بۇ سىياسىي پارتىيىلەر پارلامېنت ئەزاسى نامزاتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى رەسمىي ئېلان قىلىپ سايلام تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ھازىر پارلامېنتتا 633 پارلامېنت ئەزاسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 80% يېڭىدىن پارلامېنت ئەزاسى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلمىدى.
تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپى 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن كېيىن پارلامېنت ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدۇ. تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ھازىرقى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپىنى يېڭىدىن نامزاتلىققا كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بۇرۇندىن تارتىپ كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پروف. در. ئۈمىد ئۆزداغ، تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى در. سىنان ئوگانغا ئوخشاش كىشىلەر بۇ قېتىمقى سايلام ئۈچۈن پارلامېنت ئەزالىقىغا نامزات بولۇپ كۆرسىتىلدى. تۈركىيىدىكى بۇ پارلامېنت ئەزاسى سايلىمى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ يېڭى پارلامېنت ئەزالىرىدىن تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى نېمىلەرنى كۈتمەكتە؟ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى سايلانغان تەقدىردە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە نېمە پايدىسى بولار؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا مىكروپونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
