ئانالىزچىلار: ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كېلەچىكى تىبەت مەسىلىسىگە قارىغاندا كەسكىن بولىدۇ

ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن تىبەت مەسىلىسى نۆۋەتتىكى خەلقئارا تونۇلغان ۋە خىتاينى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان ئىككى چوڭ مەسىلە.

0:00 / 0:00

بەزى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلار، بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ خاراكتېرى ئوخشاشلىقلارغا ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، سەۋەبى، كونكرېت ھەل قىلىش ئۇسۇلى ۋە كېلەچىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئاچقۇچلۇق پەرق بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كېلەچىكى تىبەت مەسىلىسىگە قارىغاندا كەسكىن بولۇشى مۇمكىن. بۇ قاراشتىكى ئۆكتىچىلەر، بۇ خىل كەسكىنلىك ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كۆچمەنلەر نوپۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتمەكتە.

ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن تىبەت مەسىلىسىنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ كېلەچەكتىكى تەقدىرىگە تەسىر قىلىدىغان نېگىزلىك ئامىللار قايسىلار؟ خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچى يۈ جيېنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىگە تەسىر قىلىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئۇ، 28‏- ئاۋغۇست، باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى «خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ يىغىن زالىدا «خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە تىبەت» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىپ، تىبەتكە قارىغاندا «شىنجاڭ مەسىلىسى» نىڭ كېلەچەكتىكى ئەھۋالى ئىنتايىن مۈشكۈل بولىدىغانلىقى، چۈنكى خەنزۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنغان كۆپلەپ كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كەلگۈسىدە يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ يەرگە يىلتىز تارتىۋالغان كۆچمەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى كۈرەش ئىنتايىن كەسكىن بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكىدىكى مەزكۇر تېمىغا يېقىندىن قىزىقىدىغان بەزى خىتاي ئۆكتىچى زاتلارنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى كۆچمەنلەرنى كۆپلەپ يۆتكەپ كېلىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى «خەنزۇلاشتۇرۇش» سىياسىتى كەلگۈسىدە جۇڭگو دېموكراتىيىلەشكەندە ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ چەتئەلدىكى ئەڭ چوڭ نەشرىيات ئەپكارى‏- «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ قاراشتىكى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىنىڭ بىرى.

خۇ پىڭ: خەنزۇلارنىڭ كۆپلەپ شىنجاڭغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى، يەرلىك خەلقنىڭ ھەقىقىي مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە ناھايىتى زور توسقۇنلۇق قىلدى. شۇنداقلا يەنە جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنى خەنزۇلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، خەنزۇلارنى كۆپلەپ يۆتكەپ كېلىشى، ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە. جۇڭگو كەلگۈسىدە دېموكراتىيىگە كۆچكەندە بۇ ئىنتايىن ئۆتكۈر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ سىياسىتى بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرىلەپ قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن.

خۇ پىڭ يەنە ئەسكەرتىپ: شىنجاڭ رايونىدا بىر تەرەپتىن، خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش مەۋجۇت. يەنە بىر تەرەپتىن، خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلق ئارىسىدا توقۇنۇش بار. بۇ توقۇنۇش جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى خەنزۇلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن بۇ رايونغا كۆچمەنلەرنى كۆپلەپ يۆتكىگەن، دەيدۇ.

يازغۇچى يۈ جيې خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىدا دوكلات بەرگەندە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: كومپارتىيىنىڭ تىبەتنى ئىگىلىۋالغانلىقىغا يېرىم ئەسىردىن ئاشقان بولسىمۇ، بىراق خەنزۇلار تىبەتكە كېڭىيىپ يىلتىز تارتالمىدى. تىبەتتىكى خەنزۇلار پەقەت ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ۋە تىجارەتچىلەرنى ئاساس قىلىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرى ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ تىبەت مۇستەقىللىققا ئېرىشسە، خەنزۇلارنىڭ تىبەتتىن چىقىپ كېتىشى ئاسانغا چۈشىدۇ. بىراق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، دېگەن.

ئۇ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: شىنجاڭدا بىر قانچە ئەۋلاد بۇ يەردە ياشىغان خەنزۇلار بار. كەلگۈسىدە بۇ يەردە تۇغۇلغان خەنزۇلار بىلەن يەرلىك ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش ناھايىتى كەسكىن بولۇشى مۇمكىن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان بىر كۈنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسى بىلەن يۈزلىشىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقى، تۇنجى قېتىم بۇنىڭدىن 10 ئاۋۋال نيۇ-يوركنىڭ فلاشىڭ رايونىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر-خىتاي دىئالوگى» ناملىق بىر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ مەسىلىنى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسى شياڭ شاۋجيې ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قانداق سىياسەت تۇتىدىغانلىقىنى سورىغان ئىدى.

خۇ پىڭ ئەپەندى دۈشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يازغۇچى يۈ جيې ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەندە يەنە، بۇ خىل توقۇنۇشنىڭ قانداق قىلىپ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى ھەقىقىي ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز رايونىدىكى ئاساسى مىللەتلىك ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر سىز ھەقىقىي ئاپتونومىيىنى يولغا قويماقچى بولسىڭىز، قائىدە بويىچە ئۇلارنىڭ توسۇق قۇرۇپ، خوڭكوڭغا ئوخشاش سىرتتىن كەلگەن نوپۇسنى كونترول قىلىش ھوقۇقى بۆلىشى لازىم. جۇڭگو خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئامما خوڭكوڭغا بارماقچى بولسا ياكى خوڭكوڭدا ئولتۇراقلاشماقچى بولسا، بەزى رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر بۇ ھوقۇقنى تەلەپ قىلىدۇ. سىز دېموكراتىيىلەشكەندە بەزى قائىدە تۈزۈملەرنى تۇرغۇزۇپ، شۇ جايدىكى قايسى كىشىلەرنىڭ، قانداق كىشىلەرنىڭ سىياسىي ھوقۇقى، بىلەت تاشلاش، سايلىنىش ھوقۇقى بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىشىڭىز، بۇ ئارقىلىق يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز رايونىدىكى ئاساسىي مىللەتلىك ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز زۆرۈر. باشقا دۆلەتلەر بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىگە يولۇقسا، بۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىدۇ.

لېكىن يازغۇچى يۈ جيې «خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى» دا سۆزلىگەن دوكلاتىدا، تىبەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى دۇچ كېلىدىغان توسالغۇلار ھەققىدە توختىلىپ، جۇڭگو دېموكراتىيىلەشكەن تەقدىردىمۇ، بىراق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى «خىتاي جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكنى مۇقەددەس ۋە دەخلى-تەرۇزسىز» دەپ قارايدىغان ئەنئەنىۋى ئىدىيىسىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۈ جيې : مېنىڭ قارىشىمچە، تىبەت مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا ئىككى خىل ئامىل مەۋجۇت. بىرىنچى خىل ئامىل بىر قەدەر ئاسان، يەنى كومپارتىيىنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقى يىمىرىلىپ، 10-20 يىل ئىچىدە جۇڭگونىڭ دېموكراتىيىلىشىش ئېھتىمالى بار. جۇڭگو دېموكراتىيىلەشكەندىن كېيىن، تىبەت مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا كەڭ بوشلۇق تۇغۇلىدۇ. بىراق بۇ جۇڭگونىڭ دېموكراتىيىلىشىشى بىلەن تىبەت مەسىلىسى دەرھال ھەل بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى بۇ چاغدا تىبەت مەسىلىسى 2‏- بىر خىل ئامىلغا، يەنى جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئامىلىغا دۇچ كېلىدۇ. جۇڭگودىكى 2 مىڭ يىللىق«چوڭ بىرلىك» ئىدىيىسى «بىرلىك» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ئەڭ ئالىي قىممەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان. كومپارتىيە ھامان بىر كۈنى ئاغدۇرۇلىدۇ. بىراق «چوڭ بىرلىك» ئىدىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى يىمىرىلىشىگە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ خىل قاراش ئۆزگەرمىسە، جۇڭگو دېموكراتىيىلەشكەن تەقدىردە خەلق ئاممىسىنىڭ بىلەت تاشلاش ئارقىلىق، تىبەتكە قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت، دەپ كۆرسەتتى.