مەزكۇر دوكلاتتا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 240 مىلياردېر، ھەر 7000 ئادەم ئىچىدە بىر مىليونېر بار» دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەمما بۇ بايلار تىزىملىكىگە بىرمۇ ئۇيغۇر مىلياردېر ياكى مىليونېر كىرگۈزۈلمىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلار ئارىسىدا ئۇيغۇر مىلياردېر ھەتتا مىليونېرمۇ يوقمۇ؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن ئىزدەندۇق.
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ 15-ئاپرېل ئېلان قىلىشىچە، خۇرۇن تەتقىقات ئورنى 12-ئاپرېل كۈنى 2011-يىللىق بايلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە خىتايدىكى 31 ئۆلكە شەھەرلەر ۋە ئاپتونوم رايوندىكى پۇلدار كىشىلەرنىڭ سانى 960 مىڭغا بۇنىڭ ئىچىدە مىلياردېرلار 60 مىڭغا يەتكەن. بۇنىڭدا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بايلار سانى مەملىكەت بويىچە 26-ئورۇندا دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن 240نەپەر مىلياردېر ۋە 3000 نەپەر مىليونېر بۇ يىلقى بايلار تىزىملىكىگە كىرگەن. ئەمما بايلار تىزىملىكىدە بىرمۇ ئۇيغۇر ئىسمى قاتارغا كىرگۈزۈلمىگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، خۇرۇن مىليونېرلىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى خۇرۇن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىليونېرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ پۈتۈن خىتايدىكى ئەھۋال بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئاساسەن ئۆي مۈلۈك خوجايىنلىرى، ئۆي-زىمىن سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار، كەسپى پايچېكلەر ۋە باشقا تىجارەت ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مىليونېرلار ئومۇميۈزلۈك 2 مىليون يۈەنلىكتىن ئارتۇق ئۆزى ئولتۇرىدىغان ئۆي زېمىنغا، 300 مىڭ يۈەنلىك ئاپتوموبىلغا ۋە بىر مىليون 200مىڭ يۈەنلىكتىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشقا بولىدىغان مال مۈلۈككە ئىگە ئىكەن.
خۇرۇن مىليونېرلار تاختىسى، 1999-يىلى خۇرۇن تەرىپىدىن قۇرۇلغان خىتايدىكى تۇنجى بايلارنى رەتكە تۇرغۇزۇش تاختىسى بولۇپ، ئۇ خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتايدىكى كارخانىچى بايلار ھەققىدە ئىز قوغلاپ ئىگىلىگەن خاتىرىلىرىگە ئاساسەن تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ ۋە يىلدا بىر دوكلات ئېلان قىلىدۇ.
خۇرۇن تاختىسىدا ئېلان قىلغىنى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە 240 نەپەر مىلياردېر بولغاندىن باشقا،3000نەپەر مىليونېر بار بولسا، خىتاي ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇسىغا نىسبەتەن، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر 7195 كىشى ئىچىدە بىر مىليونېر بار بولغان بولىدۇ.
گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي كارخانىلار يېقىنقى يىگىرمە يىلدىن بۇيان يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكتىن زورايغان كۈنسايىن روناق تېپىۋاتىدۇ دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خۇرۇن ئېلان قىلغان بايلار قاتارىغا بۇ يىلمۇ بىرمۇ ئۇيغۇر باي ياكى كارخانىچىنىڭ كىرەلمەسلىكى ئۇيغۇرلارنى ئەجەبلەندۈرمەكتە.
خۇرۇن تاختىسىدا ئېلان قىلىشقا شەرتى توشقۇدەك بىر ئۇيغۇر سودىگەر ياكى باي يوقمۇ؟ ئۇيغۇر ئېلىدە بېيىۋاتقانلار پەقەتلا خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىمۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن، مەزكۇر خەۋەرنى ئېلان قىلغان تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇر بۆلۈم تەھرىرى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئەمما مەزكۇر خەۋەرنى ئېلان قىلغۇچى مۇخبىر بۇ خەۋەرنى پەقەت ئاسىيا مەركىزى تورىدىن تەرجىمە قىلىپ قويغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىليونېر ۋە مىلياردېرلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر بار-يوقلۇقى ھەققىدە ئىزدەنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇزلۇق بىر مىللىي كارخانىنىڭ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئىگىسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىليونېر ھەتتا مىلياردېرلارنىڭ چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنسىمۇ، ئەمما سانىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ۋە بايلىقىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى بىر قانچە شەھەرلەردە زاۋۇت قۇرغان، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا باي ئاتىلىۋاتقان يەنە بىر ياش ئۇيغۇر كارخانىچى بولسا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانىچىلار چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايلارغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بارلىق سىياسەتلەرنىڭ خىتاي كارخانىچى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارغا كەڭرى بولغان بولسا، ئۇيغۇر كارخانىچىلارغا تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، شۇ سەۋەبلىك، ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ تېز ئارىدا بېيىۋاتقان خىتايلاردەك روناق تاپالمايۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر كارخانىچى، سودىگەرلەر پەقەت بىرلىشىپ، يېڭى تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈپ ئۆز-ئارا ھەمكارلاشقاندا چىقىش يولى تاپالايدۇ دەپ ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.