قارىماققا خىتاي ناھايىتى باي مەملىكەتتەك كۆرۈنىدۇ، دەپ باشلانغان ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن:
-ئەمەلىيەتتە ئۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەر ئەڭ كۆپ دۆلەت. كۆپلىگەن كىشىلەر خىتاينىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپلا بۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۈندىن - كۈنگە ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرگە دىققەت قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، زور كۆپچىلىك خىتاي ئاھالىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ياشاۋاتىدۇ. خىتاي ستاتىستىكا ئورۇنلىرىنىڭ مەلۇماتى بويىچە نۆۋەتتە 150 مىليون ئادەمنىڭ كۈنلۈك ئىقتىسادى كىرىمى بىر ئامېرىكا دوللىرىغىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن كەمبەغەللىك ئۆلچىمىدىنمۇ تۆۋەن تۇرىدۇ. لېكىن خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتە چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى تىكلەش مەقسىتىدە، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ھېسابلاشماي ھەدەپ چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ پاي چەكلىرىنى سېتىۋېلىش ھەمدە قەرز بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا رايونلارنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى كونترول قىلىۋېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ھاكىم مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن دېموكراتىك تەلەپلەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان خەلق ئاممىسى ۋە ئۆكتىچىلەرگە قارىتا تۇتقۇن قىلىش، نەزەربەند قىلىپ قويۇش، روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىلىرىغا سولاش، ئۇرۇپ ناكا قىلىۋېتىش،غايىب قىلىۋېتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغاندىن باشقا يەنە، بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىش ۋە مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق مەملىكەت ئىچى ھەمدە خەلقئارادا كوممۇنىستىك سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتاينىڭ تەشۋىقات ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلىغى مائارىپ،سەھىيە ئىشلىرى ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.
ماقالىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن، خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئېكولوگىيىنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە كەلگەن. ئېغىر دەرىجىدىكى بۇلغىنىش بۇ دۆلەتتە ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان «راك كېسەللىكى مەھەللىلىرى» نى پەيدا قىلغان. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە خىتايدا راك كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ سانى 70 مىليون بولۇپ، بۇ سان ھەر يىلى بىر مىليون 620 مىڭ كىشىلىك نىسبەتتە كۆپىيىۋېتىپتۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ئەڭ بۇلغانغان 20 شەھەرنىڭ 16 سى خىتايغا جايلاشقان.
خىتايدىكى كۈندىن-كۈنگە ئۆتكۈرلىشىۋاتقان ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغان ماقالە ئاپتورلىرى مۇنداق دەيدۇ، ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشى، پارىخورلۇقنىڭ ئەۋج ئېلىشى، كەڭ خەلق ئاممىسىدا ئەڭ ئەقەللىي ئەركىنلىكنىڭمۇ بولماسلىقى، ئەمەلدارلار ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقلىرى، ئەخلاقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشى، ساختا يېمەكلىك ۋە ساختا دورىلارنىڭ ئاۋامغا كەلتۈرگەن زىيانلىرى، ئاخبارات ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىقلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشى قاتارلىقلار خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئېغىر قارشىلىقلار قاينىمىغا سۆرەپ كىرمەكتە.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش يولىدىكى خىتاي زۇلۇمىغا قارشى ئەركىنلىك كۈرەشلىرى ھەمدە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى نۆۋەتتە پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ۋە ھېسداشلىقىغا ئېرىشىپ، بۈگۈنكى خىتاي جەمئىيىتىنى پارتلاش ئالدىدا تۇرغان ئوق-دورا ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويماقتا.
ئۇكرائىنىنىڭ كوممۇنىستىك تۈزۈلمىنىڭ بالايىئاپەتلىرىنى يەتكۈچە تارتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ماقالە ئاپتورلىرى ئاخىرىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: ئەگەر بىز ئەمەلدارلارنىڭ قانداق قىلىپ خەلقنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن بايلىقلار بىلەن ئۆز چۆنتەكلىرىنى تولدۇرۇش، قانداق قىلىپ خەلقنىڭ سۆز ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش، ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە ھاكىم مۇتلەق تۈزۈلمىنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدىكى تەجرىبىلىرىنى ئۆگەنمەكچى بولساق، ئۇ ھالدا دۇنيادا شۈبھىسىزكى، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىدىنمۇ لاياقەتلىك سەلبىي ئوقۇتقۇچى تېپىلمايدۇ.
