ئۇيغۇرلار تارىخىغا «جاھانگىرلىك نەزىرىدە قاراش» قازاقىستاندا تەنقىدكە ئۇچرىدى

ئۆتمۈشتىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ئۆزىنىڭ ھازىرقى تارىخىي ماكانى، يەنى خىتاينىڭ قول ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدە بىر قانچە مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ، مەركىزىي ئاسىيا تارىخىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن.

0:00 / 0:00

پەقەت ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ ئۆزىدىلا ئۇيغۇرلار چەتئەل باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىر قانچىلىغان قوزغىلاڭلارنى كۆتۈرۈپ، مۇستەقىللىققە، ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشىنى، ئۈمىدىنى نامايىش قىلغان ھەمدە ئوتتۇزىنچى يىللاردا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، قىرىقىنچى يىللاردا بولسا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋۇجۇدقا كەلگەن، ئەمما بۇ مۇستەقىل دۆلەتلەر خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق جاھانگىر مەملىكەتلەرنىڭ سىياسىتى، تىل بىرىكتۈرۈشى تۈپەيلى گۇمران بولغان ئىدى. بۇ ھەقتە دەلىللەرنى كۆپلىگەن تارىخىي مەنبەلەردە، دۇنيا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەمگەكلىرىدە ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا قارىماي، تارىخنى بۇرمىلاش، ھەقىقەتنى يوشۇرۇش، بىر خەلقنىڭ غۇرۇرىغا تېگىش، ئۇنى كەمسىتىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرمەكتە. بۇ، ئەلۋەتتە، شۇ خەلقنىڭ غەزەب-نەپرىتىنى قوزغىماي مۇمكىن ئەمەس.

يېقىندا قازاقىستاندىكى «ئارگۇمېنتى ئى فاكتى» ھەپتىلىكىنىڭ مۇشۇ يىلقى 27-سانىدا ئېلان قىلىنغان سىياسەتشۇناس كونستانتىن سىرويېژكىننىڭ «شىنجاڭ پاجىئەسى ئىككى يىلدىن كېيىن. ش ئۇ ئار دىكى توقۇنۇشنىڭ ئەپسانىلىرى ۋە ساۋاقلىرى توغرىلىق» ماۋزۇسىدىكى سۆھبىتى ئەينە شۇنداق مەزمۇندىكى تارىخىي بۇرمىلاشلارنىڭ، ئاساسسىز ئەيىبلەشلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ قازاقىستاندىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى پەيدا قىلغان. ماقالىدە ئورۇن ئالغان بەزى پىكىرلەرنىڭ ھەقىقەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمدە دۇنيا مىقىياسىدا تونۇلغان تارىخچى ئابلەت كامالوف يارقىن پاكىتلار بىلەن دەلىللەپ چىققان. ئۇ ئۆزىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار تارىخىغا جاھانگىرلىك نەزىرىدە قاراش» دەپ ئاتالغان ماقالىسىدە خىتايشۇناس ك.سىرويېژكىننىڭ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق پاجىئەنىڭ كېلىپ-چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ شەخسىي نۇقتىئىنەزىرىنى ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن يۇقىرىدا ئاتالغان گېزىت ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن شەكىللەنگەن ئىلگەركى مەۋقەسىدىن ھېچ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ:
‏-ئەمما ش ئۇ ئا ر دا 2009-يىلى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى، ئېتنىك زىددىيەتلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى يورۇتۇشتا ۋە بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرگە ئاساسلىنىشىدىكى ئالاھىدىلىكلەردە ك. سىرويېژكىننىڭ بىر تەرەپلىمىلىككە ۋە خىلى دەرىجىدە غەرەزلىككە يول قويۇشى قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا مەجبۇر قىلدى. سۆزۈمنى سۆھبەت بەرگۈچىنىڭ مېنى ھەيران قالدۇرغان دەۋاگەرلىكىدىن باشلىماقچىمەن. ئۇنىڭ «ئەپسانىلەر ۋە خىتايدىكى ئېتنىكىلىق بۆلگۈنچىلىك ھەقىقانىيىتى ھەم مەركىزىي ئاسىيا بىخەتەرلىكى» دەپ ئاتىلىدىغان كىتابىنىڭ ماۋزۇسىغا ئوخشاش، بۇ قېتىمقى مۇلاھىزىلىرىنىڭ مەركىزىدىمۇ يەنە شۇ «ئەپسانە» سۆزى تۇرىدۇ.

شۇڭلاشقا ك. سىرويېژكىن ئوقۇرمەنلەر ئالدىدا قانداقتۇر بىر ئەپسانىلەر (يەنى ئىسپات-ئاساستىن جۇدا بولغان تەسەۋۋۇرلار) نى پاش ئەتكۈچى سۈپىتىدە گەۋدىلىنىدۇ ۋە پەقەت ئۆزىلا بىلىدىغان «ھەققانىيەت» كە كۆپچىلىكنى ئىشەندۈرمەكچى بولىدۇ. ئەمما شۇ نەرسە دىققەتكە سازاۋەركى، - دەپ دەۋاملاشتۇرىدۇ. ئا. كامالوف،‏- ك. سىرويېژكىن ئەپسانىلەرنى «پاش قىلىش» ئارقىلىق ئۆزىنىڭمۇ يېڭى ئەپسانىلەرنى توقۇۋاتقانلىقىنى بايقىمايدۇ. ئۇنىڭ زامانىۋى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ئۇيغۇرلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان تېررىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، دېگەن پىكرى ئەينە شۇنداق ئەپسانىلەرنىڭ بىرى. ئا. كامالوف بۇنىڭ ئاساسىدا سوۋېت خىتايشۇناسى ئاناتولىي مالياۋكىننىڭ «9 ‏- ۋە 12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى» ناملىق كىتابىدا باشلىغان مۇنازىرىنىڭ ياتقانلىقىنى، مەزكۇر كىتابتىمۇ ئۇنىڭ مۇئەللىپى پىكىرلىرىدە قارىمۇ-قارشىلىقنىڭ بارلىقىنى، ئۆتمۈشتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تېررىتورىيىسىدە خىتايغا بېقىندى بولمىغان دۆلەتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى، ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر، خىتاي ۋە باشقا تىللاردىكى قول يازمىلارنىڭمۇ ئىسپاتلايدىغانلىقىنى، بۇنى ك. سىرويېژكىننىڭ ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ئۇنىڭ بۇ دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ دەپ ئېيتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
-مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ پەقەت ئاھالىسىلا ئۇيغۇر بولۇپ، ئەمدى دۆلەتچىلىكنىڭ كىمگە تەئەللۇقلۇقى نامەلۇم ئىكەنمىش. شۇنىڭ ئۆزىدە مەزكۇر دۆلەتلەرنى بەرپا قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋىتى، ك. سىرويېژكىننىڭ پىكرىچە، «تامامەن يىراقمىش». بۇ يەردە شۇنى قەيت قىلىش لازىمكى، زامانىۋى ئۇيغۇرلار بىلەن قەدىمىي ئۇيغۇرلار مۇناسىۋىتىنىڭ يىراق ئىكەنلىكىنى تەستىقلەش نەقەدەر ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولمىسا، شۇ قەدەر ئىدېئولوگىيىلىك ۋە سىياسىي مەقسەتكە يېقىندۇر.

ئا. كامالوف زامانىۋى يەرلىك تۈركىي خەلقلەردىن قازاقلار، ئۆزبېكلەر، قىرغىزلار ۋە تۈركمەنلەرنىڭ ھازىرقى دۆلەتلىرىنىڭ زېمىنىدا شەكىللەنگەنلىكىنى ھەم شۇنىڭغا مۇۋاپىق شۇ زېمىندا قەدىمدىن مەۋجۇت بولغان بارلىق دۆلەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مىراسخورلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەئەللۇق بارلىق تارىخلارنىڭ، بۇ يەرلەردە بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەرپا ئېتىلگەن بارلىق دۆلەتلەرنىڭ مىراسخورلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. تەتقىقاتچى شۇنداقلا ك. سىرويېژكىننىڭ 2009-يىلقى ئۈرۈمچى ۋەقەسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان كۈرىشى، بۈگۈنكى ئەھۋالى، تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى ھەققىدىكى پىكىر-مۇلاھىزىلىرىدە، دۆلەتمەنلىك مۇستەملىكىچىلىك تۇيغۇسىدىكى كۆز قاراشنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى، ئۇ ھەر جەھەتتىن قوللاۋاتقان، ماختاۋاتقان خىتاينىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ، مەبلەغ سېلىشىنىڭ، «ئىلمىي-تېخنىكىلىق تەرەققىيات چارىلىرى» نىڭ ئۇيغۇرلارنى ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىش ھوقۇقلىرىدىن مەرھۇم قىلىش بەدىلىگە ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ھەمدە ك. سىرويېژكىننىڭ كۆپ جەھەتتە مەنتىقسىز، ئاساسسىز، غەرەزلىك مۇلاھىزىلەرگە بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.