شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بۈگۈن، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى پەن جىژپىڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا مۇرەسسە يوق دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ۋاڭ لېچۇەن دەۋرىدىكى «مۇتەخەسسىس» پەن جىژپىڭ، ھازىر جاڭ چۈنشەن «رەھىمدىل» سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان دەۋردە يەنە ئوتتۇرىغا چىقىپ، خوتەن ۋەقەسىنى خەلقئارا تېررورلۇققا چاتقان. ئۇ، خوتەندە 18-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن خىتاينىڭ ساقچى ئورگىنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى، ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەگە، موسكۋادا بۇلتۇر ۋە بۇ يىل يۈز بەرگەن ئايرودرومغا ھۇجۇم قىلىش ، تۆمۈر يولنى پارتلىتىش ۋەقەلىرىگە ئوخشاش دەھشەتلىك تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھېچقايسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە مۇرەسسە قىلماي كېلىۋاتىدۇ دەپ باھانە تاپقان.
خىتاينىڭ «ۋېنخۇيباۋ» گېزىتىمۇ بۈگۈن«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دىن نەقىل كەلتۈرۈپ، خەلقئارا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئېلان قىلغان خوتەن ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە مۇتەخەسسسىلەر بەرگەن باھالارنى شىنجاڭ ئەمەلدارلىرى رەت قىلدى، چەتئەللەرنىڭ دېگىنى پۈتۈنلەي «ئىغۋا» دەپ جاكارلىدى دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى. ئەمما يەنىلا خوتەن ۋەقەسىنى تېررورلۇق دېيىشتە ئاساسلانغان دەلىل -پاكىتلارنى كۆرسەتمىدى.
چەتئەللەردە تارقىلىدىغان «خىتايغا نەزەر» تور گېزىتى بۈگۈنكى ئوبزورىدا، خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ تىبەتنىڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلەش دېگەن نام بىلەن لاساغا بارغاندا، دالاي لاماغا بۆلگۈنچىلىك قىلماسلىق كېرەك دەپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ھامان، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى خوتەندە ئۇيغۇرلارنى ئېتىشقا باشلىدى دەپ كۆرسەتتى.
تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇا خوتەندە يۈز بەرگەن خىتاي ساقچى ئورگىنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە بۈگۈن ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، خىتاينىڭ ساقچى ئورگىنى دەل خەلقنى باستۇرىدىغان ئورگان، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي سالغان زۇلۇمدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ساقچى ئورگىنىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى تېررورلۇق ئەمەس، بەلكى توغرا مۇداپىئە دەپ كۆرسەتتى.
مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇا مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دەيدۇ: خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىۋېلىپ، ئۆزى ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلەرنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ قېتىم خوتەندە يۈ ز بەرگەن ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىمۇ، خىتاي ئۆزى دېگەن گەپلەرگە ھېچكىم ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلگەنلىكتىن، بۇ ۋەقە توغرىسىدا باشقىلارنى سۆزلىتىپ، ئىسپاتلىققا تارتماقچى بولدى، مەسىلەن، خىتاي مەلۇم بىر ئۇيغۇر ئايال ساقچىنىڭ، مەن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن تېررورلۇقنى سەزدىم دېگەن سۆزى بىلەن، بۇ ۋەقەنى تېررورلۇق دەپ ئىسپاتلىماقچى بولدى. يەنە مەسىلەن، خىتاي ئېلان قىلغان خەۋەرلەردە، ساقچىغا ھۇجۇم قىلغان ئۇيغۇرلاردا قورال بار دېيەلمەي، «ئېتىشىش يۈز بەردى» دەپ مۇغەمبەرلىك قىلدى. ئەگەر خىتاينىڭ مۇغەمبەر سۆزلىرىنى ئوبداق پەرق ئەتمىسە، ئاسانلا ئۇنىڭ دامىغا چۈشۈپ قالىدۇ.
مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇا مۇلاھىزىسىدە يەنە مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: خىتاي ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنى لاساغا تىبەتنىڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىگىلى باردى دەيدۇ. بۇ بىر كۈلكىلىك گەپ. ئەگەر خىتاي «ئازادلىق» دېگەن بۇنداق بىر ئەڭ قېيىن مەسىلىنى «تىنچلىق بىلەن» ئاسانلا ھەل قىلغان بولسا، نېمە ئۈچۈن 60 يىلدىن بۇيان ئۇنى قورال كۈچىگە تايىنپ ئىدارە قىلىدۇ؟ ئەگەر تىبەت ئەنئەنىسىگە ھۆرمەت قىلغان بولسا، تىبەتلەرنى يوقىتىپ تاشلىماقچى بولمىغان بولسا، تىبەتلەر قوزغىلاڭ كۆتۈرەمدۇ؟
خىتاي زوراۋانلىق ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئوخشاش يۈرگۈزدى. خوتەندە يۈز بەرگەن ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللىق زۇلۇم سىياسىتىگە قارشى پارتلىغان ھۇجۇم. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاڭنىڭ ئورنىغا جاڭنى يەڭگۈشلەپ، تاكتىكىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزگەرمىدى، ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سالىدىغان ئاتارمەنلىرى ئۆزگەرمىدى، ۋاڭ لېچۇەن ئۆزىمۇ يەنىلا مەزكەزدە سىياسىي قانۇن كومىتېتىدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.