خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياش زىيالىيلىرىنى خىتاي ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ چېنىقتۇرۇشتىكى ئەسلى مەقسىتى نېمە؟

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدە 2002-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىشسىز قالغان ياشلاردىن 22 مىڭنى، ئۇيغۇر رايونىغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە بۇ يىل ئىچىدە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ چېنىقىشقا ئەۋەتىش سىياسىتىنى بەلگىلەپ تۇنجى تۈركۈمدە 2654 ياشنى 24-مارت كۈنى پويىز بىلەن خىتاي ئۆلكىلەرگە يولغا سالغان ئىدى. چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش دېگەن نام بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ سىياسىتىنى، خىتاينىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىشتىن ئىبارەت سىياسىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئوتتۇرىغا قويماقتا.
بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى رەئىسى شۇنداقلا مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ خادىمى زۇبەيرە خانىمنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.