بۇ ماقالىنى زامان گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى مۇرات يۈلەك ئەپەندى يازغان.
ئاپتور ماقالىسىنى ئامېرىكىنىڭ مەلۇم بىر ئەلچىسى بىلەن بىر زىياپەتتە بىرگە ئولتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن قىسقا بىر دىئالوگ بىلەن باشلىغان.
ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: بۇ يىل ئىچىدە «خىتاينىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد كېڭەيمىچىلىكى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى. خىتاينىڭ «بىرىنچى ئەۋلاد كېڭەيمىچىلىكى» بولسا مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىش ۋە مەھسۇلات تارقىتىش لىنىيىلىرىنى ئاساس قىلغان. ئەمما «خىتاينىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد كېڭەيمىچىلىكى» بولسا كۈچلۈك سانائەت ساھەسىدە مەھسۇلات سېتىش مېخانىزمى قۇرۇشنى نىشان قىلغان. موڭغۇلىيىدىن ئاۋسترالىيىگىچە، ئۇ يەردىن ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىغىچە بولغان جۇغراپىيىلەردە خىتاي نۇرغۇن خام ماددا ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەت ئورناتماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى دۆلەتلەرنىڭ بازارلىرىغا مەھسۇلات سېتىشقا كۈز تىككەن بولسا، بەزى دۆلەتلەرگە مەھسۇلات تارقىتىش ۋە ئۆزلىرى قۇرغان تىجارەت مۇناسىۋەتلەردىن پايدىلىنىپ ئۇ دۆلەتلەرنىڭ بازارلىرىنى ئىگىلەپ، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىغا ئايلاندۇرۇۋالغان.
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەھمىيىتى
ماقالىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئوتتۇرا ئاسىيا يەنى قانداش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىيارلىرى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى بۇ دۆلەتلەردە خام ماددا مەنبەلىرى بار ھەمدە خىتاي مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن سودا-سانائەتتە ئەھمىيەتلىك ئورۇن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ دۆلەتلەر ئاسىيانىڭ دەل مەركىزىگە جايلاشقان، ئىقتىسادى جەھەتتىن ئەھمىيەتلىك بولغانغا ئوخشاش سىياسىي جەھەتتىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە.
خىتاينىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچمەن يۆتكەش ۋە ئېكسپورت مەركىزى قۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاينىڭ ئىقتىسادى مەركىزى ۋە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مەركەزلىرى شەرقىي دېڭىز ساھىللىرىدا كۆپ بولۇپ، غەربىي چېگرالىرى تۇتىشىدىغان شەرقىي تۈركىستان (خىتايلار شىنجاڭ يەنى يېڭىدىن قوشۇۋېلىنغان زېمىن دەپ ئاتايدىغان) دا ھەم تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە، ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن خىتاينىڭ چېگراسىنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ رايوندا خىتاي نوپۇسىغا نىسبەتەن ئاز بولغان 20 مىليون ئۇيغۇر تۈركلىرى ياشايدۇ. مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ۋەتىنى بولغان بۇ زېمىندا خىتاي، ئىقتىسادنى تەشۋىق قىلغان ئاساستا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ خىتاي نوپۇسىنى بۇ رايونغا كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. خىتاينىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە بۇ رايوندا ئېكسپورت مەركىزى قۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، يەنى خىتاينىڭ شەرقىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بۇ رايوندا قوشۇمچە ياساپ ئاسىيا بازارلىرىغا سېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ قوشۇقچە مەھسۇلاتلاردىن كەلگەن ئىقتىسادلار خىتايلارنى رايونغا كۆپلەپ كۆچۈشكە قىزىقتۇرىدۇ ۋە ئۇيغۇر تۈرك نوپۇسى ئاز سانلىققا چۈشۈپ قالىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيە-ئامېرىكا خىتاي رىقابىتى
ماقالىدە يەنە مۇنداق بىر سوئال سورالغان، مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە دەسلەپكى ئىككى رەقىب ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان قىزىقىشى ۋە تەسىرىگە قارشى ھەمكارلىق ئېلىپ بارامدۇ؟ ئاپتور بۇ سوئالغا ئۆزى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن:
بۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس بىر سېنارىيە، خىتاينىڭ دۇنيادىكى سىياسىي كېڭەيمىچىلىكى چوڭ ھەجىمدە ئىقتىسادى كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ. يۇنانىستاننىڭ ئىقتىسادى كرىزىسىگە كۆرسەتكەن ياردەم ۋە قىزىقىشى بۇنىڭ ئىسپاتى. خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا كۆپلەپ مەبلەغ سالىدۇ، بۇ ئىقتىسادى كۈچىئى تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرى كۈچلۈك رۇسىيە بىلەن بولغان تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ. ئەمما رۇسىيىنىڭ ھەم سىياسىي، ھەم ھەربىي جەھەتتە خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىشى قىيىن. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا رۇسىيىنىڭ ئامېرىكىغا ئېھتىياجى بولىدۇ.
يېڭى ۋەزىيەتلەر تۈركىيىنى ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ۋە ھەرىكەتلىرىنى كۈپەيتىشكە مەجبۇرلايدۇ
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: تۈركىيىمۇ تارىخى ۋە قانداشلىق مۇناسىۋەتلىرى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇھم بىر رول ئوينايالايدۇ. ئەگەر بۇ رولنى ئوينىمىغان تەقدىردە مۇھىم بىر مۇناسىۋەت سەھنىسىدىن مەھرۇم قالىدۇ ھەمدە ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەستىن ئارقىدا قالىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادا مەيدانغا چىقىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتلەر تۈركىيىنى ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ۋە ھەرىكەتلىرىنى كۈپەيتىشكە مەجبۇرلايدۇ. تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى ئەمدى رۇسىيىگە ئوخشاش خىتاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالمىغان تەقدىردە، پۈتۈنلىشىشنى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ داۋاملىشىشىنى يوقىتىپ قويىدۇ، شۇ سەۋەبتىن تۈركىيە ئۈچۈن يېڭىدىن خىتاي سىياسىتى كېرەك بولماقتا، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا ئامېرىكا تېخىمۇ مۇرەككەپ ھالغا كېلىدۇ.