ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا مۇھىم ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. ئەمما دۇنيا جامائىتى بۇنى ھېس قىلمايۋاتىدۇ. چۈنكى، سۈرىيە، ئىران، ئەرەب باھارى ۋە ياۋروپا ئىقتىسادى كرىزىس كۈنتەرتىپتە تۇرماقتا، ئەمما ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا چوڭ بىر كرىزىس يۈز بېرىش ئېھتىمالى بەك يېقىن. ئامېرىكا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنى ئۆزىنىڭ يەر شارى سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى دەپ ئالدىنقى پىلانغا قويدى. بۇ ۋەزىيەتنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىلارىي كىلىنتونمۇ تەكىتلىدى ۋە 21-ئەسىرنى ‹ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەسىرى› دەپ ئىپادىلىدى. ‹تاشقى سىياسەت› ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىلى 11-ئايدىكى سانىدا بۇ ئىپادىنىڭ ئورۇن ئېلىشى ۋەزىيەتنىڭ جىددىي ۋە سەزگۈر ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى. ئامېرىكىغا نىسبەتەن، شۈبھىسىز، ئافغانىستان ۋە ئىراق مۇھىم ئوخشاش ۋاقىتتا ئامېرىكا چوقۇم شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە جىددىي قارايدۇ. ئامېرىكا داۋاملىق ئافرىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئامېرىكا چوقۇم شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگىمۇ جىددىي قارايدۇ. ئەمما ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ئاسىيادا بەلگىلىنىدۇ.»
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00