0:00 / 0:00
ئۇلار 3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە، سامسۇن قاتارلىق شەھەرلىرىدە 10 مەيدان ئويۇن قويۇپ تۈرك تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇلار ئويۇنلىرىدا «شىنجاڭ رايونى» ئاتالغۇسىنى ئىشلەتتى ۋە نومۇرلىرىدا ئۇيغۇرچە، قازاقچە، تاجىكچە، خىتايچە ۋە موڭغۇلچە نومۇرلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق بەختلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشتى.
20 يىلدىن بېرى ھېچقانداق ئۇيغۇرنى تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۇنياسى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلمىغان خىتاينىڭ بۇ يىل 45 كىشىلىك بىر ئۆمەكنى تۈرك دۇنياسى نورۇز پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇشىدىكى مەقسەت نېمە. بۇنىڭغا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قانداق قارايدۇ؟
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.