تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى رىدۋان يالچىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

يېقىندىن بېرى تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن خىتاي رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بېرىش-كېلىشلەر كۆپەيمەكتە. بولۇپمۇ، ئۆتكەن يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتىدىن كېيىن، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تۈركىيىنى زىيارەت قىلدى. بۇ يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ زىيارىتىنى قەشقەردىن باشلىغان ئىدى. بۇ ھەيئەت ئىچىدە تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيىلەرگە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بار بولۇپ، بۇلاردىن بىرى تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى رىدۋان يالچىن ئەپەندىدۇر. تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئىشخانىسىدا دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتىنى قوبۇل قىلغان رىدۋان يالچىن ئەپەندى قەشقەر، ئۈرۈمچىلەردە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

ئۇ ئالدى بىلەن ئېكىسكۇرسىيە قىلغان تارىخىي جايلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىمىزنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىن باشلىنىشى ئالاھىدە بىر ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. بىز ئەنقەرەدىن ئۇدۇل قەشقەرگە ئۇچتۇق. ئالدى بىلەن قەشقەردىكى تارىخىي جايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇق. تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ، تۈرك تىلىنىڭ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلدۇق. بالىلىق چېغىمىزدىن تارتىپ دەرسلەردە بۇ ئىنسانلارنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ كەلگەن ئىدۇق. بۇ بىزلەرنى بەكلا خۇشال قىلدى. ئۈرۈمچىدە كۆركەم بىر مەسچىتتە نامىزىمىزنى قىلدۇق. پۇرسەت تاپساقلا كۆپرەك ئۇيغۇرلار بىلەن مۇڭدىشىشقا تىرىشتۇق. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شۇنچە بېسىمغا قارىماستىن ئۆز تىلىنى، دىنىنى ۋە ئۆرپ ‏- ئادەتلىرىنى قوغداپ قالغانلىقىنى شۇنداقلا بىز تۈركلەرگە بولغان سۆيگۈسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بەكلا خۇرسەن بولدۇم.

پارلامېنت ئەزاسى رىدۋان يالچىن ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسى ئەھۋالى قانداق ئىكەن دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
شەرقىي تۈركىستان ھازىر خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ رايونلىرىدىن بىرى بولسىمۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەكلا كېيىن قاپتۇ. ئەمما، بۈگۈن دۇنيا ۋەزىيىتى ئۆزگەردى، خىتاي دۇنيا ئىقتىسادىدا مۇھىم بىر ئورۇنغا ئىگە. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋالىسى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ بىزنى سۆيۈندۈردى. بىز دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ تارىختىكى ئورنىنى قايتا ئېلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز، ئەگەر بىر مىللەت تارىختىكى ئورنىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلمىسا، تارىخ ئۇنى جازالاندۇرىدۇ، باشقا مىللەتنىڭ قولىغا تاشلاپ بېرىدۇ. شۇنى دېمەكچىمەنكى، تۈرك دۇنياسى ئۆز مەدەنىيىتىنى، تىلىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك. 50 يىلدىن كېيىن دۇنيادا نېمىلەرنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ. 50 يىلدىن كېيىن دۇنيادا قانچە دۆلەت يوق بولۇپ، قانچە دۆلەت قۇرۇلىدۇ، بۇنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ. شۇڭا تۈركىي خەلقلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار تارىختىن ساۋاق ئېلىپ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە ھەمكارلاشقان تەقدىردە ئارزۇيىمىزغا يېتەلەيمىز.

ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى، سىز ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىش ھەققىدە توختامنامە تۈزگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر چىقتى، سىزچە ئۇيغۇر ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى تېررور تەشكىلاتىمۇ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:

مەن شۇنى دېيىشىم لازىم، خىتاي بۈگۈن 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا، ھەربىي كۈچكە، ئىقتىسادىي كۈچكىمۇ ئىگە بىر دۆلەت. شەرقىي تۈركىستان بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن، خىتايلار ئۇيغۇرلارغا ئېغىر بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى، ئۆز تىلىنى قوغداپ قالالىغان بولسا، ئۇ مىللەتكە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى قانچە كۈچلۈك بولسا بولسۇن، ئۇيغۇرلارنى ھەرگىزمۇ يوق قىلالمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا ئۆلچىمىدە تۇرمۇش كۆچۈرۈشىگە شەرت ‏- شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى بېرىشى كېرەك. مەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى، دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىمەن. مەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلالمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇيغۇرلاردىن بەكلا پەخىرلەندىم.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەشتىمۇ دېگەن سوئالىمىزغا پارلامېنت ئەزاسى رىدۋان يالچىن ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:

ئۇ يەردىكى يەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن كىشىلەر ئىكەن. رەھبەرلەرنىڭ مىللىتى ئۇيغۇر بولغان بىلەن خىتاي تۈزۈمى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەپسۇسكى، ئۇ يەردە بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش پۇرسىتى تېخى يوق. ئەمما شۇنى دېيەلەيمەنكى، تۈرك بايرىقى ئېسىلغان بىر ئايروپىلاننىڭ ئەنقەرەدىن ئۇدۇل ئۇچۇپ شەرقىي تۈركىستانغا قونۇشى، بىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىشىمىز تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. كېلەچەكتە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر تۈركىيىگە، بىز ئۇ يەرگە زىيارەتكە بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىمىز. دىكتاتورا تۈزۈم بىلەن خەلقلەرنى باشقۇرۇش دەۋرى ئۆتۈپ كەتتى، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك بېرىش، تۇرمۇش سەۋىيىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك.

11-ئاينىڭ 28-كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن بىللە قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىلەردە زىيارەتتە بولغان پارلامېنت ئەزاسى رىدۋان يالچىن ئەپەندى پۈتۈن تۈرك دۈنياسىنىڭ ئىپتىخارى بولغان مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىلىرىنى كۆرۈپ ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىش بىلەن بىرگە، كۆڭلىنىڭ قاتتىق يېرىم بولغانلىقىنى، چۈنكى بۇ ئىككى مەقبەرىنىڭ بەك ئاددى ياسىلىپ قالغانلىقىنى، ئەسلىدە تۈرك دۈنياسىنىڭ ئەڭ ھەيۋەتلىك خاتىرە سارىيىنىڭ بۇ ئىككى شەخىس ئۈچۈن سېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە تۈرك ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، مەھمۇت قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسىنى قايتا ياساشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.