بۇ ماقالىلەردە خوتەن ۋەقەسى تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ خىل توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار ھەققىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلمەكتە. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى، بۈگۈن ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «ئىقتىسادچى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ غەربىي رايونى ئىقتىسادىي پىلانلار ئارقىلىق تىنچىيدىغاندەك تۇرمايدۇ» تېمىلىق ماقالىدۇر.
«ئىقتىسادچى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ غەربىي رايونى ئىقتىسادىي پىلانلار ئارقىلىق تىنجىيدىغاندەك ئەمەس» ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ يەنە بىر ماۋزۇسى «ئۇلار گارغا توپ ئاتسۇن» بولۇپ، ماقالىگە نېمە ئۈچۈن مۇنداق بىر ماۋزۇنىڭ قويۇلغانلىقى ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مەلۇم بولىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن ماقالە مۇنداق دەپ باشلانغان:
-تېخى بۇ يىل ئىيۇلنىڭ بېشىدىلا خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى «شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ياخشى ۋە مۇقىم» دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتمەيلا يەنى 18-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ غەربىي رايونى يەنە بىر قېتىملىق شىددەتلىك ۋەقەگە سەھنە بولدى. خىتاي دائىرىلىرى ساقچىلارنىڭ 14 بۆلگۈنچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. خوتەندىكى ۋەقەنىڭ زادى قانداق بىر ۋەقەلىكى ئېنىق ئەمەس. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تىنچ نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكى ۋە ئۇلاردا بېنزىن بوتۇلكىسى، پىچاق ۋە بومبا بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
بۇ ۋەقە ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى بىلەن مەركىزى ھۆكۈمەت ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئارامىنى بۇزغاندەك تۇرىدۇ. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدىن قاتتىق چۆچۈپ كېتىپ، ئۇنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۈتۈن ئىنتېرنېت، تېلېفون ئالاقىلىرىنى كېسىپ تاشلىغان ئىدى. مەركىزى ھۆكۈمەت كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان ۋاڭ لېچۇەننى يۆتكەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشيەننى تەيىنلىگەن. ۋەقەنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە مەزگىلىدە جاڭ چۈنشيەن ناھايىتى ئىشەنچلىك ھالدا ئات بەيگە مەيدانىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردە ئامما بىلەن كاۋاب يەپ، پىۋا ئىچكەن ئىدى. دەرۋەقە، خوتەندىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىمۇ خوتەنگە پويىز قاتنايدىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قىسىم تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قىلىۋاتقان ئىدى.
ماقالىنىڭ داۋامىدا قەشقەر توغرۇلۇقمۇ ناھايىتى تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي دائىرىلىرى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇۋىسى دەپ قارايدىغان قەشقەرنى «غەربتىكى شىنجىن» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى يوقىتىش مەقسىتى بىلەن رايونغا تۆمۈر يول سېلىش، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون سېلىش قاتارلىق ئىقتىسادىي پىلانلارنى يولغا قويغانلىقى، قەشقەرنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ بازار قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن مۇنداق دېيىلگەن:
-قەشقەرنىڭ چوڭ كوچىلىرىدىكى ھەر بىر پىلاكاتتا قەشقەرنى «پارلاق كېلەچەك» نىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان خەت ۋە رەسىملەر قويۇلغان. ئەمما، ئارقا كوچىلارغا ئۆتكەندە بۇ يەردىكى ۋەزىيەتنىڭ ھەقىقىي يۈزى ئەكس ئېتىدىغان پلاكاتلارنى كۆرۈش مۇمكىن. ئارقا كوچىلاردىكى تاملار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىرىلغان «قانۇنىسز دىنىي پائالىيەتلەرنى، قانۇنسىز ھەجگە بېرىشنى چەكلەش» ئۇقتۇرۇشلىرى ۋە مىللىي بۆلگۈنچى لىدېرلار، زوراۋانچى تېررورچى جىنايەتچىلەر ۋە دىنىي ئەسەبىيلەر دېگەندەك ئىسىملار قويۇلغان پىلاكاتلارنى ۋە شۇنداقلا قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچى ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ھەققىدىكى ئېلانلارنى ۋە پۇقرالارنىڭ ئەكسىيەتچى مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى مەلۇم قىلىشى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلار بىلەن توشۇپ كەتكەن.
ماقالىدە، خىتايدا «ياسىمەن ئىنقىلابى» نى قوزغاش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان مەزگىل بولغان 20-فېۋرال كۈنى قەشقەر ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ يېنىغا «يۇقىرى بېسىملىق سۇ» نى ئورنىتپ قويغانلىقى، توپىلاڭنى تىنچىتىش قىسىملىرىنىڭ قەشقەر ھۆكۈمەت بىناسى قورۇسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ قەشقەرنى زىيارەت قىلىۋاتقان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ ئۇلارنى بىئارام قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە قەشقەرگە سېلىنغان مەبلەغلەرنىڭ قەشقەردە 600 مىڭ ئىش ئىمكانى يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتقان بولسىمۇ، قەشقەرنىڭ ئىختىساسلىق خادىملار نامىدا رايونغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ قولى ئارقىلىق كېلىدىغان ھەرقانداق تەرەققىياتتىن غەم يەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئۇنىڭدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەردىكى 200 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر ئورۇنلاشقان قەدىمىي شەھەر رايونىدىكى ئۆيلەرنى «يەر تەۋرەشكە چىدامسىز» ئۆيلەر دەپ چېقىش پىلانىنىڭ رايوندىكى تالاش -تارتىش ياراتقان يەنە بىر مەسىلە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
-قەشقەردە كىشىلەر بۇ ئۆي چېقىش پىلانىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نىشان قىلغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بىر ئۇيغۇر ئايال قەشقەر قەدىمىي شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆينى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ پۇختىلايمىز دېگەنلىكىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، «بىزنى يەر تەۋرەشتىن خۇدا ساقلايدۇ» دېدى. ئۈرۈمچى دائىرىلىرىمۇ ئوخشاشلا بۇ ئارقىلىق ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۈمىد قىلماقتا. ئۇلارمۇ چەت رايونلاردىكى ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ بىنالارغا چىقاردى. ئەمما ئۇ بىنا ئۆيلەرگە چىقىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە ئەڭ ئاز 2 يىلدىن ئارتۇق ياشىغان بولۇشى كېرەك. شۇڭا كۆپىنچە ھالدا جەنۇبتىن يېڭى كەلگەنلەر تۇرىدىغان ئەزان ئۆي تاپالمايدۇ، بۇمۇ ئىجتىمائىي نارازىلىقنى پەسەيتىشكە يارايدىغان ئامىل ئەمەس.
ماقالىگە قويۇلغان «ئۇلار گارغا توپ ئاتسۇن» دېگەن ماۋزۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىغا قويۇلغان تۆۋەندىكى بىر ئابزاس بىلەن يېشىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
-ئۈرۈمچىدىكى غەربىي شىمال ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىدىكى تاڭ لىجۇ ئىسىملىك خىتاي «رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا توغرا ئىش تېپىپ بېرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتتى. ئۇ، ئۇيغۇرلار سانائەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەشكە ئانچە مۇۋاپىق ئەمەستەك قىلىدۇ. مەنچە ئۇلارغا ۋاسكېتبول ئويناش يەنى ئامېرىكىدىكى ۋاسكېتبول كۇلۇبى نېگىرلارغا ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەندەك، ئۇيغۇرلارغىمۇ شۇنداق ۋاسكېتبول ئويناشتەك بىر ئىش تېپىپ بېرىش كېرەك» دېدى. مانا بۇ خىل كۆز قاراش بىزلەرگە ئۇيغۇر رايونىنىڭ نېمىشقا تىنچىمايدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەرسە كېرەك.