇلۇپ كەتكەن مۇھىم تارىخى مەكتۇپلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق.

بۇ كىتاب 3 بۆلۈمىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمى ھونلارنىڭ خاقانى مەتەخاننىڭ خىتاي ئىمپېراتورلۇقىغا ئەۋەتكەن مەكتۇپلىرى، ھونلارنىڭ شاھزادىسى بىلگەخاقاننىڭ يۈرۈش قىلىشى، خىتاي سارىيىدا يىغىن ئېچىش، خىتاي ئىمپېراتورىنىڭ مەتەخانغا يازغان مەكتۇپلىرى دېگەنگە ئوخشاش تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

كىتابنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى بولسا، دۆلەت ھاكىمىيىتى ۋە مەزلۇم مىللەتلەر، قىبرىس ئارىلىنىڭ فەتھى قىلىنىشى، شەرقىي تۈركىستاندا ئوسمانلى ئىزلىرى، ئوسمانلى دۆلىتى ۋە قەشقەرىيە ئەمىرلىكى، سۇلتان ئابدۇلھەمىدنىڭ ئىسلام بىرلىكى سىياسىتى، سۇلتان 2‏-ئابدۇلھەمىدنىڭ خىتاي سىياسىتى، ئارخىپلاردا ئوسمانلى ۋە تۈركىستان مۇناسىۋەتلىرى، قان، پۇل ۋە تۇپراق، ۋەتەن تۇپرىقى پۇلغا سېتىلمايدۇ دېگەنگە ئوخشاش تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

كىتابنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمى بولسا، ئاتاتۈركنىڭ مۇھىم مەكتۇپلىرى، ئەنۋەر پاشىنىڭ ئاتا تۈرك مۇستاپا كامالغا يازغان مەكتۇپلىرى، تارىخى ھۆججەتلەر، يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇلىدۇ، تۈركىيە ئۇ دۇنيادا ئورنىنى تاپىدۇ دېگەنگە ئوخشاش تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كىتابتا ھونلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «مىلادىيىدىن ئىلگىرى 176 يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ھونلار خاقانىنىڭ شاھزادىسى ساغ بىلگى خاقان خىتاي تۇپراقلىرىغا كىرگەن ۋە قوماندانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئالدىغا ئۇچرىغان يەرلەرنى ۋەيران قىلغان ۋە مىڭلىغان خىتاي ئەسكەرلىرىنى ئەسىر ئېلىپ كەتكەن. 15 يىللىق تىنچلىقتىن كېيىن يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، خىتايدىن پاناھلىق تىلەپ قېچىپ كەتكەن ھونلار بىلگە خاقاننىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن بولۇپ، ھونلار بۇ سەۋەبتىن خىتاي تۇپراقلىرىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، قاچقان ھونلارغا پاناھلىق بەرگەن خىتايلارنىڭ ھەربىي قوماندانلىرىنى ئەسىر ئېلىپ قايتىپ چىقىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن خىتايلار ھونلارنىڭ خاقانى مەتەخانغا بۇ توغرىدا شىكايەت قىلىپ ئىككى مەكتۇپ يازغان.»

ھون ئىمپېراتورى مەتەخاقاننىڭ خىتايغا يازغان مەكتۇپى

مەتەخان خىتاينىڭ مەكتۇپىغا جاۋاب يېزىپ مەخسۇس ئەلچى بىلەن خىتايغا ئەۋەتكەن. بۇ مەكتۇپ ھون تارىخىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنى بىلىشتە ئىنتايىن ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، مەكتۇپنى ئەلچى خىتاي ئىمپېراتورىغا ئېلىپ بېرىپ ئۆزى ئوقۇپ بەرگەن، مەتە خاقان بۇ مەكتۇپتا خىتاينى قوشنا ۋە بويسۇنغان بىر دۆلەت دەپ باھا بەرگەن. مەتەخان مەكتۇپىدا،ئۆزىنى كىچىكلەرنى چوڭ قىلىش، ياشانغانلارغا راھەت ئىچىدە ياشاش ئىمكانى يارىتىش ئۈچۈن ئىزدەنگەن بىر خاقان دەپ تونۇشتۇرغان.

كىتابتا يېزىلىشىچە، مىلادىيىدىن ئىلگىرى 176-يىلى ھون ئىمپېراتورى مەتەخاننىڭ خىتايغا يازغان مەكتۇپىدا خىتاينى ئۆزىگە قاراشلىق ۋە بويسۇنغان بىر دۆلەت دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن: «خۇدا تەرىپىدىن تەختكە چىقىرىلغان بۈيۈك ھون ئىمپېراتورى سانيو، خىتاي ئىمپېراتورىنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ھۆرمەت بىلەن سورايمەن، خىتاي ئىمپېراتورى ئىلگىرى مەن بىلەن تىنچلىق ۋە دوستلۇق توغرىسىدا ئۇچرىشاتتى، مەكتۇپ يېزىپ ئاڭلىغان-كۆرگەنلەرنى ماڭا ئاڭلىتاتتى، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلاتتۇق. ئەمما سىلەرنىڭ چېگرادىكى ئەسكەرلىرىڭلار مېنىڭ ساغ بىلگە شاھزادەمگە ھۇجۇم قىلىپ ناچار مۇئامىلە قىلغان، ساغ بىلگە شاھزادەم مېنىڭ رۇخسىتىمنى ئالماستىن چېگرادىكى قوماندانلارغا بۇيرۇق بېرىپ دوستلارچە بولمىغان بىر ھەرىكەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككى خاقان ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم بۇزۇلدى ۋە دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىمىزمۇ كېسىلدى. سىز بۇ ۋەقە توغرىسىدا شىكايەت قىلىپ يازغان ئىككى مەكتۇپنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ۋە جاۋاب يېزىپ مەخسۇس بىر ئەلچى بىلەن ئەۋەتتىم، نەتىجىدە مەن ئەۋەتكەن ئەلچى قايتىپ كەلمىدى ھەمدە سىز تەرەپتىنمۇ ماڭا باشقا بىر ئەلچى كەلمىدى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي ئىمپېراتورى بىزگە دوستلارچە مۇئامىلە قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن قوشنا دۆلەت بولغان خىتاي بىزنىڭ ئىگىدارچىلىقىمىزدىن چىقىپ كەتكەن بولدى.»

مەكتۇپنىڭ داۋامىدا يەنە مەتەخان ھون ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇنداق يازغان: «خۇدانىڭ مەرھەمىتى بىلەن قوماندان ۋە ئەسكەرلىرىمنى يۇقىرى سەۋىيىدە تەربىيىلەپ كۈچلۈك ئاتلىرىم بىلەن ساغ بىلگە شاھزادەمنىڭ قوماندانلىقىدا يۈئېچىلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتىم. بىزنىڭ قوشۇن يۈئېچىلىكلەرنى يېڭىپ ئۇلارنى بويسۇندۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن، لوۇ-لان، ۋۇسۇن، ھۇ-كاى بىلەن بۇلاردىن باشقا ئۇلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى 26 دۆلەتنىڭ ھەممىسى ھون ئىمپېراتورلۇقىغا بويسۇندۇرۇلۇپ تۈزۈم ئاستىغا كىرگۈزۈلدى». مەتەخان مەكتۇپتا يەنە خىتايدىكى بىرقانچە شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆلكىلەرگە چوۇ دەپ نام بەرگەن، مەتەخاقان بۇ يەردە شىمالىي ۋە غەربىي ئۆلكىلەرنى ئۆزىگە بويسۇنغان ئۆلكە دەپ قارايدۇ. مەكتۇپنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئەگەر خىتاي ئىمپېراتورى ھونلارنىڭ خىتاي قوغدىلىۋاتقان سېپىلغا يېقىنلىشىشنى خالىمىسا، ھەربىي قوماندانلىرى بىلەن ئۇ يەردە ياشايدىغان خەلق ئۇ سېپىلىدىن ئۇزاق بىر يەردە ئولتۇرۇشى ئۈچۈن بۇيرۇق بېرىمەن. ئەلچىمنى سىزگە ئەۋەتتىم، ئۇنى زىندانغا تاشلىماستىن قايتۇرۇپ بېرىڭ، ئەلچىم 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چېگرادىكى ھسىن-ۋاڭ دېگەن يەردە بولۇشى كېرەك.»

خىتاي سارىيىدا يىغىن

مەتەخاننىڭ بۇ مەكتۇپىنى تاپشۇرۇپ ئالغان خىتاي ئىمپېراتورى چوڭ بىر يىغىن ئاچتى. يىغىندا، مەسىلىنى ئۇرۇش بىلەن ھەل قىلىش كېرەكمۇ ياكى تىنچلىق بىلەنمۇ دېگەن تېمىدا بەس-مۇنازىرە قىلدى. نەتىجىدە خىتايلار شۇنداق خۇلاسە چىقىرىدۇ، مەتە يۈئېچىلىكلەرنى ئۇرۇشتا يېڭىپ بويسۇندۇرغان، بۇ غەلىبىسىگە ئىشىنىپ ئۆزىنى يېڭىلمەس دەپ ئويلايدۇ، پاتقاقلىق ۋە تۇزلۇق چۆللۈكلەرگە قاپسىلىپ ياشىيالمايمىز، ئەڭ ياخشىسى ھونلار بىلەن تىنچلىق ۋە دوستلۇق قۇرۇش كېرەك دېگەن قارارغا كەلگەن.

خىتاي ئىمپېراتورىنىڭ ھون خاقانىغا يازغان مەكتۇپى

مىلادىيىنىڭ ئىلگىرى 174-يىلى خىتاي ئىمپېراتورى ھونلارغا شۇنداق مەكتۇپ يازغان: «خىتاي ئىمپېراتورى ھونلارنىڭ بۈيۈك خاقانىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىنى ھۆرمەت بىلەن سورايدۇ، ئەلچى سۈپىتى بىلەن ئەۋەتكەن ساراي ۋەزىرى ھسى-فۇ-چۇ كېلىپ سىزنىڭ مەكتۇپىڭىزنى تەقدىم قىلدى. مەكتۇپتا شاھزادە ساغ بىلگە بىزنىڭ چېگرانى بېسىپ ھەربىي قۇماندانلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ ئەسىر ئالغانلىقىدىن خەۋىرىڭىز يوقلۇقىنى، ئۇرۇش توختىتىپ، چېگرادىكى خەلقنىڭ ھۇزۇر ئىچىدە ياشىشىنى خالايدىغانلىقىڭىزنى يېزىپسىز، بۇ پىكىرلىرىڭىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز ۋە كونا كېلىشىمنى يېڭىلاشنى خالايمىز، چۈنكى ئىلگىرىكى خىتاي ئىمپېراتورىنىڭ چۈشەنچىلىرىمۇ مۇشۇنداق ئىدى. مەن ھونلار بىلەن چوڭ-كىچىك قېرىنداش بولۇش توغرىسىدا بىر كېلىشىم تۈزگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ھون خاقانىغا قىممەتلىك ھەدىيىلەر ئەۋەتتىم. كېلىشىملەر، قېرىنداشلارچە دوستلۇق داۋاملىق ھونلار تەرىپىدىن بۇزۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ. تىنچلىق ۋە دوستلۇق كېلىشىمنامىنى يېڭىلاشنى خالايمىز.»

ھونلاردىن خىتايغا جاۋاب

ھونلار دۇنيادا پەقەت ئىككى دۆلەتنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، خىتايغا يازغان مەكتۇپتا شۇنداق دېيىلگەن: «جەنۇبتا بۈيۈك خىتاي، شىمالدا كۈچلۈك بىر ھونلار بار، ھونلار كىچىك ئىشلار ۋە قائىدە-تۈزۈملەر بىلەن مەشغۇل بولمايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن چېگرالىرىمىزنى يېڭىدىن ئاچايلى، كونا كېلىشىمنامە بويىچە خىتاي ھونلارغا يەنە 10000 كۈپ شاراب، 5000 خالتا گۈرۈچ، 10000 توپ ھەر خىل يىپەك رەخت ۋە باشقا نەرسىلەرنى بەرسۇن!، شۇنداق قىلغاندا ئاندىن چېگرالىرىمىزدا بۇلاڭ-تاراج ۋە قارشىلىشىش بولمايدۇ.»

كىتابتا يەنە ھونلار توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ھونلار مىلادىيىدىن ئىلگىرى 201-يىلى خىتاينى مۇھاسىرىگە ئالغانغا ئوخشاش 176-يىلى يەنى 25 يىلدىن كېيىن خىتاي ئىمپېراتورلۇقىنى مۇھاسىرىگە ئالغان، ئەمما ھونلارنىڭ خىتايلارنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلىش نىيىتى يوق ئىدى، مەقسىتى خىتاي ئىمپېراتورلۇقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي گېنېرال ۋە ئەسكەرلىرىنى ھونلارنىڭ چېگرا دائىرىسىدىن ئۇزاق تۇرسۇن دەپ ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى. ھونلارنىڭ مەقسىتى پەقەت، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوقيا تۇتالايدىغان قەۋملەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ باشچىلىقىدا بىر تۈزۈم ئاستىغا ئېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاخىرىدا بۇ مەقسىتىگە يەتكەن. ھونلار ئورناتقان بۇ تۈزۈم تۈركلەرنىڭ ئارىسىدا كېيىنكى دەۋرلەردە كۆكتۈركلەر، سالجۇقىيلار ۋە ئوسمانلى دەۋرلىرىگىچە داۋام قىلغان.»

خىتايلار ھونلارغا 15 يىل پىدىيە تۆلىگەن

ھونلارنىڭ تارىخىدا يېزىلغىنىغا ئوخشاش، خىتاي بىلەن ھونلار مىلادىيىدىن ئىلگىرى 177-يىلى 6-ئايدا خىتاي سارىيىدا ئۇچراشقان ۋە ھونلار بىلەن خىتايلار چوڭ-كىچىك ئاكا-ئۇكا بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ چېگراسى ئىچىگە كىرمەسلىك توغرىسىدا كېلىشىم تۈزگەن. بۇ كېلىشىمدىن خۇشال بولغان خىتايلار ھەر يىلى ھونلارغا سېخىيلىق بىلەن قىممەتلىك ھەدىيىلەر تەقدىم قىلغان، كېلىشىم بويىچە خىتايلار ھونلارغا 15 يىل ئالۋان-ياساق، باج تۆلىگەن.

بۈيۈك ھون ئىمپېراتورلۇقى

كىتابنىڭ داۋامىدا يەنە، ھون ئىمپېراتورلۇقىنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ھونلار ئورخۇن ۋادىلىرى ۋە ئۆتۈكەن رايونىدا ياشىغان. بۈيۈك ھون دۆلىتىنى قۇرغان. ئۇلارنىڭ پايتەختى ئۆتۈكەن بولۇپ، ھونلارنىڭ تونۇلغان تۇنجى ھۆكۈمدارى تۇمان (تەومان) مىلادىيىدىن ئىلگىرى 220-يىلى ھون ئىمپېراتورلۇقىنى قۇرغان. تۇمان (تەومان) دىن كېيىن ئورنىغا ئوغلى مەتە (ماۇ-چۇن) خاقان بولغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرى 209-يىلى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى سايىسىدە دۆلەت كۈچلەنگەن ۋە كېڭەيگەن. مەتە ھونلار ئارىسىدا بىرلىك ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، موڭغۇللارنى ۋە باشقا قەۋملەرنى بويسۇندۇرغان. مەتەخان خىتايلارنىمۇ پىدىيە تۆلەشكە باغلىغان. مەتەخان دۆلەتنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك كېڭەيتكەن. پۈتكۈل تۈركلەرنى پەقەت بىر بايراقنىڭ ئاستىغا توپلىغان. قوشۇنىنى سىستېمىلىق ھالدا كۈچلەندۈرگەن. مەتەخان خىتاينىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن ئۇ يەرلەرنى ئىستىلا قىلىشنىڭ ئورنىغا، خىتاينى پىدىيە تۆلەشكە باغلاشنى مۇۋاپىق كۆرگەن. ھونلار دەۋرىدە خىتايلار بىلەن تۈركلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسىي كۈرەش يىپەك يولىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا ئېلىش ئىدى. ھونلار تارىختا تۇنجى قېتىم دۇنيادىكى پۈتكۈل تۈركلەرنى بىر بايراق ئاستىغا توپلىغان. خىتايلار ھونلارنىڭ بېسىپ كېلىشىدىن قورقۇپ مىلادىيىدىن ئىلگىرى 214-يىلى سەددىچىن سېپىلىنى ياسىغان.»