ئىككى قېتىملىق نامايىشتىكى ئوخشاش نارازىلىق ۋە ئوخشىمىغان باستۇرۇش ئۇسۇلى

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپلىرى بىلەن «ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى بىلەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ قانداق ئوخشاشلىق ۋە پەرقى بار» دېگەن تېمىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

0:00 / 0:00

5-ئىيۇل ۋەقەسى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق نارازىلىق ھەرىكىتى ئەمەس، 1985-يىلى ۋە 1988-يىللىرىمۇ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك تىنچلىق نامايىشى ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى، مەزكۇر ھەرىكەتلەرنىڭ بىر قىسىم ئاساسلىق يېتەكچىلىرى ۋە قاتناشقۇچىلىرى نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپلىرىدۇر. چەتئەللەردىكى ئەنە شۇ ئاكتىپ پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىشتىىراكچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى بىلەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ قانداق ئوخشاشلىق ۋە پەرقلىق تەرەپلىرى بار دېگەن تېمىدىكى سۆھبەت پروگراممىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.

2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 26-ئىيۇن كۈنىدىكى شياۋگۇەن ۋەقەسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كەمسىتىلىشى، نامراتلىق، ئىشسىزلىق مەسىلىلىرىنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ۋە يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكىشى، رايوندىكى خىزمەت پۇرسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېرىلمەسلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باراۋەر مىللىي سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلىپ، نارازىلىق نامايىشى قىلغان ئىدى.

ئەسلى مەزكۇر نامايىش تىنچ بىلەن باشلانغان بولسىمۇ، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نارازىلىق نامايىشى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، نامايىش ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مىللىي توقۇنۇشقا ئايلانغان. 5-ئىيۇل ۋەقەسى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسەتلىرىگە بولغان نارازىلىقىنىڭ ئىنكاسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن تۇنجى قېتىملىق نارازىلىق ھەرىكىتى ئەمەس.

5-ئىيۇل ۋەقەسىگە ئىككى يىل تولغان كۈنلەردە، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئاچچىق تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش بىلەن تەڭ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن بولغان ئورتاقلىق ۋە پەرقلىق تەرەپلىرى ھەققىدىمۇ مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزمەكتە.

بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزگە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار گېرمانىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش تەپتىشى نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندىلەر.

بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزنىڭ مېھمانلىرى ئىلگىرىكى 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى شۇنداقلا قاتناشقۇچىلىرىدىندۇر. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدىكى نامايىش بىلەن 12-دېكابىر ھەرىكىتىدە قانداق ئوخشاشلىقلار ۋە پەرقلەر بار دېگەن تېمىدىكى سۆھبىتىمىزنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.