ئىچكىرى خىتايغا بارىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا قانداق تارىخىي ۋەزىپىلەر ئارتىلماقچى؟

ئىچكىرى ئۆلكىلەردە چېنىقىشقا ئەۋەتىلىدىغان 22 مىڭ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشسىز قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2654 نەپىرى ئوتكەن پەيشەنبە كۈنى پويىز بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۇزىتىلدى.

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى چېنىقىشقا ئەۋەتىشنى، 2002-يىلىدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشسىز قالغان ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشالماسلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تەدبىرى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تەدبىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدە تۈرلۈك گۇمان ۋە ئەندىشىلەرنى مەيدانغا چىقارماقتا.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان خىتاي ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىگە ئاپىرىپ ئىككى يىل تەربىيىلەش پىلانى بويىچە، دەسلەپكى تۈركۈمدىكى 2654 نەپەر ياش 24-مارت كۈنى تەربىيىلىنىدىغان جايلارغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى تارقاتقان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى يىل ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان 22 مىڭ ياش ئاساسەن 2002-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يىغىلغان ئىشسىز ياشلار بولۇپ، بۇ يىل 12 مىڭ، كېلەر يىلى يەنە 10 مىڭى ئەۋەتىلىدىكەن. بىرىنچى تۈركۈم يولغا سېلىنغان ئىككى مىڭ 600دىن ئارتۇق ياشنىڭ ئىچىدە خىتايدىن باشقا مىللەت ياشلىرى 83.7% نى، قىزلار بولسا 61.2% نى ئىگىلەيدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان خىتاي ئۆلكە شەھەرلىرىگە بارىدىغان ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياشلار بارغان جايلىرىدا ئىككى يىل ئەتراپىدا تۇرىدىكەن، بىر يېرىم يىل تەربىيىلىنىشكە، يېرىم يىل پراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ئۇلار كەسىپلەر بويىچە تەربىيە ۋە پراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا ئاساسەن سىياسىي قانۇن، خىتاي تىلى، ئاساسىي قانۇن، پەلسەپە قاتارلىق سىياسىي نەزەرىيىۋى دەرسلەرنى ئۆگىنىدىكەن، چېنىقىشتىن كېيىن ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىگە قايتىپ كەلسە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن ۋە ياكى بارغان جايلىرىدا قىلىشنى خالىغانلارغا جايلار ماسلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىكەن.

خىتاينىڭ تەشۋىقات خەۋەرلىرىگە قارىغاندا،خىتاي ئۆلكىلىرىگە تەربىيىلىنىش ۋە چېنىقىشقا بارغان بۇ ياشلار ھەقسىز تەلىم، ھەقسىز ياتاق ۋە تاماققا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا، ھۆكۈمەت ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا، ھەر ئايدا 500يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئاجرىتىدىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن بۇ ئوقۇغۇچىلار سەپەرگە چىقىش ئالدىدا «سىلەر شەرەپلىك سەپەرگە چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە شەھەرلەرگە تەربىيىلىنىش ۋە چېنىقىشقا بارىسىلەر، بۇ شىنجاڭنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى بىر چوڭ ئىش بولۇپلا قالماي، سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر باشلىنىش نۇقتىسى» دېگەن.

ئۇ يەنە، ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئۆلكىلەرگە بارغاندىن كېيىن مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتتىكى ئوخشىماسلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، شۇ جاينىڭ خىزمەت رىتىمى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا تېزدىن ماسلىشىشنى تەلەپ قىلغان.

ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان سۆزىدە «بۇ بىر تارىخىي ۋەزىپە» دەپ تەكىتلىگەن شۇنداقلا ئۇلارنى «پۇرسەتنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىرادىلىك ھەم ئىقتىدارلىقلاردىن بولۇپ كېلىڭلار» دەپ ئۇزاتقان.

كۇچا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان بىر ياش كادىر كۇچا ناھىيىسىدىن 51 نەپەر ئىشسىز ياشنىڭ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە چېنىقىشقا ئەۋەتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئالدىدا ئىمتىھان ئارقىلىق تاللاش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

خوتەن ۋىلايەتلىك كادىرلار ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر سىياسىتىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: خوتەندىن بۇ قېتىم ئۈچ يۈز ياش ماڭدى، ئۇلارنى نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان شەھەرلەرگە ئەۋەتىشتىكى مەقسىتىمىز، ئۇلارنىڭ جايلاردا ئىدىيىسىنى ئېچىپ، ھەر خىل بىلىم-تېخنىكا جەھەتتىكى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، رىقابەتلىشىش قابىلىيىتىگە ئىگە، ئاساسىي قاتلامغا ھېقىقى چۆكۈپ، خىزمەت قىلالايدىغان كېرەكلىك ئاۋانگارتلاردىن قىلىپ تەربىيىلەش.

بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتا -ئانىلارنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشسىز ياشلارنى خىتاي شەھەرلىرىگە ئاپىرىپ چېنىقتۇرۇش پىلانىغا قارىتا قانداق ئىنكاستا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدە، قەشقەرنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدىكى بىر ئۇيغۇر دېھقان ئاتا، گەرچە بۇ چېنىقىش ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشسىز يۈرۈۋاتقان قىزىغا نىسبەتەن بىر ئۈمىدتەك كۆرۈنسىمۇ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر سىياسىتىنىڭ تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك ياخشى بولۇشىغا يەنىلا ئانچە ئىشىنەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارقاتقان خەۋەرلىرىدە، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر پىلاننى بۇلتۇر 7-ئايدا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، «ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە شەھەرگە ئەۋەتىپ ئىككى يىل چېنىقتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئازاد قىلىپ، كەسىپ ئىقتىدار جەھەتلەردىن تەربىيىلىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا، رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، پەقەت جۇڭگودەك ھەر مىللەت ئاممىسى ئىناق ياشايدىغان چوڭ ئائىلىدىلا مۇشۇنداق پۇرسەت بار» دەپ تەشۋىق قىلماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەردە،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشسىز ياشلارنى خىتاي ئۆلكە شەھەرلەرگە ئاپىرىپ چېنىقتۇرۇش پىلانىدا يەتمەكچى بولغان نىشانىمۇ ئاشكارىلانغان بولۇپ ئۇنىڭدا، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە ھەر مىللەت ياشلىرىنى تەربىيىلەش ۋە چېنىقىشقا ئەۋەتىش، ئىككى خىل تارىخىي ۋەزىپىنى ئادا قىلالايدىغان كېرەكلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەشكە پايدىلىق دېيىلگەن. بىرى شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئامانلىقى ۋە ئاپتونوم رايون ئىچى سىرتىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا مەدەنىيەت ئىدىيە ئۆگىنىش، خىزمەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشتە رول ئوينىيالايدىغان يەنە بىرى جۇڭگونىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي سىياسىي ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان، ئىشەنچلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر قوشۇنىنى تەربىيىلەشتە ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ كۆرسىتىلگەن.

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەلۇماتلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتايغا ئاپىرىپ تەربىيىلەش، چېنىقتۇرۇش پىلانىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر پىلانىنى ھەرگىزمۇ تەشۋىقاتتىكىدەك ئىشسىزلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە ياكى ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولماستىن ئۇ يەنىلا «ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل پاراۋان ماكان قۇرۇش» دېگەن شوئارى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنى ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ كونترول قىلىش ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تېزلىتىش سىياسىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بۇ ھەقتە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ياشلىرى پەقەت خىتاي ئۆلكىلەرگە بېرىپ چېنىققاندىلا ئىختىساسلىق ئىشەنچلىك ياشلارغا ئايلىنامدۇ؟ ئۇنداقتا خىتاينىڭ بۇ چېنىقتۇرۇشتىكى مەقسىتى نېمە؟ دېگەن نۇقتىدىن مۇلاھىزىلىرىنى كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدىن ئاڭلايسىلەر.