تىنچلىق قوڭغۇرىقىنى تەيۋەن ئەمەس، خىتاي ئاۋۋال چېلىشى كېرەك

بۈگۈن خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسى تەيۋەننىڭ جىنمېن ئارىلىنى توپقا تۇتۇشقا باشلىغان تارىختىكى بىر كۈن. بۇ كۈندە تەيۋەن پرېزىدېنتى مايىڭجۇ جىنمېنگە بېرىپ تىنچلىق قوڭغۇرىقىنى چالدى.

0:00 / 0:00

خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسى 1958‏-يىلى 8‏-ئاينىڭ 23‏-كۈنى، تەيۋەننىڭ جىنمېن ئارىلىنى توپقا تۇتۇشقا باشلاپ، 40 نەچچە كۈندە 470 مىڭ پاي توپ ئاتقان. ئىككى مىڭدىن ئارتۇق گومىنداڭ ئەسكىرىنى ۋە يەرلىك ئاھالىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، گومىنداڭ ئارمىيىسىمۇ تەيۋەندىن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە قارىتىپ توپ ئېتىشقا باشلىغان. ئىككى تەرەپتىن ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3600 ئادەم ئۆلۈپ، يارىلىنىپ تۇرغان. مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن بۇ تارىخىي ۋەقەنىڭ 53 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، كوممۇنىست پارتىيە جىنمېن ئارىلىغا ئاتقان توپ ئوقىنىڭ پارچىلىرىدىن ياسالغان چوڭ قوڭغىراقنى، تەيۋەن پرېزىدېنتى مايىڭجۇ «تىنچلىق قوڭغۇرىقى» دەپ ئاتىدى. تەيۋەن پرېزىدېنتى مايىڭجۇ بۈگۈن بۇ قوڭغىراقنى چېلىپ، ئىككى تەرەپ تىنجىسا، پۈتۈن دۇنيا تىنجىيدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇا بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى.

لىنباۋخۇا مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دەيدۇ: تەيۋەندە ھەر يىلى بۇ تارىخىي ۋەقە ئەسلىنىپ تۇرىدۇ، ھەر قېتىم ئەسلەنگەندە، كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى جىنمېن ئارىلىنى توپقا تۇتقاندا خەلققە نېمە دەپ تەشۋىق قىلغانلىقى ئېسىمگە كېلىدۇ. مەن شۇ ۋاقىتتا بېيجىڭدا ئوقۇۋاتاتتىم. خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسى 1958‏-يىلى 8‏-ئاينىڭ 23‏-كۈنى جىنمېننى توپقا تۇتۇشقا باشلىغاندا، كوممۇنىست پارتىيە خەلققە، جاھانگىرلار ۋە بارلىق ئەكسىيەتچىلەر قەغەز يولۋاس دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

1990‏-يىلى مەن شۇ جىنمېن ئارىلىنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم. بۇ ھەقتىكى كۆرگەزمىنى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى جەڭ مەيدانىنى كۆردۈم. پاكىت شۇكى، ئەينى ۋاقىتا جىنمېننى خىتاي توپقا تۇتقان. تەيۋەن قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 7‏-پىلوتى كېلىشىم بويىچە تەيۋەننى قوغداش ئۈچۈن كەلگەندە، كوممۇنىست خىتاي دەرھال توپقا تۇتۇشنى توختاتقان.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇانىڭ ئېيتىشىچە، 1937‏-يىلى لۇگۇ كۆۋرۈكىدە ياپونغا قارشى بىرىنچى پاي ئوقنى ئاتقان گومىنداڭنىڭ پولك كوماندىرى جى شىنۋېن دەل خىتاي جىنمېننى توپقا تۇتقاندا ئۆلگەن. ئەينى ۋاقىتتا جىنمېندىكى ئۇرۇش مەيدانىدا گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ بىر كوماندىرى خاۋ بولسۇن خىتاينىڭ توپقا تۇتۇشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن، تەسلىم بولمىغان (تىنچلىق قوڭغۇرىقى چالمىغان)، بەلكى خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەنسىپى ئۆسۈپ، تەيۋەن ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان، كېيىن يەنە تەيۋەننىڭ مەمۇرى پالاتا باشلىقى بولغان. ئەينى ۋاقىتتا ئەگەر گومىنداڭ، خۇددى ھازىر مايىڭجۇ تىنچلىق قوڭغۇرىقىنى چالغاندەك تىنچلىق قوڭغۇرىقى چېلىپ تەسلىم بولغان بولسا، بۈگۈنكى تەيۋەن مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى. ھازىر خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق قوڭغۇرىقى چېلىشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن مايىڭجۇ چالماي، كوممۇنىست خىتاي چېلىشى كېرەك.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇانىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈن «ئالما گېزىتى» بۇ ھەقتە بىر باش ماقالە ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدا، جىنمېن ئارىلى ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇرۇش مەيدانى، بۇنىڭدىن ئەللىك ئۈچ يىل بۇرۇن تەيۋەننى توپقا تۇتقان خىتاي ئەمدى تىنچلىق قوڭغۇرىقىنى چالسا، تەيۋەن يەنىلا ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش قوڭغۇرىقى چالسا، ئاندىن ھەر ئىككى تەرەپتە تىنچلىق بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. مايىڭجۇنىڭ بۈگۈن جىنمېن ئارىلىدا ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش قوڭغۇرىقى چالماي، تىنچلىق قوڭغۇرىقى چالغانلىقى كوممۇنىست پارتىيىگە تەسلىم بولۇش ئۈچۈن قوڭغۇراق چالغانلىق، ئۇرۇشنىڭ جاۋابكارلىقىنى تەيۋەن خەلقىگە ئارتىپ قويماقچى بولغانلىق، تارىخنى بورمىلىغانلىق.