خەلقئارا مۇناسىۋەتتە خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇلاھىزە

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

0:00 / 0:00

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر، خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىي كرىزىس ۋەزىيەتلىرىدىن، خىتاينىڭ تېخىمۇ كۈچلىنىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئېھتىماللىقى كۆرۈنۈۋاتقان بولسىمۇ، دەل ئەكسىچە، كۈچى ئېشىۋاتقان خىتاي ئۈچۈن خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر خىتاي ئۈچۈن قانداق پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ؟ خىتاينىڭ خەلقئارا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى قانداق كېتىۋاتىدۇ؟ خەلقئارا سەھنىدە خىتاينىڭ ئورنى قانچىلىك؟ ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا سەھنىدە قايسى باسقۇچتا كېتىۋاتىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، بىز تۈركىيە ئىستراتېگىيە چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىر-قاراشلىرىغا دىققەت قىلايلى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئالدى بىلەن، خىتاينىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە كۈچلىنىۋاتقان بولسىمۇ، غەربتىكى ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ تەسىرى ئاستىدا سىرتقا مال ئېكسپورت قىلىش ۋە تاشقى دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىش پىلانىنىڭ قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە، خىتاي نوپۇسىدا ياشانغانلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىشى بىلەن بىرلىكتە، دۆلەتكە ئېغىر يۈك ۋە بۇ مەسىلىگە قارىتا تەدبىر ئېلىشتا چارىسىز قالغانلىقى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە، خىتاي جەمئىيىتىدە ھازىر بايلار بىلەن كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ بەك چوڭ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا تەدبىر ئالالمىغان تەقدىردە خىتايدا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلە پەيدا بولىدىغانلىقىنى، پەن - تېخنىكىلىق ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتايغا چوڭ تەھدىت بولىدىغانلىقىنى، خەلقئارالىق ئۇچۇر ئالاقىنىڭ تەسىرىدە ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ بېسىمى بىلەن ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە ئۇقۇملىرىنىڭ خىتاينىڭ جەمئىيىتىگە ئومۇملىشىشى، خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئىستراتېگىيىسىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ خەلقئارا دۆلەتلەر ۋە قوشنا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەربىي ۋە مۇداپىئە كۈچى ئاشقانسېرى ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا بولغان ئىشەنچىنىڭ ئوخشاش شەكىلدە يوققا چىقىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا خىتاينىڭ قوشنىلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارشى قوللانغان ئىستراتېگىيىلىك بېسىم خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىنى تەسىرگە ئۇچراتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە، خىتاي ئىرقچىلىقنىڭ بارغانسېرى ئۇلغىيىۋاتقانلىقى، خىتايلار چەتئەللىكلەرگە، ئۇيغۇرلارغا ۋە تىبەتلەرگە دۈشمەن كۆزى بىلەن قارايدىغانلىقى، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن كۆپلەپ پۇل خەجلەۋاتقان بولسىمۇ، خەلقئارادىكى سەلبىي ئوبرازىنىڭ يوقالمىغانلىقى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇرلارغا خىتاي بېسىمىنىڭ نەچچە ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھېچقاچان خەلقئارا سەھنىدە ھازىرقىدەك دىققەت تارتمىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى كۆپلىگەن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئورۇن ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھېچقاچان ھازىرقىدەك كۈچلۈك بولمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خەلقئارالىق سىياسىي سەھنىلەردىن ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارالىق يىغىن ۋە پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلارنىڭ خەلقئارالىق پۇرسەتتىن يېتەرلىك دەرىجىدە پايدىلىنالماي كېلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا ۋەزىيەتنى يۈزلەندۈرەلەيدىغان سەۋىيىدە ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقىنى، ئەمما تەشكىلاتنىڭ سىستېمىلاشماسلىق ئىنى ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىشىشىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ياراملىق كىشىلەرنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار، ئىستراتېگىيىلىك پىلاننىڭ يوقلۇقى، ۋەتەن ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلالماسلىقىنىڭ كەمچىللىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: خەلقئارا سەۋىيىدە لىدەر يارىتىش. خەلقئارا سەۋىيىدە ئىدېئولوگىيە پەيدا قىلىش. ئىدېئال ئىستراتېگىيىلىك پىلانلار تۈزۈش. ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك ھەرىكەت پىلانى، تەشكىلاتلار ئارا ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېرەك.