ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە چاتما فىلىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟

ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ كىنو ۋە چاتما فىلىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرگەن.

0:00 / 0:00

مەسىلەن 1980-يىللاردا ياپونىيە ۋە ھىندىستاننىڭ فىلىم ۋە چاتما فىلىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرگەن بولسا، كېيىنكى مەزگىللەردە كورىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ فىلىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرگەن. ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈنلەردە تۈركىيىنىڭ «بۆرىلەر ۋادىسى» ، «مۇھتەشەم 100 يىل» دېگەنگە ئوخشاش چاتما فىلىملىرىنى ئومۇمى يۈزلۈك ياخشى كۆرىدىكەن.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا نۇرغۇن ئۇيغۇر ياش تۈرك فىلىملىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن تۈركچە ئۆگىنىشكە باشلىغان؟ بەزى ئۇيغۇرلار «بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمىنى 2003-يىلىدىن بۈگۈنگىچە بىرمۇ قىسمىنى ئۆتكۈزمەي كۆرگەن. ئۇنداقتا «قۇرتلار ۋادىسى» يەنى «بۆرىلەر ۋادىسى» قانداق بىر فىلىم؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ۋە ۋەتەندىن يېڭى چىققان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.