ئۇيغۇر ئېلىدە «تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت»لەرنىڭ سالمىقى نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى ئارتىپ بارىدۇ؟

خەلقئارادا تېررورلۇققا قارشى دولقۇن پەسەيمەكتە. لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدە «تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت»لەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسى خىتاينى بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورغا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى بىلەن ئەيىبلىمەكتە. خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا خىتاي زېمىنىدا يولغا قويۇۋاتقان مۇقىملىقنى ساقلاش ھەرىكىتىدە تېررورلۇققا قارشى مەزمۇن بولمىسىمۇ، 18-قۇرۇلتاي ھەم ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرى دائىرىسىدە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئاساسى مەزمۇن قىلىنماقتا.

خەلق تورى قاتارلىق خىتايچە قاناللارنىڭ بىرقانچە كۈندىن بۇيانقى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 22-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ قورغاس چېگرا ئېغىزىدا رادىئاتسىيىلىك ۋە بىئولوگىيىلىك تەھدىتلەرگە قارشى بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بېرىلغان. مانېۋىرغا چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش تارمىقى، چېگرا مۇداپىئە پونكىتى، تاموژنا، ساقچى، مۇھىت قوغداش ئىدارىسى، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ئورگىنى ۋە سەھىيە تارماقلىرى خادىملىرى قاتارلىقلار قاتناشقان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، «تۇيۇقسىز يۈر بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش» نامىدا باشلانغان بۇ مانېۋىر ئىككى تارماققا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلغان. بىرىنچى مەزمۇنى «تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن رادىئاتسىيىلىك تەھدىتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش» بولغان. ئىككىنچى مەزمۇنى بولسا «تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بىئولوگىيىلىك تەھدىتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش» بولغان. يەنى، بۇ قېتىمقى مانېۋىر تېررورچىلارنىڭ رادىئاتسىيىلىك ۋە بىئولوگىيىلىك ھۇجۇملىرىدىن ساقلىنىشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 8-ئاينىڭ 20-كۈنى خىتايدا «تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ چېگرادا تېررورغا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش بىرلەشمە ھەمكارلىق يىغىنى» دەيدىغان بىر يىغىن چاقىرىلغان. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ئىلى، تىبەت، يۈننەن، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، گەنسۇ، شەنشى قاتارلىق يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى قاتناشقان. بۇ يەتتە رايون تېررورغا قارشى ھەمكارلىق ئەھدىنامىلىرى تۈزۈشۈپ، بىرلىكتە جەڭگە قاتنىشىدىغان ئىتتىپاقداشلارغا ئايلانغان. ئۇيغۇر ئىلى بۇ يەتتە ئىتتىپاقداش رايوننىڭ جەڭ مەيدانى بولغان. مەلۇمكى، تېخى يېقىندىلا «تۇيۇقسىز يۈر بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ نىشانى ئۇيغۇرلار بولماقتا.

يىغىندا شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لو يەنپىڭ ئۇيغۇر ئىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ «ۋەزىيەت ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، ئەمما چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى ھەرخىل مۇرەككەپ ئامىللارنىڭ تەسىرى تۈپەيلى، مۇقىملىقنىڭ ئاساسى يەنىلا ئاجىز، مۇقىملىقنىڭ شەكىللىرى نازۇك ھەم مۇرەككەپ، چېگرادا تېررورغا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش ئىشى ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بېسىم ۋە رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە» دېگەن.

تەڭرىتاغ تورى خىتايچە قانىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورغا قارشى ھەمكارلىق ئەھدىنامىلىرىنى تۈزۈپ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مۇقىملىقىغا ئورتاق ھەسسە قوشىدىغان بۇ ئاپپاراتى خىتايدا تۇنجى قېتىم بارلىققا كەلگەن يېڭى شەيئى بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى قوغداشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېررورغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ كۆلىمىنى بارغانسېرى كېڭەيتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدە يالغۇز ئىشغال ئاستىدىكى ئۇيغۇر دىيارىلا تېررورغا قارشى بازىغا ئايلىنىدۇ؟ ئۇيغۇر تېررورچىلىرى خىتاينى شۇ قەدەر پاراكەندە قىلغۇدەك قۇدرەتكە ئىگىمۇ؟ ئۇيغۇر تېررورچىلىرى رادىئاتسىيىلىك ۋە بىئولوگىيىلىك ھۇجۇملارنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇدەك سەۋىيىگە يەتتىمۇ؟ بىز بۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى زىيارەت قىلدۇق.

ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىدىن ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشتىن ئىبارەت شېرىن چۈشلىرىنى بۇزۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇيغۇر زىيالىيسى راھىلە خانىم ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەۋەبكار ئىكەنلىكىنى، ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تېررورچى ئاتاشنىڭ پۈتۈنلەي خاتالىقىنى ئېيتتى. راھىلە خانىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچى ئاتاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەھرىمانلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

د ئۇ ق تەشۋىقات-نەشرىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى تېررورغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىشىدىكى سەۋەبنى «خىتايلارنىڭ بۇ زېمىننى داۋاملىق ئىدارە قىلىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنىڭ بەربات بولغانلىقىدىن» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈرىشىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى بارغانسېرى بىئارام قىلىپ، تېررورغا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.