تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى ماقالىسى «چەكلەنگەن پۇقرالار»

باراك ئوباما يۈ جيې ۋە رابىيە قادىر خانىمغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىپ كۆرۈشۈشى كېرەك.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.02.06
sofiye-richardson-305.jpg كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسون خانىم ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. 2011-يىلى 2-ماي.
RFA

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېڭى يىل كىرە-كىرمەيلا بىر قانچە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى خىتاينىڭ 2012-يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىن پەرقلىق بولمايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ يىل خىتايدا دۆلەت رەئىسى ئالمىشىدىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقىنى، شۇڭا غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە. بۇ ھەقتە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان.

يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى ئېيىدىلا ۋۇخەن شەھەرلىك سوت لى تې ئىسىملىك ئۆكتىچى يازغۇچىنى دۆلەت تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان بولسا، ئارقىدىنلا يەنە خاڭجۇ شەھەرلىك سوت جۇ يۈفۇ ئىسىملىك شائىرنى ئوخشاش جىنايەت بىلەن جازالىغان ئىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارا ئاخباراتلاردا كەڭ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يۆنىلىشى ھەققىدە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان تاشقى سىياسەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «چەكلەنگەن پۇقرالار» ناملىق ماقالىسى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان. سوفىي خانىم يېڭى يىل كىرە-كىرمەيلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرالىرىنى يېزىقچىلىق يولى ئارقىلىق تىنچ شەكىلدە تەنقىد قىلغان ئۆكتىچى يازغۇچىلارنى ئېغىر قاماق جازاسى ئارقىلىق جازالاشتەك ئەھۋالنى «تىنچلىقپەرۋەر تەنقىدچىلىك» نىڭ خىتايدا بۇ يىلمۇ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنىڭ سىگنالى، دەپ كۆرسەتكەن.

سوفى خانىم ماقالىسىدە نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ قاماققا ئېلىنىشى، سەنئەتكار ئەي ۋېۋېينىڭ نازارەتكە ئېلىنىشى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2009-يىلى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرغانلىقى قاتارلىقلارنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن: «خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆكتىچىلەرنى داۋاملىق ھالدا قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن. ئەمما «ئەرەب باھارى» دىن قورقۇپ كەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتى تاكتىكىسىنى ئۆكتىچىلەرنى قولغا ئېلىشتىن ئۇلارنى «يوقىتىۋېتىش» كە ئۆزگەرتتى، دەپ بايان قىلىش ئارقىلىق، خىتايدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. سوفى خانىم ماقالىسىدە مۇنداق داۋام دېگەن:
«2008-يىلى بېيجىڭغا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بېرىلگەندە، ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاكۇاس روجى «ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن ئىدى. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە، بۇ دۆلەتتە تەقىب ۋە چەكلىمىلەر تېخىمۇ ئېشىپ كەتتى. 2012-يىلى بولسا ئەھۋال تېخىمۇ چاتاق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى 2012-يىلى خىتايدا دۆلەت رەئىسى ئالمىشىدىغان يىل، ھازىر خۇ جىنتاۋنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى شى جىنپىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇنداق بىر ۋاقىتتا ئاتالمىش «ئىناق جەمئىيەت» نى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋەزىيەت ئادەتتىكىدىنمۇ بەك قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىنىدۇ. بۇ، خىتايدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىدىن ۋە ھەممە رايونلاردىن ئادالەت تەلەپ قىلىدىغان ئاۋازلار يۈكسىلىشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى سۆز ئەركىنلىكى بىلەن قاتتىق دۈشمەنلىشىپ، ئادالەت سىستېمىسىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ ئالدىنى توستى، جەمئىيەتنىڭ بىر قاتلىمىنىلا رازى قىلىش ئارقىلىق، زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، ئاپەتنىڭ چوڭىغا ئۇل سېلىپ كەلدى.»

سوفى رىچاردسون خانىم ماقالىسىنىڭ داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئېشىپ بېرىشىنىڭ ئەكسىچە، تەنقىدىي پىكىرلەرگە بولغان سەۋرىنىڭ ئازىيىپ، باستۇرۇشتىن ئىبارەت يولنى تاللاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن رىچاردسون خانىمنىڭ قارىشىچە، غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمەسلىكى، مەسىلىنى خەلقئارا سەھنىلەردە ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئالماسلىقى خىتاينىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشىغا تېخىمۇ كەڭ يول ئېچىپ بەرمەكتە ئىكەن. سوفى خانىم ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئەمدى ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:
«ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنىڭ كىم بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلسا شۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى ئوچۇق قىلىپ ئېيتىشى كېرەك. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى يۈ جيې ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىپ كۆرۈشۈشى ۋە بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلىشى كېرەك. مانا بۇلار ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دۆلىتى ئىستىلىغا باب كېلىدىغان ھەرىكەتلەردۇر... ھەممىسىدىن مۇھىمى، ھەرقايسى دۆلەتلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەرقانداق سورۇندا، ئوچۇق ياكى يېپىق سۆھبەتلەرنىڭ ھەممىسىدە قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان بىر مۇھىم تېمىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا خىتاي بۇلارنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ.»

سوفى رىچاردسون خانىم ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، غەرب ئەللىرىگە چاقىرىق قىلىپ، خىتايدا ھوقۇق ئۆتكۈزۈش مۇراسىمى بولىدىغان بۇ يىلنى خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىدىغان ياخشى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ:
«نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش باسقۇچى سىياسىي يېڭىلىقلارنى، ھارارەتلىك مۇنازىرىلىشىشلەرنى ۋە رىقابەتلەرنى بىرلىكتە ئېلىپ كېلىدۇ. گەرچە خىتايدىن بۇنى كۈتكىلى بولمىسىمۇ، يەنىلا غەرب دۆلەتلىرى خىتايدا ھېچنەرسىنى ئۆزگەرتەلمىگەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى كېرەك. بۇ يىل تېخى ئەمدى باشلاندى، شۇڭا خىتايدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كۈنى تېخىمۇ قېيىنلاشماي تۇرۇپ، ھەممىمىز بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتەيلى» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.