قۇربان ھېيت بايرىمىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئىستېمال بازارلىرىنىڭ تېخىمۇ جانلانغان پەيتى شۇنداقلا بۇ مەزگىل ئۇيغۇرلار نىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا تۇرمۇش چىقىمى بىر يىل ئىچىدە ئادەتتىكىدىن يۇقىرى بولىدىغان پەۋقۇلئاددە بىر پەيت ھېسابلىنىدۇ.
ئۈرۈمچى تورىدا بەزى خىتاي ئابونتلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقانلارنىڭ چىقىمى ھەققىدە تەخمىنى ھېسابات خاتىرىلىرى ئېلان قىلىنىپ، بۇ بىر قىسىم ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىمۇ مۇلاھىزە قوزغىماقتا.
ئۈرۈمچىدىكى نورمال ئىستېمال سەۋىيىسىدە ياشاۋاتقانلارنىڭ چىقىمى مۇنداق ھېسابلانغان:
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ياشاش ئۈچۈن ئايدا كۈندىلىك ئۈچ ۋاق تاماق، كىراغا جەمئىي 1100 يۈەن كېتىدىكەن. ئۆي ئىجارىسى ۋە سۇ، توك پۇللىرى بولۇپ 285 يۈەن، تېلېفون، مۇنچا ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە جەمئىي 120 يۈەن سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن. ئەگەر ئىنتېرنېت تورىنى ئىشلەتسە، تاماكا چەكسە يەنە قىزلارنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى ئۈچۈن ئاز دېگەندە يەنە 100 يۈەن ئارتۇق چىقىم قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.
مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ئايلىق كىرىمى 1000 يۈەندىن ئاشمىسا ئۈرۈمچىدە ياشاش مۇمكىن ئەمەس. پۇقرالارنىڭ ئايلىق كىرىمى:
- 1800 يۈەندىن 2300 يۈەنگىچە بولسا تۇرمۇشى يامان ئەمەس.
- 2300 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە بولسا قىز دوستتىن بىرنى تېپىپ توي قىلالايدۇ.
- 3000 يۈەندىن يۇقىرى 4000 يۈەنگىچە بولغانلار ئۆي سېتىۋالالايدۇ.
- 4000 يۈەندىن 4500 يۈەنگىچە بولغانلار ئۆي ئېلىپ بالا باقالايدۇ.
- 5000 يۈەندىن يۇقىرى بولسا ئاز تولا ئىقتىساد قىلىپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ۋە ساياھەتكە پۇل يىغىشقا بولىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئۈرۈمچىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي بويتاق ياش ئۆزىنىڭ مائاشىنىڭ 2500 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ھازىرقى تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن ئۆزىنىڭ رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرىشىچىمۇ ھازىرقىدەك يۇقىرى مال باھا سەۋىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۈرۈمچىدە نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئاز دېگەندە بەش مىڭ يۈەن كىرىم قىلىش كېرەك ئىكەن.
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەردە تورداشلارنىڭ يۇقىرىقى ھېساباتنى «بۇ پەقەت مائاشلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى نورمال تۇرمۇش چىقىمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ»، «چىقىم كىرىمىدىن ئېشىپ كەتتى،ئۈرۈمچىدە ياشىماق تەس» دېگەن پىكىرلىرى ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
مۇنازىرىلەردىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ بۇ خىل چىقىم ھېساباتىغا قوشۇلالماسلىقىنىڭ سەۋەبى، ئۇيغۇرلارنىڭ توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، مېھماندارچىلىققا ئوخشاش ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، ئۆرپ-ئادەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش، ئادەمگەرچىلىك چىقىمى ۋە ئاتا-ئانىسىدىن خەۋەر ئېلىشقا دائىر چىقىملىرىنى قوشقاندا بۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتاي دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى ئۈرۈمچى تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ توردا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش ماتېرىيالىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئۈرۈمچىدە مال باھاسى ئۆرلەپ ماڭغان. بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك تۈرىدىكىلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلگە قارىغاندا 12.5% ئۆرلىگەن.
بولۇپمۇ، گۆشنىڭ باھاسى پەۋقۇلئاددە تېز ۋە يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 54.8% ئۆرلىگەن ئىكەن. بۇلاردىن باشقا تۇرمۇشقا ئېھتىياجلىق بارلىق ماللارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆسۈش بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىستېمال بۇيۇملىرى باھاسى 5.1%, مۇلازىمەت تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسى 2.3% ئۆرلىگەن.
قۇربان ھېيت كېلىشى بىلەن تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ چىقىمى ئاشىدۇ، بولۇپمۇ تېز ئۆرلىگەن قوي گۆشى ۋە يېمەك-ئىچمەك ھەم كىيىم-كېچەك، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجى بايرام تۈرتكىسىدە كۈچىيىدۇ. بۇ جەھەتتىكى سەرپىيات ئادەتتىكىدىن كۆپ بولىدۇ، ئۇنداقتا ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتىكىدەك يۇقىرى ئىستېمال سەۋىيىسىنى كۆتۈرەلەمدۇ؟
بىر ئاشپەز مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ، ئاشخانا سودىسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم شىركەتنىڭ بوغالتىرى بولغان بىر ئۇيغۇر قىز ئۆزىنىڭ بىر ئايدا بەش مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغانلىقىنى نورمال ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
باشقا يۇرتتىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، مەلۇم رېستوراندا كۈتكۈچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر ياش، كىرىمىنىڭ ئازلىقى سەۋەبىدىن كەلگۈسىدىن ھېچ ئۈمىد كۆرەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىر زەرگەرچىلىك دۇكىنى ئېچىۋاتقان ياش سودىگەر بۇ ھېيتتا سودىنىڭ ئىلگىرىكىدەك ياخشى ئەمەسلىكى، خېرىدارلىرىنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئالتۇن باھاسىنىڭ بارغانچە ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ خېرىدار ئازلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىر ئۆي تازىلاش مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ دىرېكتورى، ئۈرۈمچىدە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ بارغانچە تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى.
ئۈرۈمچىدە مائاش ۋە كىرىمنىڭ ئۆسۈشى مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش قەدىمىگە يېتىشەلمەيۋاتقان بىر پەيتتە، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جاۋابلىرىدىن بىرلا سوئال تۇغۇلىدۇ،ئۇ بولسىمۇ «ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار، بۇنچە تۆۋەن كىرىم بىلەن قانداقمۇ ياشار؟»