0:00 / 0:00
خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى خەۋەر قىلمىغان بولسىمۇ، تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە تۈركلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتىدە تۈرك دائىرىلىرى خىتاي تەرەپ بىلەن 10 تۈرلۈك ئىقتىسادىي كېلىشىم ئىمزالىغان بولسىمۇ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ كېلىشىملەرنىڭ ئۇنچە چوڭ كېلىشىملەر ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئۇنداقتا، خىتاي قانداق شارائىت ئاستىدا رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنىنى ئۇيغۇر ئېلىدىن باشلاش تەلىپىگە قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن؟ تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسىگە قانداق باھا بېرىش كېرەك؟
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىگە دىققەت بەرگەيسىلەر.